ئىگىسى: 吐鲁汗

بۇ سۈرەتكە كىم ‹‹تېما›› قويۇپ بېرەلەيدۇ؟ تۇرغان ئۆمەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
113
تۆھپە
29
UID
155
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:50:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۈرەتكە شۇنداقلا قارىسا قىزچاقنىڭ ياشاڭغۇراپ تۇرغان  مۇنچاقتەك قاپقارا كۆزى ئەڭ ئاۋال كۆزگە چېلىقىدىكەن  . توپىغا مىلەنگەن قوللىرى ،قارقۇمچاق يۈزى ،  رەتسىز چاچلىرى ، يۈزىنىڭ  ئوڭ تەرەپ كۆزىنىڭ يان تەرىپىدىراق ئاقىرىپ قالغان تىرناق يارىسى ،  بىلىنەر بىلىنمەس قۇشۇمىللىرىنى تۈرۈشلىرى ، سەپسېلىپ قارىسا كۆزىدىكى ھېتىرقاش ۋە قورقۇشقا ئوخشاپ كىتىدىغان مۇرەككەپ ھېسياتلار بىلەن قۇشۇلۇپ بالىنى تولىمۇ مۇڭلۇق ، مىسكىن كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن . شۇڭا بۇ رەسىمگە غېرىپلىق دەپ ئىسىم قويسا مۇۋاپىق بۇلۇرمىكىن .
تارىم يېزىسىدا تارتتىڭىزمۇ نىمە بۇ سۈرەتنى ؟  


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
401
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:20:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزغا قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ قالدى .
مەن بۇ رەسىمگە «ئىلتىجا» دەپ ئىسىم قويغۇم كەلدى . ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى بىر خىل ھېسيات ، قورقۇنىچ ئىچىدىكى غەمنى ھېس قىلدىم .


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:54:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  نەخ مەيداندا يوق  شۇڭا  تېما قويماي!!


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
401
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:08:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musaper يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 14:54
مەن  نەخ مەيداندا يوق  شۇڭا  تېما قويماي!!

ئۇنداق قىلماڭ مۇساپىر بۇرادەر ، بەلكى ئۇ قىزمۇ مۇساپىردۇر، تەقدىرداش بولۇپ قالماڭ يەنە ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
1023
تۆھپە
539
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


          يىتىرقاش دىسىمۇ بولغۇدەك،قىز بالىنىڭ قۇلىغا خىنە سۇرتۇلگەن،كىيىمىمۇ
  خېلى پاكىز.قارىغاندا بۇ سەبىي قىز بالا سۇرەتچىدىن يىتىرقاپ تۇرغاندەك.شۇڭا
   بۇ سۆرەتنىڭ نامىنى «يىتىرقاش» دىسەك مۇئاپىق بولغۇدەك.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
207
تۆھپە
51
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:28:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        ئاھ-ئۇيغۇرۇم  

ياكى‹21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر›دەپ قويساڭلىمو بولدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:42:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 15:08
ئۇنداق قىلماڭ مۇساپىر بۇرادەر ، بەلكى ئۇ قىزمۇ مۇساپى ...

ئاللا  - ئاللا  ئۇنداق بولمىغىيدى   مەنلام تارتاي  بۇدەتنى


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
تۇرسۇنجان مۇھەممەت
تىللا
146
تۆھپە
54
UID
647
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:43:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېتىرقاش دەپ قويساق، بالىنىڭ كۆزلىرى بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ. يېتىرقاش يات كۆرۈش، تارتىنىش مەنىسىگە يېقىنراق كېلىدىغان تۇيغۇنىڭ ئاتىلىشى. بىراق قىزنىڭ كۆزلىرىدە قورقۇش، تەمتىرەش، ئېسەنكىرەش، ھودۇقۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇرەككەپ تۇيغۇ باركەن. شۇڭا يېتىرقاش دېگەن ماۋزۇ دېگەندەك ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە، ئەندىكىش دەپ ماۋزۇ قويساق قانداق بولۇركىن؟ ئەندىكىش چۈچۈش، قورقۇش ۋە ھۇدۇقۇش مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 16:08:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەئەججۈپ» !


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2171
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 16:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلارمەن؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:10, Processed in 0.069282 second(s), 17 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991