تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 4

سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

4

ئەگەشكۈچى

864

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
421
مۇنبەر پۇلى
384
ئىشەنىچ
421
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


باھار كېلىپ، يۇرتىمىزنىڭ باغرى ئىللىدى،

سوقۇشماققا تەييارلانغان خوراز چىللىدى.

بارچە قەۋم يېڭى يىلنى قۇتلاپ كۈيلىدى،

          «نەۋرۇز»ئۈچۈن ھەممە تىنەش،كۈلۈپ يايرىدى.

«نەۋرۇز»كېلىپ قۇشلار بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


تالاي ئەسىر ئۆتۈپ بىزگە  بولدى تەۋەرۈك،

خاسىيەتلىك «نەۋرۇز»ئىشقى-خەلقىمگە بۈيۈك.

ئۆچ-ئاداۋەت يۇيۇلغاچقا قەلپلەر-سۈزۈك.

«زاراخەتمە» ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتىلغان ئوزۇق.

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


«ئاققۇزا ئېيى»باشلىنىپ،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن،

شۇبۇ كۈندە«نەۋرۇز»نى ئەل-يۇرت قېنىپ كۈيلەشكەن.

ساخاۋەتنى ئۇلۇغلاپ،بىخىللىقنى چەكلەشكەن...

ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار،ئادىللىقتا بەسلەشكەن...

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


يېڭى يىلنىڭ شەنىگە ياڭرار«نەۋرۇز ناغرىسى»،

ئىشلىنىدۇ ھەرياقتا قىزغىن-«نەۋرۇز تازلىقى».

مۇدھىش سوغنى قوغلۇشۇپ،كۈلەر«نەۋرۇز نازلىقى»،

ئاجىزلارنى،چوڭلارنى يوقلاش-«نەۋرۇز ئادىتى»،

       شۇ خۇشاللىق كەيپىدە قۇشلار زوق-شوخ سايرىدى.


ئانىلارمۇ بوش كەلمەس «نەۋرۇز ئېشى» ئېتىشىپ،

بۇغداي،ئارپا،قوناق ھەم نوقۇت،تېرىق سېلىشىپ.

گۇرۇچ،ماش ھەم پۇرچاقمۇ پىشىپ چىقار سېڭىشىپ،

   نەۋرۇز ئەھلى مەزى قىپ ئۆتەر تەمىن تېتىشىپ...!

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


«نەۋرۇز سۈيى» تەييارلاپ ھارماس ئىشچان ئانىلار،

چىلان،شاپتۇل قېقى ھەم گۆش تەييارلار ئاتىلار.

بوش كەلمەيدۇ سامساق ۋە سىركە،جىگدە،چوققىلار،

ئۇندا مەمنۇن،شادىمان،قىز-ئوغۇل ھەم بالىلار،

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


مانا بۈگۈن قىززىدى يۇرتتا «نەۋرۇز سەيلىسى»

مەھەللىلەردە قاينىدى كاتتا«نەۋرۇز پەتىسى».

ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار قىلدى«نەۋرۇز بەيگىسى،»

چىلىشچىلار  سەپ تۈزۈپ،چىقتى «نەۋرۇز سەركىسى.»

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


ئەلنەغمىچى نەۋرۇزلۇق نەغمە-ناۋا ئوقۇشتى،

داستانچىلار باھارغا بېيت-قوشاقلار توقۇشتى.

قوچقار،خوراز مەيداندا ھەۋەس بىلەن سوقۇشتى،

قىزلارمۇ بوش كەلمەستىن گۈل-كەشتىلەر توقۇشتى.

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


مەزمۇنى مول «نەۋرۇز»نىڭ،ئېيتسا ھەرگىز تۈگۈمەس،

«نەۋرۇز بۇلاق»كۈيلىرى ئەل ئىچىدە ئۆكسۈمەس.

ئىتتىپاقلىق،ئۆملۈكمۇ ئۇنىڭسىز ھېچ كۆكلۈمەس،

ئۇنىڭ بىلەن مول-ھوسۇل ئارمانلىرى تۈگۈمەس.

شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.


2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى

23

تېما

38

ئەگەشكۈچى

7528

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3680
مۇنبەر پۇلى
3296
ئىشەنىچ
3680
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزنامىڭىزگە ئاپىرىن !

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
893
مۇنبەر پۇلى
873
ئىشەنىچ
893
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 11:33
نورۇزنامىڭىزگە ئاپىرىن !

ياخشى يىزىلىپتۇ ھە

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

17

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
13
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىىپتۇ  ئۇستاز

25

تېما

4

ئەگەشكۈچى

864

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
421
مۇنبەر پۇلى
384
ئىشەنىچ
421
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت...!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:53, Processed in 0.114391 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش