مېنىڭ يولدىشىممۇ تاماكىنى بەك چېكىدۇ. كۈندە بىرقاپ ياكى بىرەر يېرىم قاپ تاماكىنى چېكىپ بولىدۇ. بەزىدە مەن «نىمە دەردىڭىز بار، دەردىڭىزگە يېتەي تاماكا چەكمەڭ، بالىمىزغا زىيان قىلىدۇ» دېسەم «دەردىم يوق، كۆنۈپ قاپتىمەن » دەيدۇ. «ناۋادا مەن بىلەن تاماكىدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە قانداق قىلىسىز» دېسەم نىمە دەيدۇ دېمەمسىلەر:«سەن ئەڭ ياخشىسى بۇنى سورىما، كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالىدۇ»دەيدۇ.
بولمىسا مېنىمۇ ئاتاـ ئانام قوشۇلماي ئالامەت تەستە نىكاھىغا ئالغان ئىدى. شىمالدىن مېنى يۆتكەپ كەلگۈچە تارتقان جاپاسى تېخى! ئەمدىلىكتە ھەممىسى ئاشۇ بىر تال تاماكىنىڭ مېھرىگە تەڭ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ.