بۇ سۈرەتكە كىم ‹‹تېما›› قويۇپ بېرەلەيدۇ؟
مەن كۆڭۈل ئاياشنىمۇ بىلىمەن، ئەمما راست گەپنى يوشۇرالمايمەن. بۇ رەسىمنى يوللاپ، مۇنبەرداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچى يۇقىرىدىكى ماۋزۇدا خاتالىققا يول قويغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يازغىچە بولغان 43 پارچە جاۋاب ئىنكاستىمۇ تەكرار ھالدا يەنە سۆز-ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
قەلەمكەشلەرگە ئەمەس، ئاز-تولا ئەدەبىيات ئوقۇغانلارغىمۇ شۇ قەدەر ئىپتىدايى ساۋات شۇكى، «تېما» بىلەن «ماۋزۇ» باشقا-باشقا گەپ!!!
ئاپتور سىزدىن سوراپ باقاي: سىزنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭىز شۇ رەسىمگە ماۋزۇ قويۇشمۇ ياكى تېمىمۇ؟!!!
بۇنداق تەتۈر-قالايمىقان داپ چېلىنسا، ئۇنىڭغا جۈر بولۇپ ساما سېلىشمايلى!!! ئانا تىل-يېزىقىمىزنى توغرا ئىشلىتەيلى!