«قۇملۇقتىكى كۆرەش» فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى شاڭخەي كىنو سىتودىيىسى 1956-يىلى ئىشلىگەن)
سىنارىست-ۋاڭ يۈخۇ.رېژىسسور-ياڭ شاۋدەن.ئاساسلىق روللاردا:
جاڭ يۇەن، گاۋ جىڭ،ۋىن تىباۋ،توختى موللاتاجى قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
«قۇملۇقتىكى كۆرەش»دېگەن بۇ فىلىم ۋاڭ يۈخۇنىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سۇ قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنولىرىنىڭ تېمىسى كۆپىنچە باندىتلارغا ، ئىشپىيونلارغا قارشى تۇرۇش ئىدى. بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆز يۇرت-ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئەھۋالىنى پۈتۈن مەملىكەت تاماشىبىنلىرىغا تونۇشتۇرغان. رېژىسسور-ياڭ شاۋدەن فىلىمدە ئاساسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، يېڭى ماكان قۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
جەڭچى تەڭرىتاغ باغرىدا پايانسىز كۆز يەتكۈسىز قۇملۇققا قاراپ تۇراتتى. سۇ مەنبەسى ئىزدەش، قۇملۇقنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇشتەك، ئۇلۇغ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار نەچچە مىڭ قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتتى. تەڭرىتېغىدىكى جىلغىلارغا كىرىپ،قار-يامغۇر ۋە ئىسسىقلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ، تاغ قاپتىلىرىنىڭ يېرىلىشى، تاغ كەلكۈنى، قاتارلىق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان ئاسمانغا تاقاشقىدەك، ئىگىز تاغ چوققىسىدا سۇ مەنبەسىنى تاپىدۇ. ئاخىرى كىشىلەر قۇملۇققا سۇ باشلايدۇ. يېڭى سۇ مەنبەسىگە ئېرىشكەندىن كىيىن بۇ يەر ياپيېشىللىق بوستانلىققا ئايلىنىدۇ. بۇ فىلىم خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلغان ئەگرى-توقايلىق ئىچىدىن ئەگرى-توقايلىق، خەتەرلىك ھەرىكەت ئىچىدىن خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆزۈتۈپ، فىلىمدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن. مەسىلەن:
لى خۇي ئىسىملىك ئېنژىنېر قۇملۇقتا قار-بورانغا يولۇققاندا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، خەرىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ شەخسىيەتچى ۋە جاھىللىقىنى بايان قىلغان. تېخنىك خادىم جاڭجىن بولسا،كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان تىكىپ خەرىتىنى قوغدايدۇ. بۇ چاغدا قاتتىق بوران ئۇنى ئۇچۇرۇپ، قۇم دۆۋىلىرى ئىچىگە يىقىتىۋېتىدۇ. ياڭفا يېتىپ كەلگەندە جاڭجىن بىلەن خەرىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن شاۋجۇ بىلەن جاۋدايۇڭنى باشلاپ، قاتتىق بورانغا قارىماي ئۇنى ئىزدەيدۇ. ھەمدە ناھايىتى تەستە جاڭجىننى تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىنىڭ يېرىمى قۇملۇققا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ئۆزى بولسا ھوشىدىن كېتىدۇ. ئۇ قولىدا خەرىتىنى چىڭ تۇتقان پېتى ياتاتتى. ئۇلار دەرھال ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ سېلىشتۇرما ئارقىلىق ھەر قايسى ئوبرازلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە چاكىنىلىقى ئىپادىلەنگەن.
«قۇملۇقتىكى كۆرەش» فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلارنىڭ ئىچىدە ياڭفا ئوبرازى ئەينى چاغدا نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. «نۇر» گېزىتى ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتى تېمىسىدىكى ماقالىسىدا بۇنىڭغا نىسبەتەن يەكۈن چىقارغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ فىلىم ئەينى ۋاقىتتا مەملىكەت بويىچە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان نادىر فىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 6-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر