كۆرۈش: 17935|ئىنكاس: 11

دۆلەت ھالقىغان يېزا پۇتبول كوماندىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6187
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:35:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۆلەت ھالقىغان يېزا پۇتبول كوماندىسى


بارشا تېگىس، جۇ بىييى



    25 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئالدىغا جۇڭگو بايرىقىنىڭ نۇسخىسى بىلەن »World the Meet )دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش(« دېگەن خەت، ئارقىسىغا »CHINA)جۇڭگو(« دېگەن خەت بېسىلغان كۆك رەڭلىك كالتە يەڭ مايكا كىيگەن بىر توپ بالىنى ئۇچراتتۇق.
    بۇ بالىلار جۇڭگوغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيە ‹‹گوتېنبۇرگ›› لوڭقىسى دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، تېخى يېقىندىلا غەلىبە قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنىدى.
    تۇرپانيۈزى يېزىلىق ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن قادىرئەيسا بىزنى مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىگە باشلاپ كىردى. بۇ پائالىيەت ئۆيىنىڭ تېمىغا زىدانى، كرىستىيانو رونالدو، مىسسى قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ سۈرىتى چاپلانغانىدى. تامغا يېقىن قويۇلغان دوسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بالىلار سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا يازغان »دۇنياغا يۈزلىنىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرىمىز!« دېگەن خەتلەر تۇراتتى.
    مەكتەپ مۇدىرى سەيپىدىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز 2005 - يىلى 9 - ئايدا 3 - يىللىقتىن 6 - يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان 15 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىدى. مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوناق ئۈزۈش، قىزىلچا كولاش ئىشلىرىغا ھەقلىق ياردەملىشىشكە تەشكىللەپ، ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق ھەم بۇ پۇلغا بالىلارغا تەنتەربىيە كىيىمى ئېلىپ بەردۇق.
    پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى تەلئەت ئەخمەتجان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: كوماندىمىز قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە مەكتەپ ۋە قوشنا كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىلىرىگە ئاندا - ساندا قاتناشقاندىن باشقا، 2010 - يىلىغىچە بىرەر رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىپ باقمىغانىدۇق، بۇ قېتىم ياخشى نەتىجە قازاندۇق.
    تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامى چىقمىغان بۇ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى 2011 - يىلى 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق )ئىلى تارماق رايونى( ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 15 كوماندا ئىچىدە 2 - لىككە ئېرىشتى. ئىككى ئايدىن كېيىن، بۇ كوماندا شىمالىي شىنجاڭ تارماق رايونى بويىچە 3 - لىككە، ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3 - لىككە ئېرىشتى.
    جۇڭگو ياش - ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى 2012 - يىلى 4 - ئايدا بېيجىڭدا »دۇنيا بىلەن ۋەدىلىشىش« ئۈمىد قۇرۇلۇشى ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋەكىللەر كوماندىسى ئەۋەتتى. تۇرپانيۈزى يېزىلىق ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە 60 توپ كىرگۈزۈپ، 0 گە قارشى 18 نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، جۇڭگوغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيەگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش »يول خېتى«گە ئېرىشتى.
    شىۋېتسىيەدىكى گوتېنبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە 83 دۆلەتتىن كەلگەن 1625 كوماندا 12 ياش، 14 ياش، 16 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى. تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى تۇرۇشلۇق 12 ياشلىقلار ئايرىمىسىدا 146 پۇتبول كوماندىسى بار ئىدى.
    تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 13 - ئىيۇل شاڭخەيگە بېرىپ، ئەتىسى شىۋېتسىيەنىڭ گوتېنبۇرگ شەھىرىگە قاراپ ئۇچتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سەپەرگە ئاتلانغاندا نان ۋە قورۇغان گۆش ئېلىۋالغانىدى.
    مۇسابىقە باشلاندى. 1 - مەيدان مۇسابىقىدە تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى، 2 - مەيدان مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ يەنە بىر كوماندىسىنى، 3 - مەيدان مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 1 نەتىجە نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى، 4 - مەيدان مۇسابىقىدە 1 گە قارشى 10 نەتىجە بىلەن شىۋېتىسيەنىڭ يەنە بىر كوماندىسىنى، 5 - مەيدان مۇسابىقىدە 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن گىرېتسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
    6 - مەيدان مۇسابىقىدە، تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك سىپرۇس كوماندىسى )ئەڭ ئاخىرىدا 2 -لىككە ئېرىشكەن( بىلەن 90 مىنۇت مۇسابىقىلىشىپ، 2 دە 2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئۇزارتىلما مۇسابىقىدە ئىلى ۋادىسىدىن كەلگەن بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر 6 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى.
    غۇلجا ناھىيەسى 24 - ئىيۇل كەچ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر ئۈچۈن تەبرىكلەش زىياپىتى بەردى.
    بىز بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كىرگۈزگەن ئەلى بۇ يىل 13 ياشقا كىرگەن، بىز ئۇنىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا خۇش بولدىڭىزمۇ ياكى توپ كىرگۈزگەندىمۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي: توپ كىرگۈزگەندە بەك خۇش بولدۇم، دېدى.
    6 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئەلى خەنزۇچىنى خېلى ياخشى سۆزلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى دېھقان بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ قوي، كالىلارنى باقىدىكەن، بۇغداي ئورۇيدىكەن. ئەلى بالىلارنىڭ 2 - سى ئىكەن، ئۇنىڭ ئاكىسىمۇ پۇتبولنى ياخشى ئوينايدىكەن. ئەلى شىۋېتسىيەگە مېڭىش ئالدىدا ئانىسى ئۇنىڭغا خېلى كۆپ نان يېقىپ بەرسە، ئۇ ئاران تۆتنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.
    ئەلى بۇ كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىسى بولۇپ، رونالدوغا بەك چوقۇنىدىكەن. ئۇ: پۇتبول ئويناش ماھارىتىمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى.
    بۇ يىل 9 ياشقا كىرگەن ئەرافات بۇ كوماندىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى. ئۇ شىۋېتسىيەدە يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى.
    بىز پۇتبول مەيدانىدا ئەرافاتنىڭ دادىسى جالالىدىننى ئۇچراتتۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، بالىسى بىلەن مەكتەپداش ئىكەن، ئۇمۇ پۇتبولغا ئامراق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن غۇلجا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىكەن.
    بۇ كىچىك پۇتبولچىلارنى ئاتا - ئانىلىرىمۇ، مەكتەپمۇ قوللىغان. مەكتەپ مۇدىرى سەيپىدىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا پۇتبولغا ئامراق ئىكەن، ئۇ ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابلەت ناھىيەلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپتىكەن.
    <<بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى ئۇلار رېئاللىققا ئايلاندۇردى>>، دېدى ئەينى چاغدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى سەيپىدىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
661
تۆھپە
149
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش ئوغلانلىرىمىزنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
6318
تۆھپە
567
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 22:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ كەلگۇسىگە كۆڭۇل بۆلۇش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى .


مېھرى ئىسسىق لوپنۇرغا يېتىپ كەلدىم .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2161
تۆھپە
1042
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:52:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
           بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ خۇددى ئۇلارنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى جۇشقۇنلىقىنى ، سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان پۇتبول ماھارىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
ئۇلارنىڭ پۇتبول ھاياتىدا تېخىمۇ زور شان - شەرەپلەر قۇچۇشىغا تىلەكداشمىز !


Rank: 3Rank: 3

تىللا
121
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:06:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
((ئۇيغۇر چىقسا مەن چىقتىم دىگىن))........ئۇلار قىزىلچا كولاپ،بۇغداي ئۇرۇپ پۇل تېپىپ كوماندا كىيىمىنى ھەل قىپتۇ.كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ بۇغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نىمە تۇرۇپ قالدى....ئىسىت بىر كىچىدە نەچچە ئونمىڭ يۇەنلىك ئۈستەلنى بولاپ پۇل-بۇزۇپ چاچىدىغان ئەمەلدار،باي-غۇجاملار......كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىڭلار زەھەر بىلەن دوستلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز.....بارىكاللا ئوغلانلىرىمىز.يەنىمۇ تىرىشىڭلار،سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز....


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
401
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:07:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا كىچىك ئەزىمەتلەر، سىلەر بىزنىڭ دۆلەت كوماندىمىز بىلەنمۇ بىرەر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەلىي كۇچىنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، بۇ نىسىپ بولارمۇ؟


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
531
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 15:38:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلەر، ئاپىرىن سىلەرگە! تېخىمۇ تىرىشىڭلار! سالامەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت سىلەرگە يار بولغاي!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇغېنى
تىللا
255
تۆھپە
32
UID
8809
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:03:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز تەگمىسۇن ئەزىمەتلىرىمىزگە.تېخىمۇ زور نەتىجىلەر يار بولغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 18:04  



Rank: 1

تىللا
55
تۆھپە
9
UID
17716
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 19:19:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىسىل~~~~كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن~~~


Rank: 6Rank: 6

تىللا
517
تۆھپە
258
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يازمىنىڭ ئوقۇۋېتىپ ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆزلىرىم ياشقا تولدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جەمىيىتىمىزدىكى بەزى  بىر كىچىدە نەچچە ئونمىڭ  خەلىق پۇلىنى بۇزۇپ چاچىدىغان ئەقلى يوق ئەمەلدار، باي-غۇجاملارغا لەنىتىم ئۇرغىدى.، ئەشۇ بۇزۇپ چاچقان پۇللارنى مۇشۇنداق خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارلىرىغا، خەلق قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئۆسمۈر-ئەزىمەتلەرگە  يادەم قىلىشنىڭ شەرەپلىك ھەم ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىغان نەپسى قانماس يېرىم دەلدۈش ئەمەلدارلىرىمىزغا لەنەت ئوقۇدۇم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 13:24, Processed in 0.084458 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991