ئىگىسى: RaMJaNi

پروفېسسور ساھىبجامال دۆلەت خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرى قۇتلۇقلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 16:05:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن! ئەپسۇس ئۇ،ئۇتۇقلار ئۆززىمىز (  كۆكنۇر يۇقىرى تېخنىكا ئېچىش ھەسسىدارلىق شىركىتى ) تەرپىدىن ئەمەس بەلكىم مەملىكەتلىك فىزىكانتلار جەميىتى ياكى رايۇنىمىز ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەبرىكلىنىپ  قۇتلۇقلانغان بولسا ھەدىمىزنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ بىشى كۆككە تاقاشقان بولاتتى  ھە.....!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
585
تۆھپە
161
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 22:26:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!بۇ پالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان كۆكنۇر  شىركىتىگە كۆپ رەھمەت!!

Rank: 4

تىللا
285
تۆھپە
77
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 19:56:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن   بىزنىڭ   ئارىمىزدىن  چىققان   مۇشۇنداق  ئۇيغۇر   خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ  ئشلىرىغا  ئۇتۇق  تىلەيمەن  .    .  

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
273
تۆھپە
180
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 22:42:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن،مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 11:37:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىبجامال دۆلەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .  ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پەخىرلىنىشىگە مەنسۇپ . تەبىئى پەن ساھەسىدە نەتىجە جەھەتتە   بۇ خىل نەتىجىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىزنى ھەقىقەتەن خۇشھال قىلىدۇ  .
مەن بۇ ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن !

شۇنى ھىس قىلىپ قالدىم،بىرەر ئارتىسنى تاتىلايدىغان ،ياكى بىرە ئىللەتنى بولۇپمۇ مىللەتنى قامچىلايدىغان تىمىلار ئىنكاسلىق بولۇپ كېتەتتى.بۇ تىما 6700قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئىنكاس13كەن. قارىغاندا بىز پەخىرلىنىش ھىسىياتىنى ئىنكاس قىلىپ يېزىشنى ئانچە خالىمايدىغان ئوخشايمىز.يىگىتلەر:ئايال كىشى تۇرۇپ ئىرىشكەن نەتىچىسىدىن چۇقۇم پەخرلەندىڭلار ھە!؟ رىغبەتلەندۈرۈپ قويۇڭلار. خانىم قىزلار : تېخىمۇ پەخىرلەندۇق ،بىزمۇ ھاياجان ھىسىياتىمىزنى يازايلى، ساھىپجامال خانىمنىڭ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن تالاي كېچىلىرى ئالدىدا بۇ قانچىلىك ئىش ھە.

Rank: 1

ئىسىمى
توققۇز بۇلاق
تىللا
21
تۆھپە
9
UID
26345
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 17:25:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ..................دوكتۇر ئاچىمىزنىڭ ئىش- ئىزلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەشۋىقات قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
4
UID
27174
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:19:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئۇيغۇر نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى ساھىبجامال دۆلەت

مەن كۆپچىلىككە مەشھۇر ئۇيغۇر نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى ساھىبجامال دۆلەتنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

1.ساھىبجامالنىڭ نەزىرىيە فىزىكىسىدىكى تۆھپىسى

نەزىرىيە فىزىكىسى بولسا ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسەت مۇنارى ئۈستىدىكى كۆزنى قاماشتۇردىغان بىر گۆھەر بولۇپ ئالەم بوشلىقىدىن تارتىپ ئاتۇم دۇنياسىغىچە بولغان بارلىق سىرلارنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشتە قوللىنىدىغان ئىلىم، ھازىرقى زامان ماددى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئۇل تاش. مىنىڭ ئۇقۇغۇچۇم ئالىم مۇنداق دەيدۇ:« ھەر بىر مىللەتنىڭ چوقۇم ئۆزىلىرىنىڭ نەزىرىيە فىزىكا ئالىملىرى بولىشى كېرەك ».

ساھىبجامال بولسا ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن چىققان تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئىلمى ژورنىلىدا مۇستەققىل، ئۆزلۈكسىز ھالدا يۇقرى سەۋىيىدىكى ئىلمى ماقالىلەرنى ئىلان قىلىپ نەزىرىيە فىزىكىسى ساھەسىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كىلىۋاتقان نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى. ئۇنىڭ ئىلمى تەتقىقات نەتىجلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىزچىل ئەڭ يۇقرى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىيە فىزىكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1)ئىككى ئۆلچەملىك كىرىستال شەكىللىك مانىفولد ئۈستىدىكى مەركىزى زەررىتى ئىككى بولغان كونفورمال مەيدان نەزىرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى. بۇ بىر ئىنتايىن قىيىن مەسىلە بولۇپ، فىرانسىيىلىك داڭلىق نەزىرىيە فىزىكا ئالىملىرى ۋېرلىندى ئاكا-ئۇكىلار ۋە دىجىگىرافلار پەقەت دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنىلا ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بىراق ئۆزۈل-كىسىل  ھەل قىلالمىغان ئىدى. ساھىبجامال بۇ مەسلىنى ھەل قىلىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئىسپاتىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ۋېرلىندى دىجىگىرافلارنىڭ كۆز قارشىنىنىڭ خاتالىقنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا گېرمانىيە داڭلىق نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى نىلېس باھا سۆزىدە مۇنداق يازىدۇ:« ساھىبجامال ئىلمى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ بىر ئىسىل فىزىكا ئالىمىدە بولۇشقا تىگىشىلىك ئىسىل پەزىلەت ۋە ماھارەتلەرنى ئىگەللەپ بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ماتىماتېكىغا بولغان چوڭقۇر چۇشەنچىسى ئۇنى يېڭى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە ئىنتايىن مۇھىم بولغا نەتىجىگە ئېرىشتۈردى » . گېرمانىيە داڭلىق نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى نام باھالاپ مۇنداق دەيدۇ:« بىر قىسىم مۇتەخخەسىسلەر بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەل قىلالمىغان ئىدى. شۇڭا ساھىبجامالنىڭ دۆلەتىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرقانچە مۇتەخخەسىسلەر گورۇپىسى ئۇزۇندىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان داڭلىق مەسلىنى ھەل قىلدى » . گېرمانىيلىك پراففىسور فلۇمې ساھىجامالنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى باھالاپ :« بۇ ماقالە بىر ئۆلچەملىك پايدىلىنش ماتىرىيالىغا ئايلىنىدۇ » دەيدۇ. ساھىبجامالنىڭ بۇ ئىلمى ماقالىسى ياۋرۇپا يۇقرى ئېنىرگىيە فىزىكىسى ئىلمى ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى. بۇيەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش لازىمكى، گېرمانىيىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى يۇقرى بولغىنىدەك، گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن ئىلمى، تەلەپچان ۋە ئىشەنچىلىك بولۇپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم باھالارغا ئوخشاش ئۇنداق كۆپ ئەمىلىي بولمىغان پەداز سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

2) سكالىيار ئاخارونوۋ-بوم ئېففىكتى ۋە ئاخارونوۋ-كەشىر ئېففىكتىنىڭ پۈتۈن گەدىلىك ئېلېكتىرو دىنامىكىلىق ئېففىكىت ئكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، لىپكىن بىلەن پەشكىننىڭ خاتا تەلىماتىنى تۈزەتتى.

كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئېلېكتىر دىنامىكا چوڭ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ، بىرى قىسمەن دائىرلىك ئېلېكتىر  دىنامىكا يەنە بىرى پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكتىرو دىنامىكا. قىسمەن دائىرلىك ئېلېكتىرو دىنامىكا بولسا 1864-يىلى ماكسىۋىل تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ دونيا ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا 200 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇردى. ماكسىۋىل نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسىدا ئاندىن ئېلېكتىروماگىنت دولقۇنى بايقالدى، ئاتۇم نەزىريىسى ۋە كۋانت نەزىريىسى بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سىمىسىز تېلېگىرامما، تېلېۋۇزۇر، ئۇچۇر دەۋىرى بارلىققا كەلدى.ماكسىۋىل تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان قىسمەن دائىرلىك ئېلېكتىرو دىنامىكا تەرەققىياتى بولمىغان بولسا بۈگۈنكى كۈندىكى ئېلېكتىر دۇنياسى بولمىغان بولاتتى، ئۇچۇر دەۋىرنىڭ پەيدابولىشى ئەسلا مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

گەرچە پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكتىرو دىنامىكا ئەمدىلا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن نەزىرىيىلەر ئۆز-ئارا زىت ۋە ناھايىتى قالايمىقان ئىدى. ساھىبجامال بىرلىككە كەلگەن ئىددىيە بىلەن پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكتىرو دىنامىكىنى تەسۋىرلەپ نەزىرىيە جەھەتتىكى قالايمىقان ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى. شۇڭلاشقا ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان نەزىرىيۋى ۋە ئەمىلى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئىلمى ماقالىسى بۇ يىل ئامىركىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئىلمى ژورنىلى « فىزىكا ئوبزورى تىز خەۋەرلەر ژورنىلى » نىڭ مۇھىم ئىلمى ماقالىلەر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى، ھەمىدە مەزكۇر ژورنال مۇھەرىر لىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىكە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ بۇ نەتىجىنى خەۋەر قىلغان قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىشى ( مەن نۇرغۇن كەسىپداشلار سوراپ بېقىش ئارقىلىق ئاكادىمىكلارنىڭ بۇخىل ئەھۋالنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدىم. ) ئىنتايىن ئاز كۆرۈلۈدىغان ئەھۋال.

ھازىر ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى خەلىقئارا باشلامچى سەۋىيىدە تۇرىدۇ دېيىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ خەلىقئارادىكى ئەڭ داڭلىق ژورنالنىڭ ئەڭ مۇھىم سەھىپىسىدە ئىلان قىلىنشى ئاللىقاچان بۇ نەتىجىنىڭ خەلىقئارا باشلامچى سەۋىيىدە تۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. مىنىڭ ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە بولغان باھايىم شۇكى:« ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن بولغان مۆلچەرلىگۈسىز نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلى ئەھمىيەتكە ئىگە » . ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇنلىقى بولسا پەن-تېخنىكا ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك چوڭقۇر تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەنلىكى بولسا ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مۆلچەرلىيەلىشى ئىنتايىن قىيىن. بىر قېتىملق يىغىندا مەن ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى كۆرۈنمەس ئايرۇپىلان ۋە سۇ ئاستى پارخۇتىنى بايقاشتا ئىشىلىتىلىشى مۇمكىن دېگەن ئىدىم. لېكىن، كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئەگەر بۇ سۆز ئارقىلق باھا بەرسەك خۇددى تۈگمىنى كۆرۈپ تۆگىنى كۆرمىگەندەك ئىش بولىدۇ.

ئەگەر 1864-يىلى بەزىلەر ماكسىۋىلنى ئۆز مۇۋاپپىقىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى قوللىنىشى توغرىسىدا باھا بېرىشىكە تەكلىپ قىلغاندا ئۇ ھىچنىمە دېيەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ سىمىسىز تىلىگىرامما تارقىتىشقا ئىشىلىتىلىدۇ دېگەن بولسا بەلكىم چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بولار ئىدى. چۈنكى، ماكسىۋىل تەڭلىمىلرنىڭ ئېلېكتىر-ماگىنىت دولقۇن يىشىنى بايقاش ھەم تەجربىدە ئىلىكتىر- ماگىنت دولقۇنى پەيداقىلىش كىرەك ئىدى، تاكى 1887-يىلىغا كەلگەندە ھېرتىس ئىلىكتىر- ماگىنت دولقۇنىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، 1895-يىلىغا كەلگەندە ماكىنى ئەڭ ئاددى سىمىسىز تېلىگىرامما تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈنگە گلگەندە سىمىسىز تېلىگىرامما بولسا  ماكسىۋىل مۇۋاپپىقىيىتىنىڭ پەقەت ئىنتايىن كىچىك بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، تۆگىنىڭ يېنىدىكى تۈگمە ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ نەزىرىيىسى ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كىيىنلا ئاندىن نۇرنىڭ ماھيىتىنىڭ ئېلېكتىرماگىنت دولقۇنى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، كىۋانت مىخانىكىسى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ئىنسانلارنىڭ ئاتۇم ۋە مالىكولا تۈزىلىشىگە بولغان تونۇشى بارلىققا كەلدى، ھەمدە ھازىرقى زامان خىميە، بىئولوگىيە ۋە زامانىۋى مېدىتسىنا ئىلىملىرى بارلىققا كەلدى.... توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئۇچۇر دەۋىرى، ئاتۇم دەۋىرى، زامانىۋى پەن-تېخنىكا مەيدانغا كەلدى. شۇڭلاشقا ماكسىۋىلنىڭ تەلىماتىنى ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت مەدەنىيىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى دىيىشكە بولىدۇ.  

ساھىبجامالنىڭ خىزمىتىگە بولغان باھا تۆۋەندىكىچە: ئۇنىڭ نەتىجىسى ئېلېكتىرو دىنامىكىنىڭ ئىككى چوڭ بۆلىكىنىڭ بىرى بولغان، ئەمدىلا تەرەققى قىلشقا باشلغان پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكتىرو دىنامىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى نەتىجىسى بولۇپ ئىلىم-پەن تارىخدا مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ. ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ خۇددى ماكسىۋىلنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە ئوخشاش مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن قىيىن. شۇڭا  ھازىر مەن پەقەت: « ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن بولغان مۆلچەرلىگۈسىز نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلى ئەھمىيەتكە ئىگە » دىيەلەيمەنلا خالاس. ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە بولغان ھەقىقى باھانى بەلكىم نەچچە ئون يىل ھەتتا نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن مىنىڭ نەۋرەمنىڭ نەۋرىسى بېرەلىشى مۇمكىن. بىر فىزىكا ئالىمى ئۆز ھاياتىدا بىر ئىككى مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىسە يېتەرلىك بولغان بولاتتى.

شۇڭا مەن ئالاھىدە ساھىبجامالنىڭ ئىككى مۇۋاپپىقىيىتىنىلا تىلغا ئالدىم. ئۇنىڭ بىرى ئىنتايىن قىيىن ھەم چوڭقۇر يەنە بىرى بولسا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بۇ ئىككى مۇۋاپپەقىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ساھىبجامالنى مەشھۇر ئۇيغۇر نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى دىيىشىكە تامامەن ھەقلىقمىز.

ئۇندىن باشقا ساھىبجامالنىڭ زەررىچىلەر فىزىكىسى، غەيرى كوممۇتاتسىيە فىزىكىسى، كونفورمال مەيدان نەزىرىيىسى ساھەلىرىدە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، sciدا ئېلان قىلغان ئومۇمىي ماقالىسى 45 پارچە بولۇپ بۇنىڭ 33 پارچىسى  20قىلىنغان  ئېلانچەتئلدە   پارچىسىك ئې ك تەرپىدىن قۇبۇل قىلىندى. شۇڭا ياپۇنىيە يۇقرى ئېنېرگىيلىك تىزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزى ، ئىتالىيە خەلىقئارا نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى ICTP قاتارلىق ئورۇنلار كۆپ قېتىم ئۇنى زىيارەتكە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەنە دائىم جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى يۇقرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتى ۋە نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئىنىستىتوتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كىلىۋاتىدۇ. دۇنيا جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى فىزىكا ئىلمى جەميىتىنىڭ رەئىسى پراففىسور يۈەن جىيەنپىڭ يېقىدا ئۇنى ئامىرىكغا بىر يىللق خىزمەت زىيارىتىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئاللاقاچان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن ئىلگىرى ئىككى قىتىم ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىككى نەپەر رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت ۋە نۇر بەكرى كۆرۈشكەن چاغدا :« ساھىبجامال بولسا ئۇيغۇر ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بىر ئابىدە » دېگەن ئىدىم. رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىت ئاڭلىغاندىن كىيىن:« مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم » دېگەن ئىدى، رەئس ئىسمايىل ئەھمەد بېيجڭدا ساھىبجامال بىلەن ئالايىتەن كۆرۈشۈپ ئۇنى رىغىبەتلەندۈرگەن ئىدى.

ساھىبجامال بولسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى.

2.ساھىبجامالدەك بىر ئىسل ئۇرۇق ھازىر شىنجاڭدا پۇرەكلەپ ئچىلىپ مىۋە بەردى.

ساھىبجامال شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەش بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەتلەر نەزىرىيە فىخكىسى ئىقتىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيلەپ چىقش جەھەتتە قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇ دەرىس بەرگەن مىللىي سىنىپنىڭ كۋانت مېخانىكىسى ئاسپىرانت ئىمتىھان نەتىجىسى تۇنجى قىتىم خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

ئۇ ھازىرغا قەدەر 20نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت ( بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 17نەپەر ) تەربىيلەپ چىققان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 9 نەپىرى ئايىرىم-ئايرىم ھالدا نەزىرىيە فىزكىسى تەتقىقات ئىنىستىتوتى، جىجياڭ ئۇنىۋېرستېتى، جوڭنەن ئۇنىۋېرىستېتى، بېيجڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق جايلاردا دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، بىر ئوقۇغۇچىسى ياپۇنىيە يۇقرى ئېنېرگىيلىك تېزلەتكۈچى تەتقىقات مەركىزى KEK دا دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ يىتەكچىلىكدە تاماملانغان ماگىستىر ئاسپىرانت ئىلمى ماقالىسىنى ئامىركىنىڭ ئەڭ يۇقرى نوپۇزلۇق ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى، بۇ ماگىستىر ئاسپىرانت ئىلمى ماقالە مۇنەۋۋەر دوكتۇرلوق ئىلمى ماقالىسىنىڭ سەۋىيىسىگە يەتتى.

3.ساھىبجامال نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدى؟

ساھىبجامال بىر ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن يىگىرمە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق يىتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى، يىگىرمە يىل ناھايىتى ئۇزۇن، ئەمىلىيەتتە ناھايىتى قىسقا جۇڭگولۇقلاردا مۇنداق بىر گەپ بار:« دەرەخ ئون يىلدا ئادەم يۈز يىلدا مىۋە بېرەر » دەپ. بۇ سۆز دېمەككە ناھايىتى ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماق ئىنتايىن مۈشكۈل، بىر تۈپ دەرەخ ئۆسۈپ چوڭ بولۇش ئۈچۈن ئون يىل كەتسە بىر ئىقتىساسلىق خادىمىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن يۈز يىك كىتىدۇ، بۇ نىمە دېگەن ئۇزۇن جەريان ھە!

بىرىنچى، ساھىبجامال ئىلم-پەندە مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ئۈچۈن ناھايىتى زور قۇربانلارنى بەردى.

ئۇ 33 يېشىدا ئاندىن پەرزەنتلىك بولدى، دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا زىھىنىنى يىغىپ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولمىغان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا:« ئۇيغۇرلار ئىچىدە بالا تۇغالايدىغان ئاياللار نەچچە مىلىيۇن لىكن مەن تەربىيلەپ چىققان دوكتۇر پەقەت سىز بىرلا، سىز ئۆز مىللىتىڭىز ئۈچۈن قۇربان بېرىشىڭىز كېرەك! ». ئۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ئاندىن پەرزەنتلىك بولدى، مەن ئۇنى بالىسىنى ئېلىپ يۇقرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا دوكتۇر ئاشتىلىققا ئوقۇپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئەۋەتتىم. ئۇ گېرمانىيەدە دوكتۇرلۇق ئىلمى ماقالىسىنى ئىشلەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتتى، يولدىشى تۇرغۇن بۇ ئىشىنى ئۇنىڭدىن ئىككى يىلغىچە يۇشۇردى، ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىن ئىلمى ماقالىسىنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كلگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.

ئىككىنچى، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ، مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم بۇلۇپ كۆپ جاپالارنى چەكتى. ئۇنىڭ قىشلىق تەتىل يازلىق تەتىل ۋە يەكشەنبىسى يوق ئىدى، مەن ئۇنىڭغا كىچە سائەت ئون ئىككىگىچە ھەتتا تېخمۇ ئۇزۇن تەكرار قىلىپ بېرەتتىم. بونن ئۇنىۋىرېستېتىدا ماقالە يېزىش جەريانىدا، ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگىنى ناھايىتى سەھەردە ئىشخانىغا كېلىپ كەچتە 12 لەردە قايتاتتى، ئۆيگە يىتىپ بارغاندا بولسا سائەت بىردىن ئشىپ كېتەتتى، تاماق ئېتىشكە ۋاقتى چىقمىغاچقا ھەر كۈنى بولكا، ئاپلىسىن، ئالما ، سۈت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشخانىسىدىلا يەيتتى. ئۇ دوكتۇرلۇق ئىلمى ماقالىسىنى يازغان ئىككى يىل ئىچىدە ياۋرۇپادىكى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سايائەت ئورۇنلىرىغا بىرىپمۇ كۆرۈپ كەلمىگەن ئىدى. شۇڭا بۇ ئىككى يىلدا ئۇنىڭ چاچلىرى كۆپ چۈشۈپ كەتتى. يولدىشى تۇرغۇن گېرمانىيگە ئوسما ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ بارغان ئىدى، شۇچاغدا ئۇ يولدىشىغا ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم ئېلىپ كىلىشنى تاپىلىغان بولۇپ، تۇرغۇن گېرمانىيىگە بېرپ ھەممە كىشىلەرنىڭ قىسقا يەڭلىك كىيىم كىيپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، ئەسلىدە ئۇ ئەتتىگىنى سەھەردە ئىشىقا بېرىپ يېرىم كىچىدە قايىتىقاچقا ھاۋانىڭ ئاللاقاچان ئىللىپ قالغىنىنى تۇيۇمايلا قالغان ئىدى. يۇقرى ئېنېرگيە تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇر ئاشتىلىقنى ئۇقۇۋاتقاندىمۇ ئوخشاشلا ھېيىت- بايرام دەم ئىلىش كۈنلىرىمۇ ئارام ئالماي كىچە كۈندۈزلەپ خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ يولدىشى تۇرغۇن دائىم:« مەن ھازىر ئالىم بولماقنىڭ نەقەدەر جاپالىق ھەم مۈشۈل ئىش ئىكەنىلىكنى ھېس قىلدىم » دەيدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا قايىتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ئاۋۋالقىدەكلا خىزمەت قىلدى. يولدىشى ئۇنى ناھايىتى قوللايدۇ، ئۇنىڭ دىققىتىنىڭ چېچىلماي ياخشى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئەدىلىيە نازارىتىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقلىق دەرىجىسىدىن ئادەتتىكى خادىم بولۇپ ئىشلەشكە رازى بولدى. بالىغا قاراش، ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئاساسەن تۇرغۇن ئۆزئۈستىگە ئالدى، مەن ئۇنىڭغا:« سىزنىڭ قوللىشىڭىزى بولغاچقىلا ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر ئالىم يىتىشىپ چىقتى، قىلغان ئەجىرىڭز بىكار كەتمىدى » دېدىم.

ئۈچىنچى، ساھىبجامال ئىلمى بولغان ئۆگىنىش پوزىتسىيسىگە ئېگە.

پەقەت ئىلمى ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بولغاندىلا ئاندىن ئىلىم-پەننىڭ پەللىسىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئىلمى ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى دېگەن نىمە؟ ئىلمى ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بولسا بىلىدىغاننى بىلىمەن دېيىش بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دېيىش، بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق، مۇستەھكەم پۇىتا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەش، ئاز-ئازدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەممە نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش دېمەكتۇر. دەسلىپىدىلا مەن ساھىبجامالغا شۇنداق دېگەن ئىدىم:« چوقۇم ھەقىقى بىلمنى ئىگەللەڭ، ھەرگىزمۇ ئۇنۋانى بار بىلىمى يوق بولۇپ قالماڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئاندىن مۇۋاپپىقىيەت قازىنالايسىز، ئوقۇغۇچىلارغا ھەققىقى ماھارەتنى ئىگەللىتەلەيسىز، ھەققىقى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلالايسىز. لېكىن، يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى،  يۈزى چۈشۈپ كىتىشتىن قورقماي بىلمىگەنلىرىنى باشقىلاردىن سوراش، ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنى سوراشتىنمۇ قورقماسلىق كېرەك، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەش، زور قوربانلارنى بېرش، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم ».  ساھىبجامال بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالىدى، شۇڭا ئۇ مۇۋاپپىقىيەت قازاندى.

تۆتىنچى، ساھىبجامالنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ھەر مىللەت ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا مايدانغا كەلدى.

ئۇ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە مەن ئۇنى بىر يىل يۇقرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا ئەۋەتكەن ئىدىم، بۇ جەرياندا يۇقرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭغا مەخسۇس تاماق ئىتىدىغان جاينىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى، ھەمدە يۇقرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش  تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاسپىرانتلار ئىنىستىتوتى بىناسىدا دەرىس ئاڭلىغاندا ئىنىستىتوت باشلىقى تاڭ جۈفېي ئۇنىڭغا دەرىس ئاڭلاش كېنىشكىسى بېجىرىپ بەردى. نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغاندىمۇ نۇرغۇن يادەملەرگە ئېرىشتى، ئۇ بىر ئازسانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاغرىپ قالسا رەھبەرلەر ئادەم ئەۋەتىپ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مەن ئۇنى ئېلىپ خاڭجۇغا يېغىنغا بارغاندا جىجىياڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا تۇردۇق، ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمانچە تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ ۋە مىنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچۇم ئىچكىرىدە ئۆگىنىش ۋە يىغىنغا قاتناشقاندا ئۇلار ئۈچۈن ھەممە يەردە يېشىل چىراق يېقىلدى. ساھىبجامالمۇ ناھايىتى شىجائەتلىك، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالىسىنى ياخشى تاماملىغانلىقى ئۈچۈن شۇ يىلى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بىردىنبىر « مۇنەۋۋەر دوكتۇرلۇق ئىلمى ماقالە » دېگەن شەرىپىگە ئېرىشتى.

دۆلەت سىرتىدىكى ئالىملارمۇ ساھىبجامالىنى ناھايىتى قوللىدى، مەن ئۇنى ئىتالىيە خەلىقئارا نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى ICTP گە تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئۇ  بىر يىللىق ئۈنۋان دەرىسىنى ئاڭلاپ بىلىمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. گېرمانىيلىك پراففىسور نام ئۇنىڭغا گېرمانىيىدە ئىلمى ماقالە يېزىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئىلمى ماقالە يېزىشىغا يىتەكچىلىك قىلدى. ئۇ بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەزىرىيە فىزىكىسى ئىنىستىتوتى ۋە بونن ئۇنىۋېرىستېتى ھەمكارلىشىپ يىتىشتۈرگەن دوكتۇر. دوكتۇرلۇق ماقالىسى گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرىستېتىدا بېسپ چىقىرىلدى، ئۈۋان ئېلىش دىسسىرتاتسىيىسىنى جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەزىرىيە فىزىكىسى ئىنىستىتوتىدا تاماملىدى.

ساھىبجامال ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا :« ھەرگىزمۇ توختاپ قالماڭ، ھەرگىزمۇ نام-ئابروي، پايدا مەنپەت قوغلاشماڭ، داۋاملىق تىرىشىڭ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ، تەتقىقات خىزىمىتىنى ياخشى ئىشلەڭ، تىرىشىپ ئون يىلدىن كىيىن ياخشى بىر پىراففىسور بولۇپ چىقىڭ » دېگەن ئىدىم.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ خىزىمىتى نەتىجىلىك بولدى، لېكىن ئىلىم-پەننىڭ چىكى يوق، خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭمۇ چېكى يوق. ساھىبجامالنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق ۋەتەنگە بېقىپ تەربىيلىگەن ئۇيغۇر مىللىتىگە جاۋاپ قايتۇرىشىنى ئۆمىد قىلىمەن!
مەنبە؛
http://www.koknur.net/list.asp?unid=3225

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
4
UID
27174
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:22:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنبە؛http://www.koknur.net/list.asp?unid=3225

Rank: 4

تىللا
537
تۆھپە
153
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 16:44:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىكىدە پېشقەدەم رەھبەر يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى ساھىبجامال خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق، بىلىم، ئىقتىساد جەھەتتە باشقا ئىلىغا مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى قەدىرلەش، پەقەت سەنئەتكار، يازغۇچى-شائىرلارنىلا ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلىمەستىن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىمۇ ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، قەدىرلىك شەخسلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇھىم سۆز قىلدى.
-----------------------------
يۈسۈپ ئەيسا ئاكىنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەقىقەتەن مۇھىم سۆز ئىكەن. ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن داستىخان ھازىرلىغان ساھىبخانغا ۋە ھەرقايسى تەۋەررۈك زاتلارغا سالامەتلىك،بەخىت-ئامەت ياربولغاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:48, Processed in 0.072211 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991