كۆرۈش: 6596|ئىنكاس: 14

ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتىنىڭ فامىلىسىنى ئۆزگەرتسە بو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
33
UID
27170
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:14:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتىنىڭ فامىلىسىنى ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟


      دۆلىتىمىز «نىكاھ قانۇنى» نىڭ 22 - ماددىسىدا: «پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك پىكىر» دە: «دادىسى ياكى ئاپىسى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆگەي دادىسى ياكى ئۆگەي ئاپىسىنىڭ فامىلىسىگە ئۆزگەرتىۋېتىش سەۋەبىدىن تالاش - تارتىش كېلىپ چىقسا، پەرزەتلىرىنىڭ ئەسلىي فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە بۇيرۇش لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن...
      خوش، مېنىڭ بېشىمغا مۇشۇنداق قىسمەت كېلىپ، مېنى بەكلا بىئارام قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قىزىم ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ۋاقتىدا ئۆگەي دادىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىپ، تا ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتكىنى يوق. سوتقا ئەرز قىلىشىم كېرەكمۇ - يوق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 18:21  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
417
تۆھپە
211
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:36:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بەزى يەرلىرى بىزگە ماس كەلمەيدىكەن، مەسىلەن: ئالىم ئەخمەت دىسەك ، ئاپىسىنىڭ ئىسمى گۇلزار بولسا ، ئالىم گۇلزار دىسە بۇنى قانداق چۇشۇنىمىز،
ئۇنىڭ ئۇستىگە بالا ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئارخىپ ، كىملىك ، بانكا كارتىسى ... قاتارلىقلارنى بۇرۇنقى ئىسمى بىلەن بىجىرگەن ۋە شۇ بويىچە ئارخىپقا كىرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرىتكەندە نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، بىرتال خەت خاتلىقى تۇپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشلار چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا ئويلىشىپ ئىش قىلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن. مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
213
تۆھپە
52
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 19:12:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
525تورداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلمەن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1630
تۆھپە
375
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 19:13:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەكۇم؛ دوسلار بۇ ئىشتا ئۆزمىزنىڭ  پەرزىگە تاينىپ  ھۆكۇم قىلساق بولمايدۇ،بۇنۇڭغا ئىسلام  دىندا ئېنىق  بەلگىلمە بار ،ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ ئاتىسىدىن  باشقا بىر  ئادەمنىڭ ئىسمنى  فامىلە قىلسا قەتتى بولمايدۇ،

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
370
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 19:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525تورداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلمەن.  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
577
تۆھپە
313
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 20:21:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتمىگەن ياخشى.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
467
تۆھپە
239
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 00:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(نۇر) يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 20:21
ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتمىگەن ياخشى.

ئەڭ ياخشىسى ئەمەس قەتئى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ...ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىنى ئۆزگەرتكىنىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم..لىكىن مىنىمۇ بۇرۇن شۇنداق ئىشلار بىئارام قىلغان

Rank: 4

تىللا
350
تۆھپە
163
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتمىگەن ياخشى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1703
تۆھپە
817
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 09:18:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 525نىڭ   پىكىرنى قوللىنىمەن سىز ئايالىڭىز بىلەن ئاجىراشقاندا  يەنى قىزىڭىزنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بۇنى ئو يلىمىغانمۇ ؟ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلى سىزدىن خىلىلا قالغان ئىكەن..ئەپسۇس قىزىڭىز نۇرغۇن رەسمىيەتلەردە ئۆگەي ئاتىسىنىڭ پەمىلىسىنى قوللىنىپتۇ ؟بەلكىم قىزىڭىزنىڭمۇ كۆڭلى سىزدىن قالغان بولۇشى مۇمكىن بالىنى تىپىش بىرئىش،بىقىپ تەربىيلەش ،ئەڭ مۇھىم بىر ئىش ئامال يوق تاللاش شاللاش يەنىلا قىزىڭىزدا ...................

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2221
تۆھپە
1058
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 10:45:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
      ئەلۋەتتە ، ئۆز ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىش كېرەك - تە ، مېنىڭ ئاتا - ئاناممۇ ئاجرىشىپ كەتكەن ، مەن ئىزچىل ئاپام بىلەن بىللە تۇردۇم . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىدىغان ۋاقتىمدا ئاپام دادامغا ئاچچىقى بولغاچقا ، مېنىڭ ئۇنىڭ فامىلىسىنى قوللانماي ، ئۆز ئىسمىنى فامىلە قىلىشىمنى ئېيتقان ئىدى ، لېكىن مەن دادامنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىمەن دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالغاچقا ، ئاپاممۇ بەك زورلاپ تۇرۇۋالمىغان ئىدى ، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بۇ فامىلىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن  ھەم قوللىنىش زۆرۈر دەپ قارايمەن  . گەرچە مەن دادام ۋە ئاپام جەم بولغان ئائىلىدە بىرەر كۈنمۇ تۇرۇپ باقمىغان بولساممۇ ، لېكىن مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ كىشىنى يەنى دادامنى ئەبەدىي ھۆرمەتلەيمەن .
   قىزىڭىزنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانمىغانلىقىغا ھەيران بولىۋاتىمەن  .
  لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزقارىشى ئوخشىمايدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:34, Processed in 0.080832 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991