كۆرۈش: 14586|ئىنكاس: 12

تەڭرىتاغ قىزىل گۈلى فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:40:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغ قىزىل گۈلى


cap03.jpg



(بۇ فىلىمنى شىئەن كىنو ئىسىتۇدىيىسى بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىسىتۇدىيىسى بىرلىشىپ 1964-يىلى ئىشلىگەن)
سىنارىست-ئوۋلىن.  رېژىسسور- لىيۇ باۋدې قاتارلىقلار
ئاساسلىق روللاردا:
ئايگۈل-پاتىخە مالىك، ئەسقەر- مۇتەللىپ ئابدۇراخمان
قاسىم- بىيۇتخان
فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
    تەڭرىتاغ چارۋىچىلىق باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى- ئايگۈل خىزمەتنى ناھايىتى بىجانىدىللىق بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭلاشقا گۇڭشى ئەزالىرى ئۇنى قىزغىن ھىمايە قىلىدۇ. ئەمما ئايگۈلنىڭ يولدىشى-ئەسقەر، بۇزۇق ئۇنسۇر-قاسىمنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلن ئايالى-ئايگۈلنىڭ دۈيجاڭ بولىشىغا نارازى بولۇپ، ئايالى-ئايگۈلنى دۈيجاڭ بولماسلىققا زورلايدۇ. لېكىن ئايگۈل «كوللىكتىپ مېنىڭ ھەقىقىي ئائىلەم» دەپ قاراپ، ھەر خىل توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەڭرىتاغ چارۋىچىلىق گۇڭشىسىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا كېچە-كۈندۈز تىنىم تاپماي ئىشلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
     ئەكسىل ئىنقىلاپچى ئۇنسۇر-قاسىم بۇزۇق ئۇنسۇر-سادىق بىلەن بىرلىشىپ، قەبىي بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار قەھرىتان قىش سوغۇقتا قوتاننىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى چېقىپ، قوي-پادىلارنىڭ مۇزلاپ ئۆلۈپ
قېلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ ھەمدە بۇ جىنايەتنى ئەسقەرگە دۆڭگەپ قويىدۇ. چارۋىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن ئەۋەتكەن پىنسىلىننىڭ ئىچىگە سۇ قوشۇپ قويۇپ، قويلارنىڭ ساقايماي ئۆلۈپ قېلىشىغا زامىن بولىدۇ  ھەمدە قاسىم، سادىق قاتارلىق بۇزۇق ئۇنسۇرلار بىر قىسىم بۇزۇق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، پىتنە-پاسات تارقىتىپ، بۇ ئىشنى ئايگۈل بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى- ئەسقەرگە ئارتىپ قويىدۇ-دە، «ئايال كىشى دۈيجاڭ بولسا، پالاكەت باسىدۇ.»دېگەن سەپسەتىنى تارقىتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرىدۇ. كېيىن ئايگۈلنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نەتىجىسىدە قاسىمنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارلىنىپ قالىدۇ-دە، قاسىم بۇ يەردە تۇرۇشقا پېتىنالماي، ئېتىغا مىنىپ، قېچىپ كېتىدۇ. ئايگۈل ئاتقا مىنىپ، قاسىمنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. قاسىم تاپانچىسى بىلەن ئايگۈلنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئايگۈل يارىلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئايگۈلنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتقاچقا ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. قاسىم، سادىق قاتارلىق جىنايەتچىلەر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ فىلىم كونىلارنىڭ:«ئاياللار باشلىق بولسا، ئاللاھ راۋاھ كۆرمەيدۇ.»دېگەن خۇراپاتلىق سەپسەتىسىنى كۈچلۈك ھالدا قامچىلايدۇ.

cap04.jpg


تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 7-سىنتەبىر
تېلېفون-13779894333

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:44:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. فىلىم خەنزۇ تىلى ۋە قازاق تىلىدا ئىشلەنگەن. بىز بۇ قىتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپ شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتىغا نەشىرگە يوللىدۇق.


Rank: 4

تىللا
264
تۆھپە
101
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:48:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم قابىليىتىڭىزلەر تىخېمۇ گۈللەپ تەرەققى قىلسۇن، سىزلەرگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىللەيمەن


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 16:02:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سزى قايسى ئورۇندا ئىشلەيسز؟ داۋاملىق فىلىم چۈشەندۈرۈشنى يوللايسز، بىراق فىلىم ئۆزى يوق؟


Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 19:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى قوللىغان تورداشلارغا كۆپ رەخمەت. مەن قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى. مەن كىنو-دراممىلارغا بەكمۇ قىزىقىمەن. فىلىم يوللاش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن يېڭىدىن تورغا كىرگەنلىگىم ئۈچۈن، فىلىم يوللاشنى تېخى بىلەلمىدىم. تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، تورداشلارنىڭ تەلىبىنى چوقۇم ئورۇنداشقا ۋەدە بېرىمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
665
تۆھپە
153
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 21:24:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىي مۇناپىق قېرى كالا !!


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
360
تۆھپە
182
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewip يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 21:24
ئاسىي مۇناپىق قېرى كالا !!

نىمە بولدى بۇ تىمىغا مەن ئەجەپ ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدىمغۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
خەيرىگۈل
تىللا
187
تۆھپە
105
UID
16947
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:52:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 15:20
نىمە بولدى بۇ تىمىغا مەن ئەجەپ ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدى ...

سىزنى تىللىمىدى خاتىرجەم بولۇڭ خىيالپەرەس، فىلىمدىكى ئەسكى ئاەملەرنى تىللىدى.


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
360
تۆھپە
182
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:24:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 19:52
سىزنى تىللىمىدى خاتىرجەم بولۇڭ خىيالپەرەس، فىلىمدىك ...

قىرى كالا دىگەن  نى  ئاڭلاپ


Rank: 4

ئىسىمى
خەيرىگۈل
تىللا
187
تۆھپە
105
UID
16947
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:23:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز قېرى كالىمىتىڭىز؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:51, Processed in 0.091092 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991