كۆرۈش: 7021|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
76
تۆھپە
29
UID
3903
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:01:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنىيىتى


90fba609152010b8217a5d.jpg


    شىنجاڭ — مېۋە-چېۋە ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېۋە-چېۋە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ‹‹باققال›› دەپ ئاتايدۇ . باققاللىق كەسپى ھۆل مېۋىچىلىك ، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن دەپ ئىككى خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ.
    ھۆل مېۋە باققاللىرى، ئۆرۈك، شاپتۇل، توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت،نەشپۈت، بېھى، ئالىگرات، ئالۇچا، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس قاتارلىق كۆپ خىللىق مېۋە، قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، 5 -ئايدىن 12-ئايغىچە، بەزىلىرى يىل بويى سېتىلىدۇ. باققاللار كۈندىلىك توپ سېتىۋېلىش ياكى باغ كۆتۈرە ئېلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن توپ ئېلىپ پارچە ساتىدۇ.
    باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىشىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. ھەر قانداق باققال ۋە مېۋە ساتقاندا، توۋلاپ خېرىدار چاقىرىپ مېۋىنى سۈپەتلەيدىغان ئىدىيوملۇق سۆزلەر بىلەن ساتىدۇ، شۇنداقلا مېۋە دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە ‹‹پۇل ئالمايمەن، بىر تال يەپ باقسىلا›› دەپ يېگۈزۈپ تەمىنى تېتىتىپ ساتىدۇ.
    قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ پارچە ياكى توپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارىئۆرۈك قاتارلىق خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇلار يەنە قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتازا قاتارلىقلارنىمۇ ساتىدۇ.

90fba609152010b820b65c.jpg


    قۇرۇق يېمىش ساتىدىغان باققاللار، مېۋىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ، باققاللار كەڭ قورساق بولۇپ خېرىدارلار بىلەن بىھۇدە باھا تالاشمايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللاردا جىڭلاپ سېتىش ئادىتى بولمىغان. بازار ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېۋە سودىسىدا جىڭ ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشماقتا.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
360
تۆھپە
182
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 12:50:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 راسم قۇرۇق يەليىمىشكە تەۋە ما   ...... لىكىن تەۋسىيەتوردىشىم خاتا چۇشەنمەڭ . دوستقاقىتۋىلىڭڭە


Rank: 6Rank: 6

تىللا
869
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:03:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باققالچىلىق مەدەنيىتىمىزنىمۇ ئازىراق ئىسلاھ قىلىش كېرەكمىكىن دەيمەن ،بىر قېتىم نان سېتىۋالغىلى بارسام بىر يولداش ھەدەپ نانلارنى ئىلغىغىلى تۇرۇپتۇ ،بىردەم ئۇنى ئالىدۇ،بىردەم بونى تۇتىدۇ، ئىشقىلىپ ھەممە نانلارنى بىرقىتىمدىن مانتىلاپ بولدى............ يە  نانلارنى ئۆيگە ئاپىرىپ مىۋە -چىۋىلەردەك يۇيۇپ يىگىلى بولمىسا.....
باققالچىلارمۇ قىزىزق بۇلۇپمۇ ئايال باققالچىلار پۇللارنى مىجىغان پېتى ،مىۋىلەرنى تۇتقان، پارچە پۇللارنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا «مەيدىسى» دىن، يا يان پاقالچاقلىرىدىن چىقىرىپ قايتۇرىۋاتقان ئادەمنى ئوسال قىلىپ.
مۇشۇ سودا -سانائەت بىرلەشمسدىكىلەر ئازراق تەربىيلەش ئېلىپ بارامدۇ قانداق


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 17:45:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 14:03
باققالچىلىق مەدەنيىتىمىزنىمۇ ئازىراق ئىسلاھ قىلىش كې ...

ئىنكاسىڭىز توغرا جۇمۇ


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
273
تۆھپە
180
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 18:17:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:38, Processed in 0.080968 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991