سەپەر ھېسلىرى
ئاپتورى:مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
قەلەمكەشلىك ئادەملەر ئادەملەرسىز زامان-ماكانغا باشلايدىغان مەۋجۇتلۇق قارا ئۆڭكۈرى.
پويىز يولىنى بويلاپ ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەخلەتلەرگە،نېرىراقتا تاغنىڭ قارنىغا ياسىلىۋاتقان يوللارغا قاراپ تەبىئەتكە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
ئەڭ خاتىرجەمسىز سەپەر بوسۇغىدىن ئاتلاش،ئەڭ تېنچ ھەم ئاخىرقى سەپەر ئىچ گۆرلۈك(لەھەت)كە قويۇلۇش.
ھېچنىمىنىڭ ئەھمىيتى قالمىغان روھىي دۇنيادىن ھەممىگە ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغان گۈزەل كىشىلىك دۇنياغا سۆيۈنۈش بىلەن قارايمەن.
تۆتلا نەرسە قالغاندەك: خۇدا،تەبىئەت،مەن ۋە ئۆلۈم.
تەبىئەتنىڭ گۈزەل رېتىملىرى بولمىسا ئاچكۆزلۈك ۋە تەلۋىلىكىمىز ھاياتىمىزنى مۇشەققەتتىن باشقا مەنىدارلىققا ئىگە قىلىشى تەس ئىدى!
ھەقىقەت كېچىدەك ۋەھىمىلىك ھەم گۈزەل.
تەپەككۇر تىل قەپىسىدە.
80پىرسەنت ساختىپەزلىككە ئۆزلىشىشكە يۈزلىنىۋاتقانلارنى 20پىرسەنت روھى سۈزۈك ئادەملەر بىلەن يېتەكلەپ مېڭىش تولىمۇ مۈشكۈل.ئەكىسچە،20پىرسەنت خىيالپەرەسنى 80پىرسەنت كوللېكتىپنىڭ ئېتىبارسىز قالدۇرۇشى ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار.ئېيتىش كېرەككى، خەلقمۇ خاتالىشىدۇ.ئەمما،ئۇلارنى جازالايدىغىنى جازالاشقا تېگىشلىك 20پىرسەنت كىشىلەر بولماستىن،تارىخى دەۋىرلەردىكى زالىم پادىشاھلاردۇر.
ۋاقىت ئىچىدە ئۆتمۈش ئەڭ ئاخىرقى يەكۈن،ماكان ئىچىدە غېرىپ قەبرە.
دىلبىرىم، سېنى ئۆتۈۋاتقان ھەربىر تىنىق غەنىمىتىدە چۇڭقۇر سۆيىمەن!غاپىللىقىڭ ئەلەم،ئەلەملىرىڭ ھوزۇر،ھوزۇرلىرىڭ مەۋجۇتلۇق ھارارىتىدە ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ھەم ئىرادەمنى ئاشۇرىدىغان ھەدىيە!
تۇلۇنئاي دەرەخلەر كەينىدىن نۇر سېپىۋاتقان مۇشۇ غېرىپخانەمدە مەنمۇ ئۆزۈمنى مەۋجۇداتقا نۇر قىلىپ سېپىمەن! ئاي تاغ كەينىگە مۆككەندىلا مەنمۇ ئۆز ئۇيقامنى تېپىۋېلىپ مەڭگۈلۈك ئالىمىگە سەپەر قىلىمەن...
ئىسلاھاتنىڭ بۇرنى سوغۇق، كەينى ئىللىق.
ئۇلار ھۆكۈم قىلىش ئەمەس،ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي نەپىسى قىسىلىۋاتاتتى. شۇ دەقىقىدە ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن مەھرۇم ئىدى!
ئەقلەن پىكىر يولىنىڭ خاتالىقىدىن شەكلەن ئادەتنىڭ توغرىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.ئەمما،ئەكىسچە بولسا بۇ مۇمكىنچىلىك تىلغا ئالغۇسىز دەرىجىدە كىچىك.
مۇھىتنىڭ تەسىرىنى مۇبالىغە قىلمىغاندىمۇ ئۇ ئىجتىمائى ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشىغا تامامەن يېتىدۇ.ئىجتىمائىيلىق _جەريان.ئىختىيارى تاللاش كەم دېگەندىمۇ ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ.ئىجتىمائىيلىق يۇقىرىلىققا ئۆچ.
خىرىستىئان چېركاۋدا،بۇددىست بۇتخانىدا مۈگدىگەننى كۆرمىدۇق. مۇسۇلمان بولغۇچى قىسمەتلىرىدىن ئىلاھنى چاقىرىش ئۈچۈن ياكى ئىلاھنىڭ چاقىرىقىنى قىسمەتلىرى بىلەن بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەسچىدتە مۈگدەمدۇ؟! كۆپ خىل ئېتىقاد شەكلى بىرخىل غەيپ كۈچىگە تېۋىنىدۇ،دۇنيا رەڭدار ھەم ئىلگىرى كېيىنلىككە ئىگە.
قەبرە _ ئىز ھەم ئىبرەت. زېمىن يۈزىدە چېچىلاڭغۇ قەۋمنىڭ قەبرىسىمۇ چېچىلاڭغۇ قالىدىغان ئوخشايدۇ.
ئىلىمسىز ئەلدە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىناۋىتى بولمايدۇ،ئىلىم ۋە ھەقىقى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ قەدىرسىز قېلىنىشى شۇ قەۋمنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.
ماددى نەرسىلەر ئۈستىدە قورۇلغان سۆھبەت ئەھمىيەتلىك.ئۇنىڭ ئەھمىيتى بۈگۈن ياكى بىر ئەۋلات ئۈچۈن.ئۈزۈلمىچىلىكنى ئۇلاش مەنىسىدىن ئېيتقاندا،مەنىۋى كامالەت ئۈچۈن قۇرۇلغان سۆھبەت ئالدىدا ئۇ ھېچقانچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس.بەلكى،تولىمۇ ئىپتىدائىي نەرسىدەك بىلىنىدۇ.
ئىلىم ئەھلىگە قەدىرلەنمەسلىكتىن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ.ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلىمەسلىكتىن بولسا قۇللۇق ۋە بىچارىلىك ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ.
بىر خەلققە كۆرگەنلا ئادەم ۋەكىللىك قىلالىشى ناتايىن. ئەمما،ھەرقانداق ئادەم مەلۇم بىر خەلققە تەۋە بولۇپ ياشايدۇ.
كورلۇقىنى ھېس قىلغان شائىر كۆزىنى ئېچىش تەلپۈنىشىدە قەلەم ئالىدۇ.كۆزىنى ئۇچۇق دەپ ھېس قىلغان شائىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئىلھام ئىزدەيدۇ...
بەزىلەر كۆچەتنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن قويىدۇ؛يەنە بەزىلەر تۇتقۇزۇپ مېۋىلىتىش ئۈچۈن ھەم مېۋىسىنى كۈتۈپ قويىدۇ.ھايات سەھنىسىدە كۆرۈلگەن تېراگىدىيلىك قىسمەتلەر قىسقا جەرياننىڭ نەتىجىسى بولماستىن،ناھايىتى ئۇزاققا سوقۇلغان ياكى پەقەتلا تۈزۈلمىگەن پىلاننىڭ نەتىجىسىدۇر.
كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيادا ھۇشيارلىقىنى يوقاتقان ئاقكۆڭۈللۈك ئەۋلادىغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمەل يۇقىرىلىغانچە ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشتا مۇقەددەس دەستۇرلار كەم بولمايدۇ.شۇڭا،ئۇلار ئېسىللاردۇر.
ئەمەل تۆۋەنلىگەنچە قورقۇتۇش،زومىگەرلىك،ئۆكتەملىك ھەم سۈر-ھەيۋىلەر ئۆزىنى ئوتتۇرىغا ئىتتىرىدۇ،چېكىدىن ئاشسىلا پەسكەشلىككە ئايلىنىدۇ.
قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراش مۇئامىلە قىلىنغۇچىنىڭ قارشى تەرەپكە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئاڭ شەكلىنى يەككە،تۇرغۇنلۇقتىنلا چۈشىنىۋېلىش ئۇمۇملاشسا پەيلاسوپنىڭ ئۆزىگە گۇمانى ئاشىدۇ.
ئىتائەت بەزىدە ئېسياندىن قورقۇنچلۇق.
تىنچ چاغلاردا كىرزىسنى ئويلاپ يېتىش مىللەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بىرخىل ئالامىتى.
ئادەت بىلەن ئىش كۆرۈش ئادەتتە بىخەتەر بولىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ خارەكېتىرى ئۆزىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىشتىن ئىبارەت.
كەيپىيات مۇقەررەر بولماستىن تاللىغىلى بولىدىغان تاسادىپىيلىقتۇر.
ھېسياتنى تىزگىنلەش خارەكتېرئەركىنلىكى ئۈچۈن بېسىلغان چوڭ بىر قەدەم.
خاپىلىققا باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدىنمۇ مۇھىم دەپ بىلىش سەۋەپچى بولىدۇ.
كىشىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان نەرسە ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئەڭ ئاز چۈشىنىدىغان نەرسىدۇر.
بەدىنى ئۆز يۇرتىدا،كاللىسى باشقا ئىقلىمدا.
مەنبە: ئۇيغار تورى ئەركيار مەخسۇس سەھىپىسىدىن.
ئىلاۋە: بايانلار ئەقلىيلىك دەرىجىسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇشى ھەتتا بەزى نامۇۋاپىق تەرەپلەر،تەنتەكلىكلەرئۆزىنى ئاشكارىلىغان بولۇشى مۇمكىن.بۇ تەرەپلىرىدىن ئۆزرىلىكمەن.