ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجىئەسى (2-قىسىم)
جاۋاپسىز قالغان سۇئال
4
1935-يىلى ئاتۇشتا بەگلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدىن قەشقەر دوتەي يامۇلىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى. ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قەشقەرنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئاتۇش ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلدى. قەشقەر دوتەي يامۇلىدىن ئەۋەتىلگەن قاسىم دېگەن كىشى ئاتۇش ناھىيەسىگە ھاكىم بولدى. شۇ يىللاردا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى-مەمەتئېلى توختاجى(تەۋپىق)ئەپەندىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئاتۇشتا مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى كەڭ تۈردە ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ئۇزاق ئۆتمەي ئاتۇش ناھىيەلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتۇش ناھىيەلىك سانايى نەپىسە قۇرۇلۇپ، ئابدۇكىرىم ئىمىن سانايى نەپىسەگە مەسئۇل بولدى. شۇ چاغدا سانايى نەپىسەگە قۇربان ئىبىرايىم، مىرەخمەت سېيىت،ئەمەت ئىلھام قاتارلىق بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار توپلاشتى. ئاتۇش مەشىھەتتىكى پىشقەدەم سەنئەتكار ئەمەت ئىلھام قەمبەرخاننىڭ سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغان ۋاختىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
-مەن قۇربان ئىبرايىم، ئابدۇكىرىم ئىمىن ،مىرەخمەت سىيىت قاتارلىق بىر نەچچەيلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ، سانايى نەپىسەگە ئارتىست قوبۇل قىلماقچى بولدۇق. مەشھەت كەنتىگە كەلگىنىمىزدە يىراقتىنلا بىر قىزنىڭ دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيىتقان يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز دوقمۇشتىن قايرىلىپ قارىساق، بىر قانچە قىز ئورىۋالغان قەمبەرخان ئېرىق بويىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ. مەن شۇ چاغدىلا قەمبەرخاننىڭ سەنئەت جەھەتتە تالانتى بار بىر قىز ئىكەنلىكىنى سەزگەنىدىم. .....
ئاتۇش ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىسمايىل ئەسكەر قىزى قەمبەرخاننى ناھىيەلىك سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقلانغىنىدىن قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى. دەسلەپتە ئۇ قىزىنىڭ ئارتىست بولىشىغا زادى قوشۇلمىدى. ئابدۇكېرىم ئىمىن،قۇربان ئىبىرايىم قاتارلىقلارنىڭ قايتا-قايتا خىزمەت ئىشلىشى ئارقىسىدا ئىسمايىل ئەسكەر قەمبەرخاننىڭ ئارتىستكا بولىشىغا قوشۇلدى.
قەمبەرخان سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ دۇتتار چېلىش، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلىپ، خەلق ئىچىگە تىزلا تونۇلدى. شۇ چاغدا ئاتۇش سەھنىلىرىدە «غېرىپ-سەنەم»،«رابىيە-سەيدىن»،«تاھىر زوھرا» قاتارلىق درامما، ئوپېرالار كەينى-كەينىدىن ئوينالغان بولۇپ، قۇربان ئىبىرايىم، مىرەخمەت سىيىتلەر غېرىپ، تاھىر، سەيدىن قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئالغان بولسا، قەمبەرخان ئىسمايىل سەنەم، رابىيە، زۆھرەلەرنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ، ئاتۇش ناھىيەسىدىكى كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىراق گۈلنىڭمۇ تىكىنى بار دېگەندەك، قەمبەرخان ئىسمايىل كەڭ خەلق تەرىپىدىن ئالقىشلىنىۋاتقان كۈنلەردە قەمبەرخان توغرۇلۇق بەزى ئەپقاچتى گەپلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئاندا-ساندا پەيدا بولۇپ قالدى:
-قەمبەرخاننى ئىسمايىل ئەسكەر بېقىۋاپتىكەن.
-ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
-ئۇ داڭلىق سەنئەتچى بولغان بىلەن تېگى-تەكتىنىڭ تايىنى يوقكەن.
-ئۇنى تېخى ماتىتەينىڭ پۇشتى دەمدۇ،ئەيتاۋۇر....
بۇنداق پىتنە-پاسات گەپلەر قەمبەرخاننىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپ ئۈلگۈردى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماسقا سېلىپ، شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ پىتنە-پاسات گەپلەر ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋىلىپ، زادى ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئاشۇنداق پىتنە-پاسات گەپلەرنىڭ كاساپىتىدىن قەمبەرخان ئىسمايىل تۇرمۇشتا ئېغىر بەخىتسىزلىككە دۇچار بولدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، روزى قۇربان، ئاريپ قاتارلىقلار بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ لېكىن بۇلار قەمبەرخان توغرۇلۇق ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كېتىپ، قەمبەرخاننى ئۆيدىن قوغلىۋەتتى. شۇ چاغدا ئاتۇش ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە ئەمەلدار بولۇپ ئىشلەۋاتقان مامۇتجان ھېيىت قەمبەرخاننىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەمدىن ئېچىنىپ، پىتنە-پاسات گەپلەرگە پىسەنت قىلماي، قەمبەرخان ئىسمايىل بىلەن توي قىلدى.شۇنىڭ بىلەن قەمبەرخاننىڭ يېڭىچە ھاياتى باشلاندى. قەمبەرخان شۇ چاغدىلا پىتنە-پاسات گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىسمايىل بىلەن ھەمراخاندىن سۈرۈشتە قىلماقچى بولدى-يۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، دەرت-ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. بولدى، ئۇ مامۇتجان بىلەن ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتىدۇ. مامۇتجان ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەدىرلەيدۇ.قانداق تەلىپى بولسا، بىجاندىل ئورۇندايدۇ. شۇنداق ئىكەن قەمبەرخاننىڭ يەنە ئىلگىرىكى ئىشلارنى كوچىلاپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ئاتۇش مەشھەتتىكى مەرھۇم تاھىرھاجىم قەمبەرخان ئىسمايىلنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
12 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، ئاتۇش ناھىيەلىك نەپىسەدىن مېنى ئارتىستلىققا قوبۇل قىلغىلى كەپتىكەن، چۈنكى، شۇ چاغدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كەنتلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر دراما ئوينىلىدىغان بولۇپ، مەن شۇ درامىدا كەنتتىكى بىر كىچىك بالىنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقتىم. قەمبەرخانمۇ شۇ دراممىدا رول ئېلىپ چىققان. ئۇ ھەقىقىتەن تالانتلىق سەنئەتكار ئىدى. كېيىن مەن قەمبەرخاننى مەشھەتتىكى ئۆيىگە كەلگەندە پات-پات كۆرۈپ تۇرغانتىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر-بېسىق، كەمسۆز ئەدەپ-دىيانەتلىك ئايال ئىدى. دائىم دېگۈدەك يەردىن بېشىنى كۆتەرمەي يۈرەتتى. لېكىن سەھنىدە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيىتقان ۋاقىتتا،كىشىلەر ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپلا قاراپ قالاتتى.....
1947-يىلى كۈزدە قۇربان ئىبرايىمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئاتۇش ناھىيەلىك سانايى نەپىسەدە ئىشلەۋاتقان قەمبەرخان ئىسمايىل بىلەن تاجىنسا خانىم شىنجاڭ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىگىگە تاللىنىپ كەتتى. شۇ چاغدا مامۇتجان قەمبەرخان بىلەن بىرلىكتە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلدى. مامۇتجان ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىگە يۆتكەلدى.
ئۆز قىزىنىڭ پىراقىدا ھىجران ئازابى تارتىۋاتقان ھاۋاخان پات-پات ئاتۇشقا چىقىپ، قىزىنىڭ ئىز-دىرىگىنى قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ،لېكىن قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىشنى راۋا كۆرمىدى. ئۇ قەمبەرخاننىڭ كۆڭلىنى ئايايتتى. قىزىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇ پەقەت قەمبەرخان بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسىلا خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىسىلا شۇنىڭغا رازى ئىدى. ئۇ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى قەمبەرخانغا سۆزلەپ بەرسە، قەمبەرخاننىڭ ئىسمايىل ئەسكەر ۋە ھەمراخانلار بىلەن ھاۋاخان ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قېلىپ، ئازاپلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ قىزىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدىغان مۇۋاپىق پەيتنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھاۋاخان قىزىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئۇزاق ئويلاندى. «قەمبەرخان ھازىر ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمدى قەمبەرخانغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنىڭ پەيتى كەلدى. قەمبەرخان مېنىڭ باغرىمنى يېرىپ چۈشكەن يۈرەك پارەم تۇرسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۈرۈيمەن.»ھاۋاخان ئويلىغانلىرىنى ئابلابەگكە ئېيتىۋىدى، ئابلابەگ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، قەمبەرخاننىڭ يول خىراجىتىگە يىتەرلىك راسخوت ئىۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھاۋاخان قىزى-قەمبەرخانغا خەت يازدى.
5
«قىزىم، توقۇز ئاي، توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ، سىزنى تۇغقان ئانىڭىز بولساممۇ،بىراق تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمىتىدىن سىزنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ ‹قىزىم› دەپ باغرىمغا باسالمىدىم. سىزنىڭ دىدارىڭىزغا قانالمىدىم. 20 نەچچە يىللىق ھىجران ئازابى مېنى تولىمۇ قىينىماقتا. يۈرىگىم ئاشۇ ھىجران ئازابىنىڭ دەستىدىن بارغانسىرى زەئىپلەشمەكتە. بەلكىم، مېنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان كۈنۈم ئاز قالغاندۇ، شۇڭا سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈتىدىغىنىم-سىز ئېغىر كۆرمەي بىر قەشقەرگە بىر قېتىم كەلگەن بولسىڭىز. سىزنى قىزىم، دەپ بىر قېتىم باغرىمغا بېسىۋىلىپ،ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.»
خەتنى ئوقۇپ قەمبەرخان بىر ھازاغىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ خەتتىكى ئىشلارنىڭ چۈشى بولۇپ قېلىشىنى، بىر دەملىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ كېتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بىراق بۇ كۆز ئالدىدىكى رىياللىقنى قوبۇل قىلماسلىققا ئامالسىز قالدى.
ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، خەتنى مامۇتجانغا بەردى ۋە خەت يازغان ئايالنىڭ يولىغا كىتەرلىك راسخوتلارنىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مامۇتجان خەتنى ئوقۇپ چىقىپ، ھەيران قالدى. بىر نەچچە كۈنگىچە مامۇتجان بىلەن قەمبەرخان خەتتىكى ئىشلار توغرىسىدا باش قاتۇرماقتا ئىدى.
ئەگەر قەمبەرخاننىڭ قەشقەرگە كېلىپ، ئۆزىنى تۇغقان ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخان ئۇقۇپ قالسا، ئۇلار نېمىلەرنى ئويلاپ كېتەر؟ كۆپ قېتىملىق ئويلىنىشلاردىن كېيىن، قەمبەرخان ئاخىرى قەشقەرگە بېرىپ، تۇغقان ئانىسى بىلەن دىدارلىشىش قارارىغا كەلدى. مامۇتجان زۆرۈر تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەرگە يولغا سالدى.
1948-يىلى كۈز پەسلى. ئىككى ئات قوشۇلغان مەپە ئابلابەگنىڭ ھەشەمەتلىك قورۇسى ئالدىدا توختىدى. بوخچا كۆتۈرۈۋالغان قەمبەرخان مەپىدىن چۈشتى. ئابلابەگنىڭ چاپارمەنلىرى ئىچكىرى سارايغا كىرىپ، ئابلابەگكە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان ھاۋاخانغا قەمبەرخاننىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ھاۋاخان دۇتتارنى قويۇپ، ئىشىك ئالدىغا چىقتى. ئانا-بالا ئىككىسى قۇچاقلاشتى. ئانىنىڭ 25 يىللىق ھىجران ئازابى ئاخىرى يېشىلدى. ئانا-بالىنىڭ يىغا-زارىنى كۆرگەن ئابلابەگ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى.
ئانا قىزىنى باشلاپ ئۆيگە كىردى. ئابلابەگ ھاۋاخانغا قەمبەرخاننى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشنى جېكىلەپ، ئۆزىنىڭ دېدەكلىرىنى بۇ ئىشقا يارىدەملىشىشكە چاقىردى. قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كېلىپ، ئۆز ئانىسى بىلەن دىدارلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەلىمىخان، قىزى-تۇخان، ۋە ئۆمەر ئاخۇننىڭ شاگىرتى-ھەززى ھاجىنى ئېلىپ، ئۆمەرئاخۇندىن يوشۇرۇنچە، ئاۋاتقا يولغا چىقىپ، ئابلابەگنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلدى. ھاۋاخان سەلىمىخانلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۆيىدە يەتتە كۈن تۇرغۇزۇپ، ئوبدان مېھمان قىلدى. ئەزەل قىسمەتتە شۇنداق پۈتۈلگەنمۇ ھاۋاخان سەلىمىخانلار توغرىسىدا قەمبەرخانغا ھېچنەرسە ئېيتىپ بەرمىدى. قەمبەرخانمۇ بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گەپ سورىمىدى. سەلىمىخانغا ھەمراھ بولۇپ بارغان ھەززى ھاجى (2001-يىلى 7-ئايدا 80 يېشىدا ۋاپات بولغان)شۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: مەن سەلىمىخان ئاچىغا ھەمراھ بولۇپ ئاۋاتقا بارغان ۋاختىمدا قەمبەرخاننى كۆرگەن. ئۇ ئۇزۇن چاچلىرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان،قويۇق قاشلىق، ھۆسۈن لاتاپەتلىك، چىرايلىق ئايال ئىدى. ھاۋاخان قىزىنى ئېرىق بويىدا ئولتۇرغۇزۇپ، چېچىنى تاراپ، 40 تال قىلىپ ئۆرۈپ قويغان ئىدى. ھاۋاخان مېنى بىر ياققا تارتىپ: «بالام،بۇ سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار بولىدۇ، تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمىتىدىن بۇ قىزىمنى مەن باقالماي قالغان. ھازىر ئۇ ئۈرۈمچىدە ئارتىست.»-دېگەنىدى...
سەلىمىخاننىڭ ئۆزىدىن يوشۇرۇنچە مەمەتئېلىنىڭ قىزى-قەمبەرخان بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئۆمەرئاخۇن سەلىمىخانغا كايىپ كەتتى:
-بۇ گەپنى ماڭا دېسەڭ بولمامدۇ؟ مەمەتئېلىمۇ سەن بىلەن بىرگە بېرىپ، قىزىنى كۆرۈپ كېلەتتى ئەمەسمۇ؟
قىزىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەمەتئېلى ئاۋاتقا ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ قەمبەرخاننىڭ ئىدارىسىدىن رۇخسەت سورىغان ۋاقتى توشۇپ، ئۈرۈمچىگە كېتىپ بولغان ئىدى. مەمەتئېلى قاتتىق ئازاپلىنىش ئىچىدە چۇمبۇسقا قايتىپ كەلدى.
6
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھاۋاخاننىڭ قىزىنى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى. قەمبەرخاننىڭ ئاۋاتتا تۇرغان ۋاقتىدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ھاۋاخاننىڭ كۆز ئالدىدىن خۇددى كىنو ئېكرانىدەك، ئۆتمەكتە ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەممىلا يەردە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، باي-پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىندى. ئابلابەگ ئىنتايىن ئادالەتپەرۋەر بەگ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا كەڭچىللىك قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. ئابلابەگ گەرچە ھاۋاخاننى ئىنتايىن قەدىرلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كېيىنكى خوتۇنلىرى ھاۋاخاننى پاتۇرماي، ھە دېسىلا ئۇنى يەكلەپ تۇردى. بۇ دەرت-ئەلەمنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ھاۋاخان ئابلابەگنى خەۋەرلەندۈرمەيلا 20 نەچچە يىل ھايات كۆچۈرگەن بۇ قورۇدىن ئايرىلىپ،ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ئۆز ئىدارىسىدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مامۇتجان بىرسىنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. دەرۋازا ئالدىدا بىر ئايال ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا غەمكىن تۇراتتى. ئىككەيلەن تېنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇپ، ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن قەمبەرخانمۇ ئىشتىن قايتىپ كەلدى. ئانا-بالا دىدارلىشىپ، قىزغىن مۇڭداشتى. ھاۋاخان قەمبەرخاننىڭ ئۆيىدە قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخانمۇ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ھۆكىمەت خادىملىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى. قەمبەرخان ھەمراخانغا تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن، بالدۇر لەغمەنگە تۇتۇش قىلدى. ھاۋخان بىر تەرەپتە خېمىر يۇغۇرۇۋاتاتتى. سىرتتىن سەي ئېلىپ كىرگەن قەمبەرخان ھاۋاخانغا قاراپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى.
-نېمىنى ئويلاپ قالدىلا، قىزىم؟-دېدى ھاۋاخان.
-سىلىدىن بىر ئىشنى سورىيالماي كېلىۋاتىمەن، ئانا. سورىسام كۆڭۈللىرىگە كېلەرمۇ؟،-دېدى قەمبەرخان تەمكىنلىك بىلەن.
-نېمە گەپ بولسا، سوراۋەرسىلە، قىزىم. –دېدى ھاۋاخان.
-بىر چاغلاردا مەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن «تېگى-تەكتىنىڭ تايىنى يوق.»دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ، گاڭگىراپ قالغان ئىدىم. مەن سىلىدىن سوراپ باقاي، مېنىڭ دادام كىم؟ ئۇ قەيەردە؟-دېدى قەمبەرخان.
بۇگەپنى ئاڭلىغان ھاۋاخاننىڭ پۇت-قولى بوشاپ كەتتى. خېمىر يۇغۇرىۋاتقان قولى ھەرىكەتتىن توختىدى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرىزە ئالدىغا كەلدى.ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بىر ئاز سوغۇق بولۇپ، ئاسماننى بۇلۇت قاپلىۋالغان. ئەتراپ ئىس-تۈتەكلەر بىلەن پۇرقىراپ تۇراتتى. ھاۋاخان ئاغزىنى ئۆمەللەپ، بىر نېمىنى دەي دەپ تۇرىشىغا، ئىشىك ئېچىلىپ ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخان كىرىپ كەلدى.قەمبەرخان ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. «رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ.» دېگەندەك ئىسمايىل ئەسكەر،ھەمراخانلار بىلەن ھاۋاخان بۇ ئۆيدە ئۇچرىشىپ قالدى.
ھەمراخان ھە دېسىلا زەھەرلىك نەشتىرىنى ھاۋاخانغا سانجىپ، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى.قەمبەرخانغا بولسا:«ھاۋاخان دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ماتىتەيگە بۇزۇلغان بۇزۇق، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سېنى تاشلاپ، تىتەينىڭ ئوردىسىغا قېچىپ كەتكەن. بىز سېنى ئۆيىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە چوڭ قىلدۇق. ئۇ نومۇسسىز يەنە سېنىڭ قېشىڭغا كەپتۇ.»دەپ ھاۋاخاننى تىنماي چېقىشتۇردى.ھەمراخاننىڭ گەپلىرىدىن يەنە بىر قىتىم ئازار يېگەن ھاۋاخان بۇ ئۆيدىن ئاستىغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى. (شۇ چاغدا ھاۋاخان بۈگۈردىكى ئىنىسى-مەمەتجاننىڭ ئۆيىگە كىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.)
7
1958-يىلى ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتى باشلانغان مەزگىلدە سەنئەت كۆكىدە توختىماي، پەرۋاز قىلىۋاتقان مەشھۇر سەنئەتكار قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ قانىتى سۇندى. ئۇ كۆك قەھرىدىن ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئاتۇش مەشھەتتىكى پىشقەدەم سەنئەتكار ئەمەت ئىلھام شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش كۆرىشى باشلانغان ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى- نىياز ئۆمەر ‹ئەكسىيەتچىل ئوڭچىل ئۇنسۇر› ،دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى.
ئىلگىرى قەمبەرخان ‹نىياز ئۆمەرنىڭ قوللىغۇچىسى›دېگەن قالپاقنى كىيىپ سەھنە ھاياتى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى....
مەشھۇر سەنئەتكار قەمبەرخان ئىسمايىل ئۆزىنىڭ 67 يىللىق ھاياتىدا قانچىلىغان بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كۆچۈردى. ئۇ ھاياتىدا ئۆز دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي، ئارمان بىلەن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.
قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىسى ماتىتەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى مۇدھىش جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلماس يادنامىسى بولۇپ قالدى. ماتىتەي زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كاساپىتىدىن يەنە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خانىۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىئەجەل ھاياتىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بولمايدۇ.
خاتىمە
مەن كىچىك چاغلىرىمدا دادام مەمەتئېلى ئاخۇندىن بىر ئاچامنىڭ بارلىقىنى پات-پات ئاڭلاپ قالاتتىم. كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، دادامنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. 1988-يىلى مەن قاراشەھەر ناھيەسىگە بېرىپ، تاغامنىڭ بالىلىرى بىلەن دىدارلىشىپ، 15كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. مەن قاراشەھەردىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەينى ۋاقىتتا قەمبەرخان ئاچىمىز بىلەن كۆرۈشكەن بىر نەۋرە ئاكىمىز-ھەززى ھاجى:
-ئۇكام، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئىزدەيدىغان ياخشى ئادەتلىرى بار ئىكەن. دادىلىرى مەمەتئېلى ئاكىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم توي قىلغان ئايالىدىن تۇغۇلغان بىر قىزى بار ئىدى. شۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ باققان بولسىلا،-دېدى. ۋە ئەينى چاغدا ئاۋاتتا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى. شۇئان مەندە شۇ ئاچامنى بىر كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە كىرىشتىم. ئالاھەزەل ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قەدىرلىك ئاچام –قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. 1991-يىلى 7-ئايدا مەن قەمبەرخان ئىسمايىلنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ، ئاچامنىڭ يولدىشى-مامۇتجان ئاكام بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەپسۇس،ئاچام قەمبەرخان ئىسمايىل 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. تەقدىر-قىسمەت ئاچام بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمىگەن ئىدى. مانا ئالدىمدا بۇ مەشھۇر سەنئەتكارنىڭ يارقىن سىماسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭ ئاچامنى سېغىنىشلىرىم بىر نەچچە ۋاراق قەغەز يۈزىدە قالدى، خالاس.
ئاپتور-قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى.
2012-يىلى 4-سېنتەبىر يېزىلدى.قەشقەر