كۆرۈش: 8160|ئىنكاس: 9

قاراماي قاشتېشى ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
1
UID
6953
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 17:04:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراماي قاشتېشى ھەققىدە چۈشەنچە

1_120530184425_1.jpg


       قاراماي قاشتىشى - قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاراماي رايونىدىن چىققان چۆل قاشتىشىغا بەرگەن ئومۇمىي ئاتالغۇ . ئۇ رەڭلىك تاش، رەڭلىك قاشتېشى، يارداڭلىق قاشتېشى قاتارلىقلار ئورتاق ئىشلەتكەن يېڭى ئاتالغۇ.
       ئۇنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى كىرىمىنى بولۇپ،ئۇ كۋارتىسنىڭ بىرىكمىسى. تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى مېنىرال ماددا داۋاملىق كۆپ خىل رەڭلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭلىرى چىرايلىق. مەسلەن : قىزىل،سېرىق،يېشىل قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان تاشلاربولۇپ ھەممىسى تاشچىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ.


قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى   


خىمىيەلىك تەركىبى   
  SiO 2 ; تەركىبىدە كىرىمىني ،Fe 、 Al 、 Ti 、 Mn 、 V قاتارلىق ئېلمېنتلار بار.ئادەتتە يېرىم سۈزۈك ياكى دۇغ ھالەتتە بولىدۇ.قاتتىقلىق دەرىجىسى 6.5-7 گىرادۇس،ئېغىرلىقى 2.55-2.91نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى 1.539-1.535.


نام بېرىش


   3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ قاراماي رايونىدىن چىققان چۆلدىكى« رەڭلىك تاش »،«رەڭلىك قاشتېشى» ، «يارداڭلىق قاشتېشى »قاتارلىقلارغا «قاراماي قاشتېشى»دېگەن يېڭى ئاتالغۇ ئىشلىتىلدى.
     بۇ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قاراماي شەھەرلىك كومىتېت،شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ چىقارغان قارارى. شۇ كۈنى شەھەرلىك كومىتېت،شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى شەھەرلىك «كۆرگەزمە تاش»جەمئىيىتىنىڭ سۇنغان «قاراماي شەھەرلىك كۆرگەزمە تېشىغا نام بېرىش»توغرىسىدىكى ئىلتىماسىغا ئاساسەن، تاشچىلار جەمىيىتىنىڭ كېڭەش يىغىنىدا تاللاپ چىقىلغان 5خىل ئىسىمغا قارىتا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ،ئەڭ ئاخىرىدا «قاراماي قاشتېشى»دېگەن ئىسىمنى تاللاپ چىقتى.
     شەھەرلىك كۆرگەزمە تاش جەمىيىتىنىڭ رەئىسى،شەھەرلىك زىمىن مەنبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىڭخەن چۈشەندۈرۈپ:-بۇ ئاتالغۇنىڭ قويۇلىشى شەھەرلىك كومىتېت،شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،شەھىرىمىز كۆرگەزمە تاش كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا،ئۆزىمىزنىڭ قاشتېشى ماركىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياخشى ئاساس سالىدۇ.«قاراماي قاشتېشى»دېگەن يېڭى ئاتالغۇ قارامايدىن چىققان رەڭلىك قاشتېشىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ،يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ،روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە-دېدى.
    تاشچىلار جەمئىيىتىنىڭ كاتىپلار باشلىقى ۋاڭ زۇڭخەن چۈشەندۈرۈپ : 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ جەمئىيەت «قاراماي گېزىتى»ۋە«قاراماي تورى»دا ئېلان بېرىپ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن قارامايدىن چىققان كۆرگەزمە تېشىغا بېرىلگەن ئىسىملارنى توپلىدى.2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بۇ جەمئىيەت 81ئىسىم توپلاندى.بۇنىڭدىن باشقا 7شەھەر ئاھالىسى تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسىم قويۇش ئىستىكى ۋە سەۋەبىنى ئىپادىلىدى.
     يىغىلغان 88ئىسىم ئاساسىي جەھەتتىن 2چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ ،بۇنىڭ بىر تۈرى «قاراماي»يەر نامى بىلەن باشلانغان، يەنە بىر تۈرى «جۇڭغار»يەر نامى بىلەن باشلانغان.
     3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن،شەھەرلىك كۆرگەزمە تاش جەمئىيىتى تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىپ،يىغىلغان 88ئىسىمغا ئاساسەن ئەستايىدىل كېڭىشىپ،ئاخىرىدا قاراماي قاشتىشى،قاراماي رەڭلىك قاشتىشى،جۇڭغار قاشتىشى،جۇڭغار رەڭلىك قاشتىشى،يارداڭلىق قاشتىشىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلككە ئىگە 5ئىسىمنى تاللاپ چىقىپ شەھەرلىك كومىتىت، شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.
تاش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋلەنشىڭ: بۇ قېتىمقى ئىسىم توپلاش پائالىيىتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى شەھەر ئاممىسى قاراماينى قىزغىن سۆيىدۇ.رەڭلىك قاشتىشىدەك بۇنداق قاشتىشى مەنبەسىنى سۆيىدۇ،بۇ مەنبەنى قوغداش،قاراماي قاشتىشىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى كىڭەيتىش ۋە قېزىپ چىقىش،قاراماي قاشتىشى ماركىسىنى قۇرۇپ چىقىش،بۇ ئارقىلىق قاراماي شەھرىنىڭ يەنە بىر شەھەر كارتىنىسىنى يارىتىشى،مانا بۇ قاراماي ھەر قايسى ساھەدىكى تاشچىلارنىڭ نىشانى .
     قاراماي قاشتىشى دەپ نام بېرىش شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق مۇكەممەل بولمىغان نام بېرىشى بېيتۈننىڭ ئېرىتىش دەرياسى قاشتىشى،بۇرچىن، فۇخەينىڭ چۆل قاشتىشى دېگەندەك قالايمىقان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر ئېرىتىش دەرياسى قاشتىشى ياخشىمۇ ياكى قاراماي قاشتىشى ياخشىمۇ دەپ سورايدۇ،ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر قاشتىشى تۈرى.ئاساسەن جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ يارداڭلىق يەر شەكلىدىن چىققان.بىر قەدەر مۇككەممەل بولغان ئاتالغۇسى يارداڭلىق رەڭلىك قاشتىشى.لىكىن نۆۋەتتە «قاراماي قاشتىشى»نامى بازاردا بارغانسىرى تارقىلىۋاتىدۇ.


كېلىش مەنبەسى


     كونىلار ئاز نەرسە قىممەتلىك بولىدۇ دەيدۇ.شىنجاڭ چۆل رەڭلىك قاشتىشىنىڭ مىقدارى ئاز.پەقەت شىنجاڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قانچە رايونلاردا يەنى شىمالىي شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى يارداڭلىق يەر شەكلىدىن چىقىدۇ.ئۇ ئورقۇ يارداڭلىق يەر شەكلى،قوبۇقسار،فۇخەي،بۇرچىن،بېيتۈن،ئالتاي،فوۋىن،تۇرپان پىچان ناھىيەسى،قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
     شىمالىي شىنجاڭدىكى ئورقۇ شەيتانكەرىشنىڭ يەنە شامال شەھىرى دەپمۇ نامى بار بولۇپ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چەت چىگرىسىدىكى جام دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئورقۇ كان رايونىغا جايلاشقان. غەربىي جەنۇبىي قاراماي رايونىدىن 100كىلومېتىر يىراقلىقتا،بۇ يەرنىڭ يارداڭلىق تۇپراق سۈپىتى بىر قەدەر يۇمشاق بولغاچقا كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدە ئۇپراش نەتىجىسىدە يەر شەكلى ئۆزگىچە،غەيرىي شەكىللەر پەيدا بولغان.بۇ جاي موڭغۇل تىلىدا «سۇرۇمخاك»،قازاق تىلىدا «شەيتانكەرىش»دېيىلىدىغان بولۇپ،جىن شاياتۇنلار ماكانى دېگەن مەنىدە.
شەيتانكەرش شەرق ۋە غەرىپكە سوزۇلغان بولۇپ قارا ئالات تېغىغا يانداشقان.ئۇزۇنلۇقى 5كىلومېتىردىن ئارتۇق ، دائىرىسى 10كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن 350مېتىر ئېگىزلىكتە.ئۇنى دۇنيادىكى چوڭ بىر مۆجىزە دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ يەردە ھەر قىتىم بوران چىققاندا،ئالەم قاراڭغۇلۇققا تولۇپ ،توپا ئۆرلەپ شامال ئاجايىپ-غارايىپ تاشلارغا ئۇرۇلۇپ،ئادەمنى قورقىتىدىغان غەلىتە ئاۋازلار چىقىدۇ.بۇ جايدىكى تاش باغرىدا رەڭلىك،قىزىل،كۆك،ئاق،سېرىق ھەم سۈزۈك تاشلارنىمۇ ۋە سېھىرگەر ئايالنىڭ مارجىنىدەك يۇمىلاق سىلىق تاشلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
نەچچە يۈز مىليون يىللىق بوران –چاپقۇننىڭ تەسىرىدە شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل بولغان قاتار-قاتار جىلغا، يارلار شەكىللەنگەن.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ،چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغان غەلىتە مەخلۇققا،بەزىلىرى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەلئەگە،بەزىلىرى غايەت زور خاتىرە راۋاقلارغا ئوخشايدىغان بولۇپ،كۆرۈنىشى ھەيۋەتلىك، سىرلىق .
تۈرلىرى
گۆھەر دەرىجىلىك : گۆھەر
قاشتىشى دەرىجىلىك : چۆل قاشتىشى
كۆرگەزمە دەرىجىلىك : رەڭلىك قاشتىشى



1.jpg


2.jpg


3.jpg


4.jpg


5.jpg


6.jpg


7.jpg



مەنبە : قاراماي تورى
تور ئادرىسى : http://www.qaramay.com

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1494
تۆھپە
340
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 18:52:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئەسلى قارمايدىمۇ قاشتېشى باركەندە،نىمدىگەن چىرايلىق.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1458
تۆھپە
1134
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاش تىشىنى خوتەندىلا بار دىسەك قارمايدىمۇ قاش تىشى باركەن دىسە ھە بۇنىمۇ بىلۋالدۇق رەىمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
912
تۆھپە
421
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:38:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارامايغا ھۇررا!!!!!!!!!!!!!!!!!! يېڭى بايقاشكەن بۇ. ئەمدى قارامايدا بىر چاڭ تاش ئىزدەش دولقىنى كۆتۈرۈلىدىكەندە


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:32:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇنغىلا  ئوخشايدىكەنغۇ.


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
479
تۆھپە
43
UID
6396
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 21:28:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى دىمەيلاقويۇڭلا!!!نەۋاق قېرىنداشلىرىمىزئارلىقنى يىراق دىمەي،يازدا ئىسسىق دىمەي،ئايلاپ-ئايلاپ تۇرۇپ
كولاپ بولدى،ئەمدى يەنە كولىسا ما قاراماي شەھىرى گۈمۈرلۈپ چۈشىدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 22:47:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaK0000000 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-30 19:02
قاش تىشىنى خوتەندىلا بار دىسەك قارمايدىمۇ قاش تىشى بار ...

راس دەيسىز  دەسلەپ مەنمۇ شۇنداق  ئويلايتىم   


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:41:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن قارمايدىمۇ قاش تېشى چىقىدىكەن ئەمەسمۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 12:34:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زۇمرەتنى ماناستىن ، تاش قاتمىلىرىنى گۇچۇڭدىن ، قاش تېشىنى بولسا خوتەندىنلا چىقىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، قاراماي نېفىت ماكانى بولۇپلا قالماي  ، يەنە ئاجايىپ چىرايلىق ، ئاجايىپ سۈزۈك  قاش تېشىنىڭمۇ ماكانىكەن ئەمەسمۇ ؟ !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
869
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:15:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئىشنى كۆرمەمدىغان بۇنى بىلسەم يەنە بىر-ئىككى يىل تۇرىۋالارمەنكەنتۇق ئۇيەردە .....ئىسىت بايلىق ....
كىيىنكىلەرگىمۇ ھەرنىمە بولسا قازغۇدەك بىر نەرسە چىقىپتۇ بۇ تاشلىقتىن


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 07:26, Processed in 0.092150 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991