شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، قىزىلدا بوياپ قويغان مىسرالارنى ھېچبىر ئىجازىتىڭىزسىز ئۆزۈمچە مۇشۇنداق ئوقۇپ باققۇم كەلدى. مېنىڭچە، مۇشۇنداق بولغاندا، ۋەزىن ۋە ئاھاڭدارلىقمۇ نىسبەتەن راۋان بولىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. تەكلىپىم مۇۋاپىق بولسا قوبۇل قىلارسىز، بولمىسا، تەنتەكلىكىمنى ئەپۇ قىلارسىز.
ھەسىرەت چېچىكى
خىياللاردا گۈللەپ تۇرار ئاشىقلار ،
بۇ باغرىمدىن تۆكۈلىدۇ شېرىن چۈش.
يۇلتۇزلار مەسخىرە قىلار جىمىرلاپ،
چەكسىزئازاب ئېلىپ كەلگەچ بۇ سۆيۈش.
چىن ئازاپتا چېچەك ئاچار مۇھەببەت،
ساداقەتتە تاۋلىنىدۇ يۈرەكلەر.
ۋىسال گۈلى پورەكلىمەس ھەسىرەتكە،
ھىجران بىلەن ئۈششۈپ كەتسە تىلەكلەر.
گۈللەر ئارا نۇر تارايدۇ قەلبىمگە،
گۈركىرەيدۇ ھەيۋە قىلىپ ھەممىسى.
دەرىزىلەر مۇڭ قاتىدۇ ناخشامغا،
چېكىلىدۇ ئاشىق قەلبىم تارىسى.
ئۆزۈم ئازاب دەرياسىدا ئۈزىمەن،
ئەلەم بىلەن دەسسىسەممۇ تۇپراققا.
ۋىسال تامان مەڭگۈ كۈلۈپ باقىمەن،
نەزەر سالماي ئۆتۈنچى دەرد-پىراققا.