سىز بەك ئەقىللىق
نېمە،مەن بەك دۆت دېدىڭىزما؟ ياق،ياق.سىز دۆت ئەمەس.سىز بەك ئەقىللىق. نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى سىز ئەقىللىق بولغاچقا بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.نېمە،مەن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم دەمسىز؟ سىز ئۆتمۈشىڭىزگە بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭ،ھەم ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىڭىزغا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.ئاندىن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلالايسىز. نېمە،مەن بىر مەغلۇبىيەتچى دېدىڭىزما؟ياق،ياق.سىز بىر غەلىبە قىلغۇچىسىز.سىز غەلىبە قىلالىغاچقىلا ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.
ئەمىسە نېمىشقا مەن باشقىلار قىلالىغاننى قىلالمايمەن،دېدىڭىزما؟ھە- ناھايتى ياخشى.ئادەم دېگەن داۋاملىق مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇش،ئۆز-ئۆزىنى سوراققا تارتىپ تۇرۇش كېرەك.بولمىسا ئۇنىڭ پىروگرامما بويىچە ئىش قىلىدىغان ماشىنا ئادەمدىن نېمە پەرقى؟! _ شۇنداقمۇ-يە!؟
باشقىلار قىلالىغاننى سىز چوقۇم قىلالايسىز (ياخشى ئىشلارنى جۇمۇ،يامان ئىشلارنى دوراپ،قىلىپ يۈرمەڭ).سىزدە كۈچلۈك رىقابەتچانلىق ئېڭى بولسۇن(ياخشى ئىشلاردا).
ئۆزىڭىزنى "باشقىلار قىلالىغاننى مەن چوقۇم قىلالايمەن " دەپ ئويلاڭ.بۇ بەك مۇھىم.چۈنكى ئەڭ ئاۋۋال روھىيتىڭىزنى بىر قېتىم تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن ،ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا ئۆتىمىز.
ئەمدى سىز مۇكەممەل بىر ئەتراپلىق پىلان تۈزۈڭ(مەن ئەتراپلىق پىلان تۈزەلمەيمەن دېدىڭىزما؟ياق ،ياق.سىز چوقۇم تۈزەلەيسىز. ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،تەھلىل قىلىپ،ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى توختىغۇدك بولسىلا سىز ئۈچۈن يىتەرلىك بولدى.جاھاندا نەدىمۇ مۇكەممەللىك بولسۇن دەيسىز؟! بىلىپ قېلىڭكى،بۇ جاھاندا مۇكەممەل ئىش يوق.ئىنسانلار ھېچقاچان مۇكەممەل ئىش قىلالمايدۇ.مۇكەممەللىك قوغلىشىدىغانلار مەنزىلگە بارالمايدۇ،ياكى بەك كېيىن بارىدۇ.)
سىز مۇقىم بىر نىشاننى تۇتۇڭ(يەنى كۆزلىمەكچى بولغان نىشانىڭىزنى).ھەمدە شۇ نۇقتىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش روھىنى يىتىلدۈرۈڭ.بۇنىڭغا توغرا بولغان كۈچلۈك ئىرادە ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىڭ.
بۇ يولدا باشقىلارنىڭ دېگەن سۆزىگە قۇلاق سالماڭ(توغرا پىكىرلىك كىشلەردىن باشقا).دانىشمەن ،بىلىملىك كىشلەرنى دوست تۇتۇپ،شۇنداق كىشلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ تۇرۇڭ(بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىڭىزدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرسى).سىز ماڭغان بۇ يولدىكى ئىلگىرىكى كىشلەرنىڭ ئىش- ئەھۋالىغا قاراپ،خۇلق-مىجەزى ياخشى بولغان كىشلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئېلىپ تۇرۇڭ. ئۇلار بىلەن پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
سىزدە شۇنداق كۈچلۈك ئىرادە بولسۇنكى ،جاپا – مۇشەققەتلەردىن قورقمايدىغان،توختاسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان،
كىچىككىنە توسالغۇنى ئايلىنىڭ ئۆتۈپ كەتمەڭ.
سىزدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ،ئىزدىنىش،جاپاغا چىداش روھىي بولسۇن.
بىلىپ قېلىڭكى ،ئادەمنىڭ ھاياتى كۈرەش دېمەكتۇر.سىز ھاياتىڭىزدا كۆرەش قىلىپلا ئۆتىسىز.(مەسلەن تاماق ئېتىپ يىيىش ئۈچۈن ھەممە لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ ئاندىن ئۆزىڭىز قول سېلىپ<<"نېمە ،خوتۇن ياكى ئانام ئېتىپ بېرىدۇ"دېمەكچىمۇ؟ھەي سىز تاماق ئېتىپ باقمىغانمۇ؟بولمىسا ئېتىپ بېقىڭ.مىسالىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن.مەن سىزگە پەقەت چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن تاماق ئېتىپ يىيىشنى مىسال قىلىپ ئالدىم.باشقا خىياللارنى قىلپ يۈرمەڭ.>> ئېتىسىز.ئەگەر سىز بىر نورمال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان دېھقاننى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە،ئىشلەپ<<"قىش پەسلى ئىش يوق "،دېمەڭ.ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ،كەچلىكى يوتقانغا كىرىپ،ئۆزىڭىزنى سەزمەي ئوخلىغىچە ئىش قىلىدىغانسىز.چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ.ھەي-ھەي !باشقا خىياللارنى قىلىپ يۈرمەڭ.>>ئاشلىق،كۆكتات،گۆش ....دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۆزلىرى تەييارلاپ،ئاندىن شۇ نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تاماق قىلىپ يەيدۇ.
دېمەك ئۆزىنى –ئۆزى قامدىيالايدۇ. باشقا ئش،كەسىپلەرنى قىلىدىغانلارنى دېھقانلار ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا "دېھقان ئۇلۇغ" دەيدۇ،بۇرۇنقىلار.
ھە-ئەمدى ئويلاپ قېنى،ھاياتلىقتا كۈرەش بارمىكەن-يوقمىكەن؟
ھاياتلىق ـــــ ھەرىكەتتە!
ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ كەتمەڭ.بىلىپ قېلىڭكى ئوينىغان ئويۇن شۇ جايىدا قالىدۇ. بىردەملىك سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلغاندەك قىلغان بىلەن سىزنى ئۆزىگە (خىروئىن خۇمار قىلغاندەك)تارتىپ،مەنىۋىيتىڭىزنى چىرىتىشكە باشلايدۇ.(ھەرگىز ئەھمىيەتسىز ئويۇن ئويناپ،ۋاقتىڭىزنى زېھنىڭىزنى زايە قىلىپ يۈرمەڭ.بىلىپ قېلىڭكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇ.ئۆمۈر دىگەن چەكلىك.)شۇ ئوينىغاننىڭ ئورنىغا بىلىم ئۆگەنسىڭىز،ياكى ئىلىملىك كىشلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.(بۇ نىشانغا بالدۇر يىتىشنىڭ بىر مۇھىم ئامىلى.) ئوينىغاننىڭ ئورنىغا چوقۇم كۆڭلى كۆتۈرۈلگىدەك،ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلغىلى بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئويناپ ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئەتراپلىق كۈزىتىشىڭىزگە باغلىق.سىز ئەقىللىق،چوقۇم مۇشۇنداق ئەھمىەتلىك ئىشلارنى تېپىپ قىلالايسىز.(مىسال:ئوينىغاننىڭ ئورنىغا ،ئوبدان ئارام ئېلىڭ،بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرىشىڭىزغا پايدىلىق.ئارام ئېلىڭ دېسەم بەك كۆپ ئۇخلىۋەتمەڭ.ھەممە ئىش لايىقىدا بولسۇن)
ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىپ،ئەھۋالغا قاراپ،مۇۋاپىق پىلان تۈزگەندىن كىيىن،شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىڭ.
بىر ئىشنى قىلغان ئىكەنسىز چوقۇم ئۇنى داۋاملاشتۇرۇڭ(ياخشى ئىشلاردا ).يېرىم يولدا توختىتىپ قويسىڭىز ،قىلمىغان بىلەن باراۋەر.ئۇنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرەلمەيسىز.(مەسىلەن:تىل ئۆگىنىمەن دەپ،دەسلەپ قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئۆگىنىپ،ئۇنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويسىڭىز،ئۇ تىلنى سىز ئۆگىنەلمەيسىز.).
قىلغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرۇڭ.
مەنبە: بىلىمياردىن