كۆرۈش: 3927|ئىنكاس: 3

يىقىلغان جەڭچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
356
تۆھپە
180
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:50:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىقىلغان جەڭچى



      بىر جەڭچى پولكوۋنىكتىن «ئادەمسىز رايون» ئەتراپىدا يىقىلغان سەپدىشىنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىجازەت سوراپتۇ. پولكوۋنىك «بولىدۇ، بىراق سەن ياخشىراق ئويلىنىپ باق، سەن مۇشۇ سەۋەبلىك جېنىڭدىن ئايرىلىشىڭ مۇمكىن، قۇربان بولغان ئۇ سەپدىشىڭنى دەپ جېنىڭدىن ئايرىلىشىڭ مۇمكىن، قۇربان بولغان ئۇ سەپدىشىڭنى دەپ بۇنداق قىلىش، مېنىڭچە ئەرزىمەيدۇ» دەپتۇ. پولكوۋنىكنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى جەڭچىنىڭ ئىرادىسىنى توسۇپ قالالماپتۇ. ئەسكەر بولسا جەڭ مەيدانىغا قاراپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ. بۇ جەڭچى مۆجىزە يۈز بەرگەندەك سەپدىشىنى يۈدۈپ جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلىشقا نەچچە مېتىر قالغاندا ئوق تېگىپ يارىلىنىپتۇ. بىراق، ئۇ قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ سەپدىشىنى يۈدۈپ ئاكوپقا كەپتۇ. پولكوۋنىڭ جەڭچىنىڭ يارىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئېيتىپ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «بۇ قىلغىنىڭ ئەرزىمەيدۇ، سېنىڭ دوستۇڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنمۇ ئېغىر يارىلاندىڭ» دەپتۇ. جەڭچى «ئەرزىيدۇ، پولكوۋنىك» دەپتۇ. «نېمە ئەرزىيدۇ؟ سېنىڭ دوستۇڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن تۇرسا!» دەپتۇ پولكوۋنىك. جەڭچى ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ:«شۇنداق، ئۇ ئۆلدى، بىراق مېنىڭ قىلغىنىم ئەرزىيدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭ: (قېرىندىشىم، چۈنكى مەن سېنىڭ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم) دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم» دەپتۇ.
       قېرىنداشلىق مۇھەببىتى، سۆيگۈ مۇھەببەت ياكى دوستلۇق مۇھەببىتىنىڭ قايسىلا خىلى بولسۇن، بۇ خىل ھەقىقىي تۇيغۇ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مۈشكۈلات ئىچىدە ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
392
تۆھپە
198
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 16:31:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەدىدۇ بىر يەردە ئۇچ خىل دوسلۇق ئۇنتۇلمايدۇ ، بىرى جەڭگاھتىكى دوسلۇق ، بىرى مەكتەپتىكى دوسلۇق ،يەنە بىرى تۇرمىدىكى دوسلۇق دەپ ، ھازىر دوستى ئۇچۇن ئۆزىنى ئاتا قىلدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2114
تۆھپە
1012
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:28:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئاشۇ ھايات - ماماتلىق پەيتتە ھەر ئىككىلا جەڭچىنىڭ قەلبى ئادەتتىكى ئادەملەر ھىس قىلالمايدىغان  ھاياجانغا تولدى  ، چوقۇم شۇنداق بولدى !


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
356
تۆھپە
180
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:13:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 10:28
ئاشۇ ھايات - ماماتلىق پەيتتە ھەر ئىككىلا جەڭچىنىڭ ق ...


  سىزچۇشنىپسىز  sarwi    شۇنداق  بىر خىل مۇھەببەت بار  دەپ قارايمەن  ، بۇجەڭچىلەر دە مانا  بۇ ھايات دەستۇرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalparas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 19:13  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 12:48, Processed in 0.076495 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991