كۆرۈش: 4046|ئىنكاس: 2

قاغىش تەككۈر (ھىكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 19:45:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاغىش تەككۈر

ھىكايە

ئابدۇمىجىت  مۇھەممەتئېلى

    كىچىك چاغلىرىمدا ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار،بىزنىڭلا ئەمەس،ئەتراپتىكى خولۇم-خوشنىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتەتتى. ئۇ چاغلاردا چوڭ ئەترەت ئامبىرىدىن ھەر ئايدا پەقەت بىر چارەك قارا ئاشلىق بەش جىڭ ئاق ئاشلىق تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. مەنمۇ مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا بىر پارچە كۆممە قوناق نېنىنى سىڭايان تۇتۇپ غاجىلاپ، قول ياغلىقىدىن ئۆزگەرتىپ تىكىپ بېرىلگەن كىچىك سومكامنى بوينۇمغا ئېسىپ، تونۇردەك قېزىپ كەتكەن كەنتنىڭ توپىلۇق يوللىرىدا يالاڭئاياق دەسسەپ مەكتەپكە باراتتىم. زاغرا ناننى يەۋېرىپ ئۇسساپ كەتكىنىمدە لەۋلىرىمنى تامشىپ، مەكتەپ ئالدىدىكى ئېرىقتا تىنماي ئېقىۋاتقان لاي سۇدىن قانغۇچە ئېچىپ، ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇراتتىم. ھەش-پەش دېگۈچە، تومۇز ئىسسىقى قايناپ تۇرغان ياز پەسلى ئۆتۈپ، كۈزگى بۇغداي مەزگىلى يېتىپ كەلدى. بىزنىڭ ئائىلىدىكى يەتتە نوپۇسقا ئايرىپ بېرىلگەن يەتتە پۇڭ شەخسىي تېرىلغۇ يېرىمىز بار ئىدى. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دادام قازا قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ ئىشلىرى 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمىغان ئاكامغا يۈكلىنىپ قالدى. كۈز كىرىشى بىلەنلا ئاكام ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەترەتنىڭ ئەمگىگىگە قاتناشسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسىي يېرىمىزدىكى قوناقلارنى ئورۇپ، بۇغداي تېرىشقا تەييارلىق قىلدى. ئائىلىمىزدە ئاكام بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا يەنە تۆت ئاچام بىلەن ئانام بار بولۇپ، ئۇلارمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاكام تاغارغا قىغ ئۇسۇيدىغان ۋاقىتتا مەن تاغارنى ئاچالمىسام، ئاكام ھېلىقى يالغۇز ئوغۇل دەيدىغان نىمىگە تاغارنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، قىغنى ئۇسسۇيتى. ھەر قىتىم قىغنى ئۇسسۇپ بولغادندا يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن بىرەرسىنى يارىدەمگە چاقىرىپ، تاغارنى ئىشەككە ئارتىپ، ئېتىزلىققا ئاپىراتتى. بەزىدە  ئانام غەيرەتكە كېلىپ، تاغارنى ئىشەككە ئارتاتتى. شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىمىزگە بىر موللام سۈپەت كىشى ئىشەككە مىنىپ پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ يولدا كېتىۋاتقىنىچە تىنماي،«يائاللا

ياكېرىم» دەپ مۇناجات ئوقۇپ ماڭاتتى. ئۇ ئىشەككە مىنىپ كېلىپ، مەھەللىمىزنىڭ تۆت يولنىڭ دوقمۇشىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىغا كېلىپ، ئىشەكتىن چۈشۈپ، ئىشەكنى يوغان بىر ئۈژمە دەرىخىگە باغلاپ قويۇپ، كۆلگە قاراپ دۇئا قىلىپ، بىر نىمىلەرنى دېگەندىن كىيىن ھەممە كىشى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ، «بۇ يىل قىشتا بۇ يۇرۇتتا، ئىچىدىغا سۇ كەم بولۇر.  ئەي  جامائەت شۇڭا بۇ كۆلنى لىق سۇغا تولدۇر.»دېدى. يولدا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر شۇنچە ئالدىراش بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئۇ كۆل بويىدىن بۇرۇلۇپ، كۆلبويى ئالدىدىكى بىر ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، قوينىدىن كىچىك بىر ساپايىنى چىقىرىپ، خەيرى-سەدىقە تىلىدى. ئۇ ئۆي قاتارى سەدىقە تىلەپ، بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئانام بىر پارچە كۆممە قوناق نېنىنى ئېلىپ چىقتى. موللام سۈپەت كىشى ناننى خورجۇنغا سېلىپ، ئۇزاق دۇئا قىلغاندىن كىيىن:

-ئۇشبۇ ئۆيدە بىر بالا-قازانىڭ پۇرىقى بار. دەرھال تەدبىر قوللۇنۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالماق لازىمدۇر.»،-دېدى. ئانام چۈچۈپ كېتىپ:

-نىمە،نىمە؟-دەۋەتتى. موللام يەنە:

-بۇ ئۆينىڭ تۈۋرىگىنىڭ بېشىدا بىر قارا بۇلۇت ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بۇ قارا بۇلۇتنى سۈرۈن-توقاي قىلىپ، بۇ تۈۋرۈكنىڭ ئامان-ئىسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككى چارەك بۇغداي خەير-ئىھسان قىلماق جايىزدۇر.بۇ ئىككى چارەك بۇغداي ئودىخان پادىشاھىمنىڭ تاۋاپگايىدا تاۋاپچىلارغا نەزىر قىلىنغاي.-دىدى.

-ئۆزىمىز ئودىخان پادىشاھىمغا بېرىپ، نەزىر قىلامدۇق،موللام؟-دىدى ئانام ئەنسىز ھالدا.

-ياق. ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،-دىدى موللام،- مەن سىلەرگە ۋاكالىتەن نەزىر ئېشىنى يەتكۈزىمەن.

-بىزگە ۋاكالىتەن سىللە يەتكۈزەمدىلا؟،-دىدى ئانام يەنە.

-شۇنداق، -دىدىد موللام،-مەن دېگەن   ئۇلۇغ ئودىخان پادىشاھىمنىڭ ئەۋلادىدىندۇرمەن، ئۇلۇغ بوۋام ئودىخان پادىشاھىم يەنە شەھىتئېلى ئەرسلانخان پات-پات چۈشۈمگە كىرىپ تۇرىدۇ.

ئانام جايىدا تۇرغىنىچە تىترەپ كەتتى. ئۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن قەدەملىرىنى ئاستا بېسىپ، ئۆيگە كىرىپ بىر خالتا بۇغداينى ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئاكام ئالدىنقى كۈنى شەخسى تىرىلغۇ يېرىمىزغا چېچىش ئۈچۈن، ئەترەت ئامبىرىدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇرۇغلۇق بۇغداي ئىدى. ئانام ئۇنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ:

-موللام، دۇئا قىلسىلا؟،-دىدى. موللام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ بىر ھازا دۇئا قىلغاندىن كىيىن ئاستا بېرىپ خالتىنى ئېلىپ:

-بۇ مېنىڭ قولۇم ئەمەس، ئودىخان پادىشاھىمنى قولى،-دېگىنىچە،خالتىنى ئىشەككە ئارتتى. دەل شۇ پەيىتتە دەرۋازا ئېچىلىپ، سىرىتتىن ئاكام كىرىپ كەلدى.

ئۇ موللامنىڭ بىر خالتا بۇغداينى ئىشەككە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خالتىنى تونىۋالدى بولغاي، - بۇ نىمە ئىش؟،-دەپ سورىدى.

-بالام،-دىدى ئانام ،-بۇ موللامنىڭ دىيىشىچە، پات ئارىدا ساڭا بىر بالا-قازا كەلگۈدەك، شۇڭا سېنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭ ئۈچۈن مۇشۇ بۇغداينى دۇئا قىلدۇردۇم.

-قۇرۇق گەپ!،-دىدى ئاكام زەردە بىلەن ۋە ھېلىقى بىر خالتا بۇغداينى ئىشەكتىن تارتىپ ئېلىپ، ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ:

-موللامغا نان بەردىڭمۇ؟،-دېدى. ئانام باش لىڭشىتتى.

-ھازىرچە قايتىپ تۇرسىلا، -دىدى ئاكام ،-كىلەر يىلى بۇغداي پىشقاندا كەلسىلە، قانچىلىك بۇغداي دىسىلە بېرىمەن. موللامنىڭ چىرايى تاتىرىپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. ئۇ ئىشەكنى يېتىلەپ، ئىشىك ئالدىغا چىقتى-دە، ئاسمانغا قاراپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،:

-ئەي، ئودىخان پادىشاھىم بوۋا، ئۇلۇغ ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ، نەۋرەڭگە ئازار بەرگەن ئىمانسىز پاسىقلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەيسەن.....

يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قانچە كىشى موللامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغىنىدىن توپتەك تۇتۇپلا قالدى. موللام يەنە سەدىقە تىلەشنى داۋاملاشتۇردى. مەنمۇ بىر قانچە تەڭتۈشلىرىم بىلەن موللام تاكى مۇشۇ مەھەللىدىن كەتكىچە ئۇنىڭ كەينىدىن چېپىپ يۈردۇق. ئۇ ھەممە ئۆيگە كىرىپ، بايىقىدەك گەپلەرنى دەپ، بۇغداي تىلەپ، خېلى كۆپ «ھوسۇل» يىغىۋالدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ، ئانام ساراسىمگە چۈشۈپ قالدى. ئۇ تىنماي ئېغىر ئۇھ تارتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئىلگىركىدىن سەھەر قوپۇپ، جەينىمازدا ئولتۇرۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، ئاكامغا ئامان-ئىسەنلىك تىلەيتى. ھەر كۈنى ئاكام سىرىتتىن قايتىپ كەلگۈچە، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، ئاكامنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئاكام سىرىتتىن قايتىپ كەلگەندىلا ئاندىن ئۆيگە كىرەتتى.

كۈزلۈك بۇغدايمۇ تىرىلىپ بولدى. دىھقانلار ئەمدىلىكتە كىپەز ئېتىزلىرىدىكى غوزا-شادىلارنى يىغىشقا باشلىدى. ئاكاممۇ كۈندىكىدەك ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە كوللىكتىپ ئەمگەككە قاتنىشاتتى.

ئارىلىقتىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن-تاڭ، ھېلىقى موللام مەھەللىمىزگە يەنە پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ قىتىم ئۇ يوغان ئۇستىخانلىق بىر تەمبەل ئىشەكنى مىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ مەھەللىنىڭ بېشىدىن تارتىپ، نان تىلەپ بولۇپ، يەنە خېلى كۆپ«ھوسۇل» يىققاندىن كىيىن يىراق سەپەرگە ئاتلىنىدىغاندەك، ئېغىر خورجۇن ئارتىلغان ئىشەككە مىندى. ئىشەك بىر خىل يورغىدا ماڭغىنىچە، مەھەللىدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. مەن بىر قانچە تەڭتۈشلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن تايتاڭلاپ، يۈگۈرۈپ ماڭدۇق. موللام مەھەللىدىن چىقىش ئېغىزىغا بارغاندا نىمە بولدىكىن ئىشەكتىن يېقىلىپ چۈشتى. ئىشەك ئۇنى تاشلاپ، چىچاڭشىپ قېچىپ كەتتى. ئازراق ماڭا-ماڭمايلا ھېلىقى ئېغىر خورجۇنمۇ يەرگە چۈشۈپ، پارچە-پۇرات نانلار، قوناقلار، كىيىم-كىچەكلەر چېچىلىپ كەتتى. موللام يېقىلغان يېرىدىن ئۆرە تۇرالمىدى. ئاڭغىچە مەھەللىمىزدىكى چوڭلاردىن بىر نەچچەيلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ، موللامنى  يۆلىدى. تۇيۇقسىز موللامنىڭ ئاغزىدىن ئاق بۇژغۇنلار ئوخچۇپ چىقتى. -سۈر ئوقۇڭلار،-سۈر ئوقۇڭلار،-دىدى موللام ئاجىز ئاۋازدا.  

-ھەي، دوختۇرخانىغا ئاپارساق  بولاتتى،-دىدى بىرسى. شۇ ئەسنادا موللامنىڭ بېشى تۆۋەن ساڭگىلاپ، كۆزى يۇمۇلۇپ قالدى.

-تۈگەپتۇ!،-دىدى بىر خوشنىمىز،- موللامنىڭ ئاغزىغا قولىنى ئاپىرىپ كۆرۈپ.

ئۇ باغلىۋالغان پوتىسىنى يېشىپ، موللامنىڭ ئىڭىكىنى تاڭدى......

سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان قەھرىتان قىشنىڭ ئايدىڭ ئەتراپنى سۈپ-سۈزۈك يورۇتۇپ تۇرىدىغان كىچىللىرىدە بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر مەھەللە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى سۇپا قوۋزاقلىرى سويۇلغان دەرەخ ياغىچىدا ئولتۇرۇپ، ئۇزاققىچە پاراڭلىشىپ كېتىدۇ.

-ھەي...پەرىشتە سۈپەت موللامكەن، ئەجەپ تۇيۇقسىز كېتىپ قالدى.

-ئودىخان پادىشاھىمنىڭ ئەۋلادىكەن ئەمەسمۇ؟

-ھېلىقى بەڭۋاش ئىشەكنى ماۋۇ يۇقاقى مەھەللىدىكى تۇرسۇنئاخۇنباي دۇئاغا بېرىپتىكەن ئەمەسمۇ؟

-ھۇ كاساپەت!چاشقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان نىمە ئىدى ئۇ!

قەشقەر شەھەر 16- ئوتتۇرا مەكتەپ پىنسىيۇنېرى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

2012-يىلى 8-سىنتەبىر

         تېلېفون- 13779894333   


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 19:47:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە رىيالنى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان.


Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:23:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋاللار بىزنىڭ يۇرۇتتا ھازىرغىچە بار.تېخى تۈگۈگىنى يوق. ساۋاق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:54, Processed in 0.074868 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991