كۆرۈش: 7820|ئىنكاس: 9

«قەسەن- جەمىلە» فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 23:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«قەسەن- جەمىلە» فىلىمى توغرىسىدا


cap00.jpg


    «قەسەن-جەمىلە »دېگەن فىلىمدە كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن بولۇپ،قەسەن بىلەن جەمىلەنىڭ  چىن مۇھەببىتى مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىققا ئېرىشىشكە سىمۋول قىلىنىپ تىپىك ئىپادىلەنگەن. تاماشىبىنلار باش رولچىنىڭ ئوبرازىدىن بارلىق قازاق ياشلىرىنىڭ ھەمدە پۈتكۈل قازاق مىللىتىنىڭ ئەمگەكچان باتۇر خاراكتىرى ۋە ئازاتلىققا، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك غايىسىنى كۆرۈۋالالايدۇ.فىلىمدە ئۇلارنىڭ مۇنداق بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە دەل ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان نەچچە ئونمىڭلىغان ياش قازاق چارۋىچىلارنىڭ بەختسىزلىكى.ئۇلارنىڭ مۈھەببەت تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر ئىجتىمائىي مەسىلە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ فىلىم قازاق مىللىتىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، شەخسىلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى ئۇنىۋېرسال ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەپ بەرگەن. فىلىم شىنجاڭنىڭ چەت رايونلىرىدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى يارىتىش ئارقىلىق، زور بۆسۈش جەھەتتىكى نەتىجىنى ياراتقان. بۇ شۇ دەۋردە ئىشلەنگەن ئەڭ نادىر ھېكايە فىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
        ئەينى چاغدا فىلىمگە بېرىلگەن باھادا كۆرسۈتۈلىشىچە،فىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى-بۇ ھېكايىنىڭ ئەگرى-توقاي،تەسىرلىك ئىكەنلىگىدە بولۇپلا قالماستىن،بولۇپمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىكنىڭ تەكىتلىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. فىلىمدە يەرلىك ئۆرپ-ئادەت ئىپادىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي ھېسياتى تەبىئي ۋە رىئال يارىتىلغان.فىلىم باشلىنىش بىلەنلا تەبىئىي ۋە ھېسياتقا تولغان يەرلىك ئالاھىدىلىك-فىلىمنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغان.  بۇ فىلىم قازاق مىللىتىنىڭ قۇدىلىشىش،قىز قوغلىشىش قاتارلىق مىللىي پۇراققا ئىگە بولغان تەسۋىرلىرىنى قىستۇرۇپ بايان قىلغان. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا قىزنىڭ يۈزىنى ئاچقاندىن كېيىن جەمىلەنىڭ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكى –ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ خىل تەقدىردىن قۇتۇلۇشقا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ فىلىمدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى قازاق مىللىتى خەلقى ئۆزلىرى رول ئېلىپ، ئوبراز ياراتقان. ئىككى ئاساسلىق ئارتىس بولغان قەسەننىڭ رولىنى ئالغۇچى-ئابلەي بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ بىر ئوقۇغۇچى ئىدى، كېيىن مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۆمىكىگە ئەۋەتىلىپ، خىزمەتكە قاتناشقان. جەمىلەنىڭ رولىنى ئالغۇچى-پەرىدە تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئىككەيلەن ئەسلىدە ئارتىس ئەمەس ئىدى.شۇ سەۋەپتىن رېژىسسور-ۋۇيوڭگاڭ ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەربىيەلەپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئادەتتىكى كىنو بىلىملىرى ۋە رول ئېلىش جەھەتتىكى ماھارەت قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ تەربىيەلىگەن. فىلىم ئەينى ۋاقىتتا قازاق تىلى ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ رىياللىققا ئىگە بولىشىغا تۈرۈتكە بولغان. فىلىمنىڭ قويۇلۇش ئۈنۈمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ فىلىم ناھايىتى غەلبىلىك ئىشلەنگەن نادىر فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىم 1955-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە قويۇلغان ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە قۇربان ھېيت كۈنى ئىدى. بۇ قېتىم سېتىلغان بىلەت سانى 200مىڭ 200 نەچچە پارچىدىن ئارتۇق بولغان. گەرچە قويۇلىدىغان فىلىم ئاپپاراتى 47 دانىگە كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ ئەمما پۈتۈن مەملىكەتتىكى قويۇلۇش قېتىم سانى بىرمىليون 200مىڭ 326 مەيدان قويۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن ھىندىستان نادىر فىلىمى «سەرگەردان»كىنوسىدىن ئېشىپ كەتكەن. قىزىقسىڭىز كۆرۈشكە ئالدىراڭ!

cap01.jpg


cap02.jpg


cap03.jpg


cap04.jpg


cap05.jpg


  تەييارلىغۇچى- قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
تېلفۇن: 13779894333   13657557546
2012-يىلى 6-سىنتەبىر  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 23:10:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم 1955-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، قازاق خەلقىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىشلىگەن نادىر مۇھەببەت ھىكايىسى فىلىمى بولۇپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىمدۇر. بۇ فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان. خەنزۇچە فىلىمى توردا بار. بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1225
تۆھپە
517
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 15:22:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بىلىۋالدىم
   بولسا ‹‹سىھېرلىك ئالما››  فىلىم توغۇرلۇق بىر ماقالە يازغان بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى،  تورلاردا ئۇ فىلىم ئۆزبىكىستان فىلىمى دەپ ئىلىنىپتۇ، بەزى ماتىرىياللاردىمۇ ھەم، لىكىن فىلىمدا قازاقىستانلىق داڭلىق كومپىزوتۇر، سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇرات ئەھمىدى، ۋە باشقا ئۇيغۇر سەنئەتكارلار رول ئاپتۇ، شۇڭا مۇشۇ فىلىم توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 22:24:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرمەي بولدى .


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
527
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:28:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، سىز نۇرغۇنلىغان شىنجاڭنىڭ نادىر فىلىملىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى يوللاۋاتىسىز ، سىز يوللىغان فىلىملەرنىڭ بىرسىنىمۇ مەن كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن ، ئىسىمدە قىلىشچە بىزنىڭ ئۆي 1984-يىلى  تېلىۋىزۇر ستىۋاپتىكەن . بەلكىم بۇ فىلىملەر ئۇنىڭ ئالدىدا قويۇلۇپ بولغان بولسا كىرەك ...ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز يىقىندا يوللىغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسنى تورغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئىشىراق بولساق ....رەھمەت ، جاپا چەكتىڭىز ....


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆسەك بولغىدەك جۇمۇ


Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىملار ئاساسەن دۆۋلىتىمىز ئازات بولغاندىن كىيىن ئىشلەنگەن. فىلىملەرنىڭ بەزىللىرى ساقلانغان ،بەزىللرى ساقلانمىغان. مەن فىلىم توپلاش بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتىمەن. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئەكەلدۈردۈم. توردا يوللاشنى بىلەلمىدىم. مۇمكىن بولسا تېلفۇن ئارقىلىق كۆرۈشسەك مەن قولۇڭلارغا تەككۈزۈمەن.


Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
7
UID
26035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 01:14:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق .بەلكىم  مۇنبەر دەرىجىڭىز يۇقۇرىلىغانسېرى فىلىم يوللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىڭىز مۈمكىنمىكىن ،باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولاتتى !


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زىلالە
تىللا
185
تۆھپە
94
UID
12376
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:21:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا سىز ئۇچۇرىنى بەرگەن كىنولارنىڭ ھەممىسىنىنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز كۆرۈپ باقساق بولاتتى........


Rank: 1

ئىسىمى
ئەلكامال
تىللا
23
تۆھپە
13
UID
29505
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 04:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكلى ئۆزگەرگەن ئېلانغۇ بۇ ،.

كۆرەي دىسە فىلىم ئۆزى يوق ،. بۇ ئىككى قۇر خەتلەنىلا يوللاپ قويغانننىڭ  نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن ،.

تېما يوللىغۇچى سىز مۇشۇلانى ساتماقچىغۇ خالاس.، شۇنداق بولغاندىكىن نىمىشقا مۇنبەردە ئېنىق دەۋەرمەيسىز ،. كۆرمەكچى بولسىڭىز ھەقلىق تەمىنلەيمەن دەپ .

مۇشۇ پىسپاس ئېلانلا بىلەن  مىسرانىمدا رەسۋا بوپ بولۇپ تەڭرىتاغنى پاخاللاشتۇرغىلى تۇرۇپتىغۇ ئەمدى.،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:53, Processed in 0.085653 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991