كۆرۈش: 12580|ئىنكاس: 10

«رابىيە-سەيدىن» ئوپېراسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:54:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«رابىيە-سەيدىن» ئوپېراسى توغرىسىدا  


-5-2 (1).JPG



     2010-يىلى 20-سىنتەبىر كۈنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر خۇشاللىق كۈن بولدى.چۈنكى، بۇ كۈنى مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ئاكىمىز مېنى ئىزدەپ قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن دەرھال كۆرۈشۈپ، ھەم خۇشال،ھەم ھەيران بولغان ھالدا ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتىم. ئەسلىدە تەشنايى ئاكىمىز مەندە كۆپلىگەن دراما-كىنولارنىڭ پىلاستىنكىلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ پىلاستىنكىلارنى ئېلىش ۋە مەن بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە مەكتەپكە چىققانىكەن. مەن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇ پىلاستىنكىلارنى بۈگۈنلا قولىغا تەگكۈزۈش ئۈچۈن ۋەدە بەردىم ھەمدە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتۇق. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ تەشنايى ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشۈشتى. مەن بۇ چاغدا بۇ مەكتەپتە پېنسىيىگە چىققانلىقىم ئۈچۈن تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىم. كەچتە مەن تەشنايى ئاكىمىز يازغان دىراممىلاردىن : «رابىيە-سەيدىن»،«مۇقام ئۇستازى»،«كۆمۈلمەس ئىزلار»،«ئەزىزە» قاتارلىق دىراممىلارنىڭ پىلاستىكىسىدىن بىر نۇسخىدىن سوۋغا قىلدىم. تەشنايى ئاكىمىز ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. شۇ چاغدا تەشنايى ئاكىمىز قەشقەردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلسىگە كىرىپ، ئۇلارنى يوقلاپ چىقتىم ھەمدە سىردىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم.ئۇ 1978-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىق خىزمىتى ئۈچۈن كەلگەندىن كېيىن، ئۇ دەسلەپ لەپەر ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى ئاندىن كېيىن«باي بولۇش يوللۇق»دېگەن ئېيتىشىشنى يېزىپ، سەھنىدە كۆرسۈتۈلۈپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇ دەسلەپتە «ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتلىرى تاتلىقمۇ؟»دېگەن بىر پەردىلىك دىرامىنى يېزىپ چىقىپتۇ. بۇ دراممىنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرۈپ، ئاممنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. 1980-يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە «مەسىلىھەت چېيى»،«رابىيە-سەيدىن»،«مۇقام ئۇستازى»،«كېچىككەن توي»،«جەنۇپتىكى جەڭ»، «كۆمۈلمەس ئىزلار»،«ئەزىزە» (تىراگىدىيە)قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، سەنئەت ئۆمەكلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ، سەھنىلەشتۈرۈش ئارقىلىق رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىمىزنىڭ درامما سەنئىتىگە بولغان مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. بۇ دراممىلار سەھنىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشنايى ئاكىمىزغابولغان  مەدىھيە سۆزلىرى ۋە ئالقىشلار ياڭراپ كېتىپتۇ. مەن تۆۋەندە تەشنايى ئاكىمىز يازغان «رابىيە-سەيدىن» ئوپىراسىنىڭ مەزمۇنى ۋە  مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدىكى قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

رابىيە-سەيدىن (ئوپىرا)


cap02.jpg


     ئۇيغۇر كىلاسسىك ئوپىراسى «رابىيە-سەيدىن»-مىلادى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شائىرى-ئابدۇرىھىم نازارىنىڭ «رابىيە-سەيدىن» داستانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا رابىيە بىلەن سەيدىن ئۆمۈرلۈك بىر جۈپ بولۇشنى ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ لېكىن رابىيەنىڭ دادىسى-ياقۇپباي سەيدىننى كەمبەغەل كۆرۈپ، قىزىنى ھەمدەمبەگكە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ. چىن مۇھەببىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامالسىز قالغان ئاشىق-مەشۇقلار رابىيەنىڭ ئانىسى-تىللا خېنىمنىڭ ياردىمى بىلەن يىراق يۇرۇتلارغا قېچىپ كېتىدۇ. بىراق بۇ قاراڭغۇ كونا جەمىيەتتە ئۇلارغا نەدىمۇ باش تىققۇدەك ئورۇن بولسۇن؟ ئۇلار يول ئۈستىدە باينىڭ يالاقچىللىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، سەيدىن زىندانغا تاشلىنىدۇ. سەيدىننىڭ چىن مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن گۇندىپاي ئۇنى زىنداندىن قاچۇرىۋىتىدۇ. بىراق ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنى قوغلاپ كەلگەن گۇندىپايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. رابىيە ئاشىقى-سەيدىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ.
    ئوپېرانى سەھنىلەشتۈرگۈچىلەر:مۇھەممەتئېلى زۇنۇن، ئابلىمىت توختى.رېژىسسور:ئابدۇقادىرھاجى،ئابلىز ئايۇپ،يولۋاسخان ئىمىن.
ئاساسلىق روللاردا:
رابىيە-سالامەتقىز. سەيدىن-ئابلىكىم روزى.
ياسىن مۇقام-ئابلىز ئايۇپ،ياقۇپباي-ئابدۇقادىرھاجىم.
ھەمدەمبەگ-سەپەر ھۈسۈيىن، پالتا مىراپ-يولۋاسخان ئىمىن.زوھرا- رەشىدەم، گۈلنارخان-ھۆرىگۈل.
تىللا خېنىم- بەھرىنسا قاتارلىقلار
قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى 1983-يىلى ئورۇنلىغان.
ئوپىرانىڭ مۇۋاپىقيىتى توغرىسىدا:
ئوپىرادىكى ۋەقەلىك 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رابىيەنىڭ ئانىسى-تىللاخېنىمنىڭ دادىسى-مەخمۇت شەيدايىنىڭ قورۇسىدا يۈز بەرگەن. ئوپىرا يېزىلىش جەھەتتىن ئالغاندا مەزمۇنى ساغلام ئوپىرادىكى ناخشىلارنىڭ تىكىستلىرى توق قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان. بولۇپ، شائىر، درامماتۇرگ-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ئوپىرانىڭ يېزىقچىلىقى جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. ئوپىرانىڭ ناخشىسى-12مۇقام ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئوپىرادىكى ھەربىر ناخشىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. مەسىلەن:
ئانام ئاھ دەيدۇ ئاھىمغا، دادام يەتمەيدۇ ھالىمغا.
ساتسا مېنى زالىمغا، قالمامدۇ ئۇۋالىمغا.
سەھنە بېزىلىش جەھەتتە ياخشى قۇراشتۇرۇلۇپ، دىكراتسىيىلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيە يامانيار يېزىسىنىڭ سۇبىھانەئاللا
كەنتىدە يۈز بەرگەن «رابىيە-سەيدىن» تىراگىدىيىسى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئاساسلىق رول ئالغۇچى-رابىيە رولىدىكى سالامەتقىز ھېكىم بىلەن سەيدىن رولىنى ئالغان ئابلىكىم روزىلار ئاساسلىق رولنى تولىمۇ ياخشى ئالغان بولۇپ، ئەسەردىكى باش قەھرىمان رابىيە بىلەن سەيدىننىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى تولىمۇ يارقىن ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. سەلبىي رول ئالغۇچى-ياقۇپباي رولىدىكى ئابدۇقادىرھاجىم، ھەمدەمبەگ رولدىكى سەپەر ھۈسۈيۈن، پالتامىراپ رولدىكى يولۋاسخان ئىمىن قاتارلىق پىشقەدەم چولپانلار كونا جەمىيەتتىكى بەگ مۇشتۇمزورلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىگىنى رۇشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ پىشقەدەم چولپانلارنىڭ شانلىق ئوبرازى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

cap03.jpg

cap04.jpg

cap05.jpg

cap06.jpg

cap07.jpg

cap08.jpg

cap09.jpg

cap10.jpg

cap11.jpg

cap00~1.jpg

cap01.jpg

يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى9-سىنتەبىر  ،قەشقەر
تېلفۇن:-13779894333        

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:59:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تەشنايى ئاكىمىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغلىرىم ئىدى. بۇ يىل 5-ئايدا بىر ھەپتە ئارىلىقتا بىرگە ئارىلىشىپ ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن خوشاللىق چاغلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. مەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرىۋاتىمەن. قەلبىمدىكى سۆزۈمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. خەيىر ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1290
تۆھپە
872
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:12:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىگىنىمىز بىلەن دەپلا قالدۇق، بۇ بۈيۈكىمىزدىن ئايرىلدۇق....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
579
تۆھپە
215
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   افىلىم يوللاش ئۇچۇن ئاۋال 56. غا كىرىپ بىر ئالبۇم ئالىسىز

/data/att ... d3zwzooo3dooo3f.jpg
  
ئاندىن فىلىمنى شۇ ئالبۇمغا يوللاپ ، فىلىمنىڭ ئادرىسىنى چىقىرىپ بۇ مۇنبەرگە يوللىسىڭىز بۇلىدۇ

/data/att ... 7vlcy97y77ncdw7.jpg


Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشنايى ئاكىمىزنىڭ بۈيۈك تۆھپىسى خەلقىم قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
1021
تۆھپە
539
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:18:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


               مەرخۇمنىڭ ناخشا تېكىسلىرى بىزنى مەڭگۇ يىڭى تۇيغۇلارغا

     چۆمدۇرۇدۇ.


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
4
UID
23473
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:03:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي(امىن).
مول ھۇسۇللۇق، كۆپكە قادىر يازغۇچى، شائىر، دىراماتتۇرگ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى بىر يۇرۇق يۇلتۇز ئىدى. ئۇنىڭ «قوش ؟؟»، «؟؟ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلىرىدە رېئال تارىخىي شارائىت  ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن  ھەم ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان. «تەشنائىي ئەسەرلىرى» نىڭ روياپقا چىقىشىنى كۆرەلمىدى-دە، ئەپسۇس!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1692
تۆھپە
814
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:34:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇەللىم ئالدى بىلەن،سىلىنىڭ قۇتلۇق بايراملىرىنى سەممىمىي تىلەكلىرىم بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبىركلەيمەن،سىللە ئۇيغۇر تەشنا بولغان كىنو-دىرممىلرنى مۇنبەر ئارقىلىق بىزگە تەقدىم ئەتتىلە تەشەككۇر!


Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
15
UID
25615
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:57:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتكە سازاۋەر مول ھۇسۇللۇق يازغۇچى، شائىر، دىراماتتۇرگ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى بىر يۇرۇق يۇلتۇز  بۇلۇپ، ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ناخشا تىكىسىتىلىرى ئىكرانلاردا بىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بىرىپ، چوڭقۇر تەربىيە ئىگە قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىز بىلەن بىرگە ياشايدۇ، نامى قەلبمىزدە يادلىنىدۇ.  مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي(ئامىن....


Rank: 4

تىللا
256
تۆھپە
156
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 09:52:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم تەشنايى ئاكىمىز بىلەن تونۇشقىنىغا ئەمدىلا ئۈچ يىل بوغان ئىدى. ئەمدىلا تونۇشقان ياخشى پەيىتتە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئون نەچچە پارچە كىتاۋىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. مەن بۇ كىتاپلارنى ياخشى ساقلاپ ، ئۇنىڭ ھايات ۋاختىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشىمەن. ئاكا، ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بوسۇن! خاتىرجەم يېتىڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 14:42, Processed in 0.088566 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991