بىز شۇنداق ئادەملەر
ھېكايە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
ئۇنىڭ بېشى قايدى،كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. پۇت-قوللىرىدا غەيرى بىر سېزىم پەيدا بولۇپ، قانلىرى تومۇرلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، قالايمىقان ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. شۇ تاپقا ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ زېمىن ئايلىنىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. بىر چاغدا ئۇ ئورۇندۇقتىن يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ، ئوڭدىسىغا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق تۇراتتى. ئاغزىدىن ئاپپاق كۆپۈك چىقىۋاتاتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە قانچىلىك ياتتىكىن-تاڭ،بىر چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى-ئەزىمەت كىرىپ قالدى. ئۇ مۇئەللىمىنىڭ يەردە سۇنايلىنىپ يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.ئۇ مۇئەللىمنى يۆلەشتۈردى. پۇت-قوللىرىنى، چىكىللىرىنى ئۇۋۇلىدى. بىراق مۇئەللىم ھۇشىغا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەزىمەت ئەتراپىغا قارىدى.
شىرە ئۈستىدە تەجرىبە سايمانلىرى رەتلىك تۇراتتى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئۈچ ئادەمنى چاقىرىپ كىردى. ئۇلار مۇئەللىمنى كۆتۈرۈپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، كىچىك جىپ ئاپتوموبىلغا سالدى. جىپ ئاپتوموبىل رايونلۇق دوختۇرخانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
مۇئەللىم جىددىي قۇتقۇزۇشلاردىن كېيىن كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ كارىۋىتى ئالدىدا بىر نەچچە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. مۇئەللىم بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ، ئاغزىنى ئۆمەللىدى. بىراق گېلىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك،ئاغزىدىن گەپ چىقمايۋاتاتتى. ئۇ قولىنى كۆتەردى. پۇتلىرىنى مىدىرلاتتى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خوشال بولۇشتى. ئەپسۇس ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، گەپ قىلالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ئەمدىلىكتە تىلى كەمتۈك بولۇپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كىرگەندەك ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ، ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىغا نەزەر تاشلىدى. «مۇشۇ ئۆيدە مەن ياشاۋاتىمەن-ھە؟»-دەپ ئويلىدى، مۇئەللىم. ئۇ مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نە بىرمۇ پەرزەنتى يوق. ئايالى تېخى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا
يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ، مۇئەللىمنى ئۆمۈرلۈك داغدا قويۇپ، بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى.
مۇئەللىم قايتا ئۆيلەنمىدى، ئۇ تاملىرىدىن كاكىل لاينىڭ سامانلىرى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر ئۆينىڭ بۇلىڭىغا قويۇلغان ياغاچ كارىۋىتىدا تورۇسقا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى. ئۆي ئىچىدە گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن بەڭۋاش چىۋىنلار مۇئەللىمنىڭ ھېلى ئۇ يېرىگە،ھېلى بۇ يېرىگە قونۇۋىلىپ، ئۇنىڭغا زادى ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھويلىغا چىقىپ پىشايۋاننىڭ ئاستىغا قويۇلغان بىر كىشىلىك كىرىسلودا ئولتۇردى. ھويلىمۇ دىمىقنىڭ دەستىدىن تۇرغۇسىز بولۇپ كەتكەنىدى. سىرتتا ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپ، تۇراتتى. بالىلارنىڭ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى. تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ دەرۋازىسىغا يوغان بىر چالما كېلىپ تەگدى. دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن سادا چىقمىغاندىن كىيىن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى دەرۋازىغا يېقىنلاشتى. دەرۋازا قېقىلدى. بىراق ھويلىدىن ھېچقانداق شەپە چىقمىدى. شۇ ئەسنادا ھويلىغا يوغان بىر چالما چۈشتى. مۇئەللىم ئۆز جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇردى. بالىلارنىڭ ۋاراڭلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىتى.
-قاراڭلار! بۇ ئۆيدىكى ئادەم زادى گەپ قىلالمايدىكەن.
-دادامنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئادەم ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىكەن.
-مېنىڭ داداممۇ «بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى» دەيدۇ.
مۇئەللىمنىڭ تىلى تۇتۇلغان بىلەن قۇلىقى سەزگۈر ئىدى. ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ھەي... كىچىك بالا دېگەن بەرىبىر كىچىك بالىدە، ئۇ دېگەن نېمىنى بىلەتتى. شۇ ئەسنادا سىرتتىن چوڭ بىر ئەرنىڭ «ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتماي نېرى ئويناش!» دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇئان بالىلارنىڭ ۋارڭ-چۇرۇڭلىرى بېسىقتى. ئۇلار بۇ كوچىدىن ئۆز ئۆيلىرىگە تارقىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ھەتتىڭەي!ھېلىقى ئەر بالدۇرراق چىقىپ، ھىلىقى بالىلارنى قوغلىۋەتكەن بولسىچۇ!
ئەمدىلىكتە كوچىنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. مۇئەللىمنىڭ سىرتقا چىققۇسى كەلدى. تۆت ئەتراپى ياغاچ رىشاتكا بىلەن قاشالانغان چوڭ كۆلنىڭ بويىدا سايە تاشلاپ تۇرغان يەردە بىردەم ھاۋالىنىپ ئولتۇرغۇسى كەلدى. بىراق ئۇ ھايال ئۆتمەي، بۇ نىيتىدىن ياندى. نېمە پايدىسى بار؟ پەقەت مۇئەللىمنىڭ تەجرىبىخانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك يەر ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئەنە شۇ سۆيۈملۈك يېرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
تۇيۇقسىز دەرۋازىنىڭ ھالقىسى قاتتىق ئۇرۇلدى. كىچىك بالىلاردىن بىرسى يە بەڭۋاشلىق قىلىۋاتامدىكىنە؟ بالىلارنىڭ كەپسىزلىكىدىن خۇيمۇ تويدىغۇ كىشى!مۇئەللىم جايىدا جىم ئولتۇرۇۋەردى. ئۇرۇۋىرىپ ھېرىپ قالغاندا توختاپ قالىدۇغۇ ئاخىرى. بىراق ئىشىك بىر ھازاغىچە ئۇرۇلدى. ئىشىكنى ئاچمىسام قانداق قىلىدىكەن قېنى؟ئاخىرى ئىشىك ئۇرۇلۇشتىن توختىدى. تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى. ئۇ يانفۇننى قولىغا ئالدى. ھەي، ئەسلىدە ئەزىمەت بۇ يەرگە كەپتىكەن-دە!
مۇئەللىم تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى-دە، ئىشىكنى ئاچتى. ئەزىمەت ھويلىغا كىرىپ، مۇئەللىم بىلەن تېنىچلىق سوراشقاندىن كېيىن مۇئەللىم ئولتۇرغان كىرىسلونىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقنى ئالدىغىراق تارتىپ ئولتۇردى.
-مۇئەللىم، مۇشۇنداق ھالەتتە ياشاۋېرىشىڭىزگە مەن چىدىيالمىدىم. يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ، داۋالىتىپ باقساق، چوقۇم ساقىيىپ قالاتتىڭىز،- دېدى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن دورا-دەرمەكلەرنى مۇئەللىمگە سۇنىۋىتىپ، مۇئەللىم بېشىنى چايقىدى. ئەزىمەت خېلى ئۇزۇنغىچە، مۇئەللىمگە ھەمراھ بولۇپ ئولتۇردى. ئاندىن كوچىنىڭ دوقمۇشىغا چىقىپ، لەغمەن ئەتكۈزۈپ، مۇئەللىمگە ئەكىرىپ بەردى. مۇئەللىم لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يېدى. شۇندىن تارتىپ ئەزىمەت ھەر كۈنى مۇئەللىمنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى. ھەر قېتىم كەلگەندە مۇئەللىمگە تېلېفون قىلغاندىن كېيىنلا، دەرۋازىسىنى ئاچاتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر كۈنى مۇئەللىمنى كۈندىلىك ئادىتى بويىچە يوقلاپ كەلگەن ئەزىمەتنىڭ قايتا-قايتا ئۇرغان تېلېفونى جاۋاپسىز قالدى. ئېنىقراقى قارشى تېلېفون ئۇلاندى-يۇ، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئەزىمەتنىڭ يۈرەك سوقۇشى رېتىمىنى يوقاتتى. ئۇ ئەنسىزچىلىكتە دەرۋازىنى قاقتى. ئىچىدىن سادا چىقمىدى. ئۇ تەسلىكتە تامدىن ئارتىلىپ چۈشتى-يۇ، مۇئەللىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىقىلىپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرى پىلدىرلاپ تۇراتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنى يۆلىدى. بىراق مۇئەللىم دەسسىيەلمەيۋاتاتتى. قوللىرىمۇ جانسىز ھالدا ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇئەللىمنى يۈدۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ، كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدى. مۇئەللىم بېشى بىلەن تورۇسنى ئىما قىلىپ بىر نېمە دېگەندەك قىلاتتى. بىراق ئەزىمەت مۇئەللىمنىڭ نېمە دېگەنلىگىنى چۈشىنەلمىدى. ئەزىمەت باشلىققا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي مۇئەللىمنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنى يوقلاپ كېلىشتى. مۇئەللىم ئۇلارغىمۇ تورۇسنى ئىما قىلدى. ھەممەيلەن تورۇسقا قاراشتى. بىراق تورۇستا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى. باشلىق ئەزىمەتنى مۇئەللىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قويۇپ، باشقىلارنى باشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەتىسى ئەزىمەت مۇئەللىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار مۇئەللىمگە دىياگىنوز قويۇپ، داۋالاپ ساقايتىشنىڭ مۇمكىنلىكى يوقلىقىنى،شۇڭا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تەييارلاپ قويۇش لازىملىقىنى ئېيتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى مەكتەپتىكى بويتاقلار بىناسىنىڭ بىر ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردى. بىراق مۇئەللىم تىنماي بېشىنى چايقاۋاتاتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەي، گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەندى. مۇئەللىم ئۆز ئۆيىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەزىمەت ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. قانداق قىلىش كىرەك؟
مۇئەللىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك!ئەزىمەت مۇئەللىمنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى ۋە كارۋىتىغا ياتقۇزۇشىغا مۇئەللىم مەمنۇن بولغاندەك كۈلۈمسىرىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ، بېشى ساڭگىلاپ قالدى. مۇئەللىم جان ئۈزگەنىدى. ئەزىمەت تېلېفوننى ئېلىپ، باشلىققا خەۋەر قىلدى. ھايال ئۆتمەي تەرەپ-تەرەپتىن كىشىلەر كېلىپ يىغىلىشقا باشلىدى.
مۇئەللىمنىڭ بۇ غېرىبانە ھويلىسى بۈگۈن ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. بىراق بۇ مەھەللىدىن بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتى. مۇئەللىم ئىشلىگەن مەكتەپ تەشكىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىشى ئارقىلىق،شەھەردىكى ئەڭ چوڭ جامەئەنىڭ خاتىپى ئون نەچچە كىشىنى باشلاپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. مۇئەللىمنىڭ قارايوپۇق يېپىلغان جىنازىسى ئاپتوموبىلغا سېلىشقا ئۈلگۈرمەي، قولدىن-قولغا ئېلىنىپ، كىشىلەر توپى ئالدىدا كېتىۋاتماقتا. كوچىنىڭ بىر بۇلىڭىغا مۆكۈۋېلىپ، جىنازىغا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇرغان بىر نەچچە كىشى جىنازىنىڭ يىراقلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كۇسۇرلاشقا باشلىدى.
-بۇ قاغىش تەككۈر، توي-تۆكۈن، نە نەزىر-چىراق دېگەنلەرگە بارمايتتى.
-بۇ مەھەللىدە ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايتى، قاراڭلار، ئاۋۇ ئادەمنىڭ كۆپلىكىنى!
-شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالغان گەپ!
-بىز تېخى بۇ ئادەمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈدىغان ئادەم چىقماسمىكىن دەپتۇق...
سۈپسۈزۈك سۇلىرى دولقۇنلاپ تۇرغان كۆز يەتكۈسىز دېڭىز قىرغىغىدا يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان ئەزىمەت چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، قىرغاقتىن ئاستايىراقلاپ، ۋاگزال تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇئەللىمگە ئوخشاشلا قىسمەتكە يولۇققان ئەزىمەت ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى جەزىم قىلدى. بىراق ئەزىمەتنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ھالىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى. ئەزىمەتنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بىر ئىنىسىنىڭ كۈچ چىقىرىشى،قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۇ ئىچكىرىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەزىمەت سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئەللىمنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، مۇئەللىمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا يېتىپ كەلدى. ئوھۇي، بۇ كوچىنىڭ ئەسلى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالماپتىغۇ؟كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىكى ئۆيلەر چېقىلىپ كەتكەنىدى. ئەزىمەت چالا-پۇلا چېقىلغان ھېلىقى تونۇش ئۆينى ئاران پەرق قىلالىدى. بۇ ئۆينىڭ بىرلا تېمى چېقىلىپ، قالغان ئۈچ تېمى بىلەن تورۇسى قالغانىدى. ئۇ چېقىلغان ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.
بىر چاغلاردا مۇئەللىم تورۇسنى ئىما قىلىپ، بىر نەرسىلەرنى دېگەندەك قىلىۋىدى، شۇ چاغدا نېمە دېگەن بولغىيتتى؟ئەزىمەت تورۇسقا نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ياغاچنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىر بولاققا چۈشتى. ئۇ ئەتراپتىن قىش پارچىلىرىنى تېرىپ كېلىپ، ئىگىز دۆۋە ياساپ، تورۇستىن ھېلىقى بولاقنى ئېلىپ پەسكە چۈشتى. ئۇ بولاقنى ئاچتى. ئىچىدە 20 نەچچە پارچە پۇل ئامانەت چېكى بىلەن بىر ۋاراق قەغەز چىقتى. قەغەزگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:«يېقىن-يىراق يىزا-قىشلاقلاردىكى يىتىم بالىلارغا ئاتىدىم.....»
ئەزىمەتنىڭ ھاياجاندىن تۆكۈلگەن ئىككى تامچە كۆز يېشى مەڭزىگە سىرغىپ چۈشتى.
(ئاپتور: قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى)