كۆرۈش: 12172|ئىنكاس: 14

ماكرو ئالەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
236
تۆھپە
97
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 02:47:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماكرو ئالەم


1.jpg



      قۇياش سامان يولى سىستېمىسىدىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇز، سامان يولى سىستېمىسىدا قۇياشتەك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تەخمىنەن 200 مىلياردى بار. ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق، يەرشارىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇزغىمۇ نۇر تېزلىكىدە ماڭسا 4 يىل كېتىدۇ، قۇياش بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز بولۇپ، ئۇ بىزدىن 8 مىنۇت يىراقلىقتا. سامان يولىغا ئوخشاش چوڭ يۇلتۇز سىستېمىلىرىدىن سامان يولىدىن باشقا، يەنە نەچچە مىلياردى بار. بىز ئاددىي كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغان ئەڭ يىراق ئاسمان جىسمى ئاندىرومېدا بولۇپ، ئۇ سامان يولى سىستېمىسىدىن 22 مىليون 500 مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئىلمىي ئەسۋاب بىلەن كۆزەتسەك 12 مىليارد يورۇقلىق يىلى يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرەلەيمىز.

2.jpg



      ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش، يەرشارى ۋە ئاي شارىنىڭ ھەممىسى قۇياش سىستېمىلىرىنىڭ ئەزالىرى سانىلىدۇ. قۇياش تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، بىر گاز شارىدىن ئىبارەت. ھەجمى يەرشارى ھەجمىنىڭ 13 مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر، ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمىدا دائىم يادرو رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى قىسىمىنىڭ تېمپېراتۇراسى تەخمىنەن 6000 سېلتسىيە گىرادۇس، ئىچكى قىسىمىنىڭ تېمپېراتۇراسى 15000000 سېلتسىيە گىرادۇس. قۇياش قۇياش سىستېمىسىدىكى مەركىزىي ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئۆزىدىكى كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە تاينىپ ، باشقا 9 پىلانېتنى ئۆزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

3.jpg



      يەرشارىنىڭ قۇياشنى تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 1 يىل بولىدۇ. تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىش ئېنىق ۋاقتى 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنوت 46 سېكۇنت بولۇپ، بىز ئادەتتە 365 كۈننىلا ھېسابلايمىز.
      ئارىلىقتىكى پەرق كالېندار ھېسابىدا كەبىسە يىلى، كەبىسە ئېيى ئارقىلىق توغرىلىنىدۇ، شەمسىيە كالېندارىدا ھەر 4 يىلدا 2 - ئايغا بىر كۈن قوشۇلىدۇ، بىر كۈن قوشۇلغان بۇ يىل كەبىسە يىلى، باشقا يىللار ئاددىي يىل بولىدۇ.
      ئاي شارىنىڭ يەرشارى ئەتراپىدا تولۇق بىرقېتىم ئايلىنىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت مەملىكىتىمىزنىڭ دېھقانلار كالېندارىدا بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ. ئاي ھەر ئايدا بىر قېتىم تولۇق تۇتۇلدىغان بولغاچقا، قەمەرىيە ئېيى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قەمەرىيە ئېيى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29.5306 كۈن بولۇپ، بىر ئاينىڭ پۈتۈن كۈن بولۇش ئۈچۈن دېھقانلار كالېندارىدا، كىچىك ئاي 29 كۈن، چوڭ ئاي 30 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. مۇنداق بولغاندا 1 يىل 12 ئاي ھېسابلانسا، ئۇمۇمىي كۈن سانى يەرشارى قۇياش ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتتىن 11 كۈندىن كۆپرەك كەم بولىدۇ. ھەممە ئايدا ئاينىڭ بىر قېتىم تولۇق تۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىر يىلنىڭ كۈن سانىنى يەرشارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ۋاقىتقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاسترونوملار 19 يىلدا يەتتە كەبىسە ئېيى بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ توغرىلىغان.

4.jpg



      بىزنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان، بىزگە تونۇشلۇق بولغان مارىس:
      قۇياشقا يېقىن 4 - پىلانىتا، يەرشارىدىن كىچىك. قۇياشنى ئۇمۇمىي ئايلىنىش دەۋرى 687 كۈن، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى 24 سائەت 37 مىنۇت، رەڭگى سەل قىزارغان، ئەتراپى شالاڭ ھاۋا بىلەن ئورالغان بولىدۇ، ئىككى كىچىك ھەمراھى بار. ئىككى قۇتۇپىدا ئاق رەڭلىك قۇتۇپ تاجىسى بولۇپ، بۇ تۆت پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

5.jpg



      ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز 1987a پارتلىشىنىڭ نەتىجىسى. ھالقىنىڭ مەركىزىدىكى داغ بولسا يېڭىدىن شەكىللەنگەن بىر نېيترون يۇلتۇزدىن ئېبارەت (ھۇببىللى بوشلۇق تېلىسكوپى تارتقان)

6.jpg



      قورۇلۇۋاتقان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ ئەتراپقا بولغان تەسىرى. بۇ ھەر كۇب دىيومدا نەچچە مىليون توننىلىق زىچلىققا ئىگە بولغان نېيترون يۇلتۇز، كىرىتىرىك نۇقتىدا تۇرماقتا.

7.jpg



      ئايلىنىشى نۆل بولغان قارا ئۆڭكۈر

8.png



      مەنبە : فىزىكا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 17:56  


d.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1293
تۆھپە
873
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسترونومىيە ئىنتايىن سىرلىق بىر ئالەم....


Rank: 4

تىللا
273
تۆھپە
87
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 23:14:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك قىزىقىمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
997
تۆھپە
639
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 16:29:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئۈچۇنكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن مۇشۇنداق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ  سۈرەتلىرىنى كۆسەم  مىنى بىر خىل  قورقۇنۇچ باسىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
518
تۆھپە
302
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 23:33:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسترونومىيە ئىنتايىن سىرلىق بىر ئالەم....


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1484
تۆھپە
1144
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 23:59:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەكلا قىزقىمەن بۇ بىر ناھايىتى سىرلىق پەن .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:38:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەكلا سىرلىق


Rank: 2

ئىسىمى
ئابلكىم
تىللا
42
تۆھپە
20
UID
24656
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 16:03:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت يۇپتىر بۇرادەر ، بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز  مەنمۇ مۇشۇ ئاستىرونۇمىيە بىلىملىرگە ناھايتى بەك
قىزىقىمەن  ، شۇ سەۋەپتىن يىقىندا ئادەتكى كىچىك بىر تىلسىكوپتىن بىرنى ئالغان ئىدىم ، ھازىر كۇندە كەچتە
ھاۋا ئۇچۇق بولسىلا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ بۇ تىلسىكوپ ئاستىدىكى مىسلىسىز ئالەم گۇزەلىكلىرىدىن
كۈزۇمنى ئۈزەلمەي قالىمەن  مۇمكىن بولسا سىز QQ نۇمۇرڭىزنى يوللاپ قويسىڭىز بۇ كەسىپكە قىزقىدىغان
دوسلار ئۆز-ئارا پىكىرلەشسەك بۇلاتتى ، مىنىڭ QQ نۇمۇرۇم  18075528520


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2068
تۆھپە
736
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 16:32:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپ قىلسام  مەن چۈشەنمەيمەن،


Rank: 4

تىللا
236
تۆھپە
97
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:09:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tulpar.1 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 16:03
رەھمەت يۇپتىر بۇرادەر ، بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز  مەن ...

ياختۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ،
مەن سىزنى چ چ رىمغا قاچىلىۋالاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 03:56, Processed in 0.087987 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991