سوئال: ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
جاۋاپ: ئۆمۈرنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك.
سوئال: ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاپ: ئىلىم ئۈگۈنۈش.
سوئال: ئىلىم قانداق نەتىجە بېرىدۇ؟
جاۋاپ: كىچىك بولساڭ ئۇلۇغ (چوڭ) بولىسەن، كەمبەغەل بولساڭ باي بولىسەن.
سوئال: توغرا يول نېمە بىلەن بىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: ئىلىم نۇرى بىلەن.
سوئال: خۇدانىڭ رازىلىقىنى نېمە بىلەن تاپقىلى بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئاتا - ئانىنى خۇشال قىلىش بىلەن.
سوئال: كىم بىلەن مەسلىھەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاپ: دانا بىلەن.
سوئال: ياخشى ئادەمنى قانداق تونۇش كېرەك؟
جاۋاپ: ئۈچ ئالامەت بىلەن: ئىلىم خۇمارلىقى، سېخىيلىقى ۋە ئوچۇق چىرايلىقى بىلەن.
سوئال: ساخاۋەتنىڭ چېكى قانداقتۇر؟
جاۋاپ: بار نەرسىنى بىرىش.
سۇئال: ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاپ: ھېكىملەر ۋە ئالىملارنىڭ ،مەجلىسىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن مەنپەئەت ئېلىشتۇر.
سوئال: ئەڭ يامان ئىش نىمە؟
جاۋاپ: تىلەمچىلىك.
سوئال: ئارىف (ئالىم، بىلىملىك-ت) دەپ قانداق ئادەمنى ئېيتىمىز؟
جاۋاپ: ئۆزىنى باشقىلاردىن كەمتەر ۋە تۆۋەن دەپ بىلىدىغان ئادەمنى.
سوئال: بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئالىملار ۋە پۇقرالار سۆھبىتىدىن.
سوئال: مەرىپەتكە ئېرىشىش سەۋەبلىرى نېمە؟
جاۋاپ: سەبىرە ۋە شۈكۈر.
سوئال: دۇنيادا قانداق تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاپ: مۇساپىر(يولۇچى)غا ئوخشاش، مۇساپىر بىر سارايغا چۈشىدۇ، بىر كېچە قونۇپ تاڭ ئېتىشى بىلەن كېتىدۇ.
سوئال: مەنزىلگە قانداق يېتىش كېرەك؟
جاۋاپ: يەڭگىل يۈك بىلەن.
سوئال: ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقى قانداق بىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: قېرىغاندا ياش ۋاقتىدىكى چوڭچىلىقنى بايان قىلىش ۋە كەمبەغەلچىلىكتە باي ۋاقتىدىكى ئىشرىتىنى سۆزلەش بىلەن.
سوئال: دوستنى قانداق چاغدا بىلگىلى بولىدۇ؟
جاۋاپ: ھاجىتىڭ چۈشكەندە دوستنىڭ دوست ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش مۇمكىن.
سوئال: قابىلىيەتسىز پەرزەنت نېمىگە ئوخشايدۇ؟
جاۋاپ: ئۇشۇق ئۆسكەن بارماققا، كەسسەڭ ئاغرىيدۇ، كەسمىسەڭ ئەيىپ ھېساپلىنىدۇ.
سوئال: مۇھەببەت قانداق كۈچىيىدۇ؟
جاۋاپ: ئەيىپنى يوشۇرۇش بىلەن.
سوئال: گۇناھنىڭ داۋاسى نېمە؟
جاۋاپ: توۋا قىلىش.
سوئال: دۆلەت ئىگىسىگە قانداق ئىش قىلىش ياخشى؟
جاۋاپ: مېھماندوستلۇق.
سوئال: قانداق ئادەم نەگىلا بارسا باشقىلار تەرىپدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ؟
جاۋاپ: ئەدەب - ئەخلاقلىق كىشى.
سوئال: قانداق ئادەمنىڭ يۈز ئەيىپى بولسىمۇ ئەيىپكە بۇيرۇلمايدۇ؟
جاۋاپ: سېخىي ئادەم.
سوئال: ئۇيقۇ ياخشىمۇ ئۇيقۇسىزلىقمۇ؟
جاۋاپ: ھۇشيارغا ئۇيقۇسىزلىق، غاپىلغا ئۇيقۇ.
سوئال: تېۋىپ ئىلاج قىلپ داۋالىيالمايدىغان كېسەل قايسى؟
جاۋاپ: ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق.
سوئال: ياشاشتىن ياخشىراق، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە نېمە؟
جاۋاپ: ھاياتتىن ياخشى نەرسە- ياخشى نام، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە - بەتنام.
سوئال: ھەقىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئادەملەر ئالدىدا ئەيىپىڭنى ياپىدىغان ۋە ياخشى تەرەپلىرىڭنى ئېيتىدىغان كىشى.
سوئال: ئادەم قايسى ئىش بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ؟
جاۋاپ: توغرۇلۇق ۋە ئوچۇق چىرايلىق بىلەن.
سوئال: سادىق دوست قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: ياخشىلىق تەرەپتىن ساڭا ياردەم بەرگەن، يامانلىق تەرەپتىن سېنى قايتۇرغان كىشى.
سوئال: كۆڭلىنى ئېلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش، كۆڭلىنى تىندۇرۇش.
سوئال: دوست قابىلىيەتسىز كىشىگە ئايلانسا ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
جاۋاپ: قېشىغا ئاز بېرىش ۋە ھالىنى سورىماسلىق بىلەن.
سوئال: ئەقىللىق ئادەم قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: كۆپنى بىلىدۇ، ئاز سۆزلەيدۇ.
سوئال: ئادەم قانداق قىلسا تېۋىپقا مۇھتاج بولمايدۇ؟
جاۋاپ: ئاز يەپ، ئاز ئۇخلىسا
سوئال: ئادەملارنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاپ: مۇئامىلدە پەقەت راست گەپ قىل، يالغان سۆزلىمە، بىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىش قىلما، قول ۋە تىلىڭ بىلەن باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمە.
سوئال: جاھاندا ئەڭ بەخىتلىك ئادەم كىم؟
جاۋاپ: ئۆزىنى ساخاۋەت ۋە توغرۇلۇق بىلەن بېزىگەن ئادەم.
سوئال: ياخشى دوستنىڭ بەلگىسى قانداق؟
جاۋاپ: خاتالىقىڭنى كۆرگەندە پەندى - نەسىھەتنى ئايىمايدىغان ئادەم.
سوئال: قانداق ئادەمدىن بىرەر نەرسە سورىىسا بولىدۇ؟
جاۋاپ: سورىساڭ بېرەلەيدىغان ۋە سەن سوراشقا پېتىنالايدىغان كىشىدىن.
سوئال: يىغىلىشىمىز ئۈستىگە سىرتتىن بىر ئادەم كىرىپ قالسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاپ: ئۈچ ئىشنى قىلىش لازىم. بىرىنچى، كىرىپ كەلسە ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش: ئىككىنچى، ئۇكىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە قاراش: ئۈچىنچى:ئۇكىشى بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە سۆزلىسە، سۆزىگە جاۋاپ بېرىش.
سوئال: ئادەملەردىن قانداقراقى بەخىتلىكرەك؟
جاۋاپ: دۇنيادىكى قارمۇ قارشىلىقلاردىن خاپىلىق تارتمىغان ئادەم.
سوئال: قانداق شېرىنلىكنىڭ ئاخىرى ئاچچىق؟
جاۋاپ: ياشلىقنىڭ.
سوئال: قانداق پەسلىك(تۆۋەنلىك) ھەممە يۈكسەكلەردىن يۈكسەكىرەك؟
جاۋاپ: كەمتەرلىك.
مەنبە:
http://bbs.alsihat.com