كۆرۈش: 2703|ئىنكاس: 5

ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
480
تۆھپە
252
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:09:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى


   
      بالزاك ئانا توغرىسىدا توختالغاندا: مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا، دېگەن ئىدى. بۇ ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
      شۇنداق، ئانا مىللەتنىڭ ھازىرىنى تەۋەللۇت قىلىپلا قالماي، بەلكى مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىنساندۇر.
      شۇڭا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى، قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك.
      لېكىن ئۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ.
      ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز - ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇر.
      قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا، ئۆز ئاتا - ئانىڭىزنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، قۇلۇم - قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ، ئېرىڭىزگە ساداقەنمەن بولۇڭ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جىدەللەشمەڭ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ، بولۇپمۇ ياخشى - يامان كۈنلەردە، خۇشاللىق - قايغۇدا مۇڭداش، سىرداش، تەقدىرداش بولۇڭ. ئېرىڭىز ئىشقا ماڭسا ئاللاغا ئامانەت دەپ ئىشىك ئالدىغىچە تەبەسسۇم بىلەن ئۇزىتىپ قويۇڭ. ئىشتىن كەلسە قولىدىكى نەرسە - كېرەكلەرنى ئېلىپ ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئەۋزىلى ھۆرمەتتۇر.
      تېجەشلىك بولۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ تاپقان نەرسىسىنى تېجەپ قويۇڭ. بارىغا قانائەت قىلىڭ.
      بالىلىرىڭىزنى ئىقتىسادچىل، جاپاغا چىدايدىغان، راستچىل، كۆيۈمچان قىلىپ يېتىشتۈرۈڭ.
      ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئانىلار بىلىپ قىلىڭلار، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا...
      مەنبە: خاتىرەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 10:20  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
113
تۆھپە
29
UID
155
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:03:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمىز . ئائىلىدە ئايال خۇشپېئىل ياخشى مىجەزلىك بولسا شۇ ئائىلدىكى ئەر ھەم بالىلارنىڭ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ ، ئايال ھازازۇل بولسا بۇنداق ئائىلىدىن بەركەت  ، خۇشاللىق نېرى قاچىدۇ . كىيىم كېچەككە ،قاتار چايلارغا ، ئولتۇرۇش مەرىكىلەرگە ھەددىدىن زىيادە بىرىلگەن ئاياللارمۇ ئائىلىنىڭ ھالاكىتىنى چىللىغۇچىسى .
ياخشى تېمىكەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2158
تۆھپە
1041
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مېنىڭچە نۇرغۇن ئاياللار ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە  ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ . ئاياللارنىڭ خۇشاللىقى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خۇشاللىقى بىلەن باغلانغان ، شۇڭا ئۇلار قايغۇ - ئازاپلار ئالدىدا قىيا تاشتەك تىك تۇرۇپ ، قەلبىنى ئۆرتىگەن دەرت - ھەسرەتلەرنى ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ ، ھاياتنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىغا قايتىدىن يۈزلىنەلەيدۇ .
      كۆپ ساندىكى ئاياللار ئائىلىسى ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىسىمۇ لېكىن ، ئەرنىڭ چۈشىنىشىگە ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ . ئاياللارنى ئائىلىدىكى ئاشپەز ياكى مالاي قاتارىدا كۆرىدىغان ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس .
شۇنداق ئەرلەرنى ئاياللارنى چۈشىنىپ ۋە ھۆرمەتلەپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىقلىققا تولدۇرسىكەن دەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 17:56  



Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
300
تۆھپە
201
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:01:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىغا سەل قارىماسلىق كىرەك،بۇلارنىڭ مەسئۇلىتى ھەقىقەتەن ئىغىر  بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ
ھۆددىسىدىن چىقىشى ئۈچۈن ئۇلار تىخىمۇ قوللاشقا مۇھتاج،بىز ئۇلارنى قوللايلى ھەم ھۆرمەتلەيلى.


Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىدەك قەدىردان تېپىلمايدىكەن،
ئانىسىز كۆڭۈلمۇ ئېچىلمايدىكەن.
ئانىنى قەلبنىڭ چىرىغى دېسەم،
قېنى كىم بۇ سۆزگە قېتىلمايدىكەن.
ئانىلار دۇنياغا ئىللىقلىق ئاتا قىلغۇچى ئۇلۇغ ئىنسان. شۇڭلاشقا ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر.. بىز ئانىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئېسىمىزدىن ھەرگىزمۇ چىقارماسلىقىمىز لازىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1475
تۆھپە
518
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:39:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتار ئالىمى رىزائىدىن ئىبنى پەخرىدىن: << ئەرنىڭ پېقىر-گادايلىقى ئۇنىڭ نۇقسانى ئەمەس، ئەرنىڭ بايلىقىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پەزىلەت ئەمەس. ھۇرۇنلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە سەلبىي خۇلق ئەرنىڭ پاجىئەلىك ئىللەت نۇقسانى ھېسابلىنىدۇ. بىلىش كېرەككى، دۈشمەننىڭ سۆزلىرىگە ئەر چىدىسىمۇ، بۇ خىل سۆزنى ئۆز خوتۇنىدىن ئاڭلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خوتۇننىڭ ئۆز ئېرىنى مەسخىرە قىلىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتۇر. تەربىيىلىك خوتۇن باشقا خوتۇنلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ مەنسەپ، بايلىغى، كىيىم-كېچەك، زىبۇ زىننەتلىرىگە يەڭگىلتەك خوتۇنلاردەك ھەۋەس قىلىپ ئۆز ئېرىنى ئازاپلىمايدۇ>> دىگەنىدى. قىسقىسى ھەقىقىي چىن ئادىمىيلىككە ئىگە ئەر-خوتۇن ئۆز ھەمراھىنىڭ كەسپىي قىزىقىشى، ئىجادىيىتىگە يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئەقىللىق، كۆيۈمچان، مەدەنىيەتلىك ئەر-خوتۇنلاردۇر.



ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 17:08, Processed in 0.075920 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991