ئۇستاز
(يېتىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)
ئانىدەك مېھرىبان ئۇستاز، ئاتىدەك غەمگۈزار ئۇستاز،
كۆڭۈل-كۆكسى ئەزىم دەريا،ھامان شاۋقۇنلىنار ئۇستاز.
بىلىپ بىنام سەبىيلەرنى، مېھىر بەرسەڭ قۇياش ئوخشاش،
ئەجەپكى ئاينىغاي باغلار،شېرىن-شەربەت ئانار،ئۇستاز!
تالاي تىلسىزنى سۆزلەتتىڭ، بولۇپ بىر خۇشناۋا بۇلبۇل،
يۈرىكىڭنى قىلىپ زەخمەك، چېكىپ ھەردەمكى تار، ئۇستاز!
تېنىمسىز تەر-ئەجىر بىرلە، قاراڭغۇ دىل بولۇپ روشەن،
ھاياتلىققا كۈلۈپ باقتى، بولۇپكى نەۋباھار ، ئۇستاز!
كۆيۈپ شامدەك نۇرۇڭ تۆكتۈڭ، قارا تۈندىن ئېچىپ رۇجەك،
يامان ئىللەتكە مەلھەمدۇر، دىلىڭ ساپ-بىغۇبار، ئۇستاز!
ئاقىل ئېيتاركى:« ئۇستازغا يىراقتىنلا سالام بەر »دەپ،
بۇنىڭغا بولغىنى غاپىل، بولۇر ئۆمرىدە خار، ئۇستاز!
كىمىكى ئىزدىسە تاپقاي ۋۇجۇدۇڭدىن،ئېسىل خىسلەت-
ئېلىپ ئۈلگە ياشار بولسا، ھاياتتا شان قۇچار، ئۇستاز!
سېنىڭ پۈتمەس تەرىڭ بىرلە، قىزىلگۈل قاپلىغاي يۇرتنى،
تالاي گۈل-غۇنچىلار ئەلگە ئەجەپ خۇش ھىد چاچار، ئۇستاز!
تىلى تۆككەي داۋام ھېكمەت، يېتەر بولسا تېگىگە كىم،
مىنۇتنى زايا ئەتمەستىن، بولۇر دەيمەن خۇمار، ئۇستاز!
ھاياتىدا تۈمەن شاگىرت ئىزىنى باسقۇسى دائىم،
ئاڭا تۇزكور بولار كىمكى، لەنەتكەر،ئەلگە ھار ،ئۇستاز!
مۇھەممەت دەر: ئۇلۇغ ئۇستاز سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم،
ساڭا گەر قارا يۈز بولسام، ماڭا ئەۋزەلكى دار، ئۇستاز!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.