كۆرۈش: 146999|ئىنكاس: 46

چۈش تەبىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 22:52:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلاۋە

         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، بۈگۈن مۇنبەردىكى دوستلارغا گەرچە كونا مەزمۇن بولسىمۇ، لېكىن مەڭگۈ كونا ھېسابلانمايدىغان بىر يازمامنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇنماقچىمەن. بۇ يازمامنى بۇندىن مۇقەددەم 13 يىلنىڭ ئالدىدا(1998-يىلى ئالماس كومپيۇتېر شىركىتى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلگەن)  كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ تەييارلىغان ۋە 2003-يىلى قايتىدىن رەتلەپ توربېكەتتە ئېلان قىلغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ تېما بۇ يەردە ئېلان قىلىندى. مۇشۇ تېمىغا ۋە مەزمۇنغا ئوخشاش بولغان ئېنتىرنت تورىدىكى بارلىق مەزمۇنلار پىقىرنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ تېمىنى بۇرۇن باشقا يەردە كۆرگەنلەر، مېنى ئەيىبلەپ كەتمەڭلەر يەنە.... بۇ مەزمۇن يەنە ئۆز ئىگىسىنىڭ قىشىغا كەلدى خالاس. گوگىل تورىدىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم. نەتىجىسىدىن ھەيران قالدىم. بۇ يەردىكى مۇنبەر داشلىرىمنىڭمۇ بۇ كىچىككىنە سوۋغامدىن رازى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.


چۈش تەبىرى


چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدەنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتېرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بېرىش ۋە ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .
تۆۋەندە ئۆزۈم توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز.

            ھۆرمەت بىلەن بىلگئەر


        بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسۇن .
1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .
2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .
3. مەسچىتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .
4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .
6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .
8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازابقا گىرىپتار بولۇر .
10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .
11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .
12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
13. ئېشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .
14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .
15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .
16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەست قىلۇر .
17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .
18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .
19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .
20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .
21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .
22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .
23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .
25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .
26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .
27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .
28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .
29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخور بىلەن دوست بولۇر .
30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .
31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .
32. ھۆپۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .
33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .
35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .
36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلققە باش بولۇر .
39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .
40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .
41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر .
42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .
43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .
45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .
46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .
47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .
48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلققە باشلىق بولۇر .
49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .
50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .
52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .
53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .
54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .
56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .
58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .
59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر .
60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .
61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .
65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .
66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .
67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .
68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يېتەر .
69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر .
70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .
71.بەدىنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .
72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .
74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .
75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەرىكەت كىلۇر .
78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .
79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .
80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .
82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .
84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .
86. ئاتتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .
87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .
88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .
90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .
93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .
96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .
97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .
98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .
99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .
101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرۈشەر .
102. چېسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .
103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .
104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .
107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .
108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .
109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .
110. شېكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .
112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .
113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .
114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .
115. كەكلىك كۆرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەنت بېرەر .
116. قارچۇغا كۆرۈپ چۈش كۆرسە دوستى قولىغا كېلۇر .
117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .
118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
119. سۇرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .
121. سۇرە ياسىن ئوقۇپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .
122. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .
123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە ئابروي كۆتۈرۈلەر .
124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاب تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .
126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .
127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
128. روھ سۆزلىسە راست سۆزلىگەي .
129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .
130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە گۈناھى تۆكۈلەر .
131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .
132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .
133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .
134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۆرسە مەرتېبىلىك بولۇر .
135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۆرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .
136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۆرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .
137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .
138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .
139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .
140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .
141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈرادىغا يېتەر .
142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .
143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .
144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۇر .
145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .
146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .
147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .
148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .
149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .
150. باش چۈشۈپ چۈش كۆرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۇر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .
151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .
152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .
153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .
154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .
155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .
156. ئاق تون كېيىپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .
157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر .
159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .
160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .
161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مېھنەتلىك بولۇر .
162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .
163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامغا قالۇر .
164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .
168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .
169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .
170. گۆرنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .
171. كېپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر .
173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .
174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .
175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .
176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .
177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .
178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .
179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .
180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس .
ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .
181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .
182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر .
183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .
184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .
185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرۈشەر .
186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .
187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .
190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر .
191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۇر .
192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر .
193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .
194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھېسابى بولماس .
195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .
196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر .

ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھېسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارغا خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم .
باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبىرى-تەمەخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۆرۈردۇر.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:42:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرەتتىم، بازار قىممەتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق ئىچىۋېلىپ بەكلا بىئارام بولۇپ چۈش كۆرەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ھاراقتىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:47:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما بىنا ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن دادامنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ھەققىدە تېلېفون ئالدىم!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1987
تۆھپە
1149
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:59:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان ئاخىرى بولۇپ چۈش كۆرسە ؟
   مەن 2012 دىگەن كىنو كۆرگەندىن بۇيان بەك تولا زامان ئاخىرى بولۇپ چۈش كۆرىدىغان بوپ قالدىم ...


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 00:35:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-16 23:59
زامان ئاخىرى بولۇپ چۈش كۆرسە ؟
   مەن 2012 دىگەن كىنو كۆرگ ...

قارىغاندا پات ئارىدا گۈزەل تۇرمۇشقا ئىرشكۈدەكسىز ،،، ئەركىشىنىڭ چۈشى تەتۈر ماڭدىدۇ ...


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2579
تۆھپە
1341
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 10:07:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .  مەن دائىم توشقان چۇش كۇرىمەن~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1269
تۆھپە
698
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 11:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان ئاخىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشى توغرا بولمايدۇ دىيىشەتتى، ھەممە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1127
تۆھپە
474
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 13:17:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن داۋاملىق بېلىق يەنە  ئۇچۇپ  شۇنداقلا مال بېقىپ چۇش كۇرمەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2718
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 14:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى ئىكەندە. تېمىڭىزغا تەشەككۈر!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:19, Processed in 0.086452 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991