كۆرۈش: 13719|ئىنكاس: 23

باشلانغۇچقا كىرگەن كۈنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
399
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 12:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلانغۇچقا كىرگەن كۈنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟



    تۆنۈگۈن قىزىمنىڭ قولىدىن يىتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن ۋاقتىمدا ، بۇندىن 27  يىل ئالدىدا ئاپامنىڭمۇ مېنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەنلىكى كۆز ئالدىمغا كەلدى ، ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە!؟
كىچىك ۋاقتىم ئاكا- ئاچىلىرىمنىڭ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرگىنىمدە، مېنىڭمۇ ئۇلاردەك سومكا ئېسىپ مەكتەپكە بارغۇم كېلەتتى ، ئۇلارغا ھەۋەس قىلاتتىم ، 27 يەتتە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر دۈيشەنبە ھەپتىنىڭ 1- كۈنى، ئېسىمدە قېلىشىچە 9- ئاينىڭ 2 - كۈنىغۇ دەيمەن ، ئاپامنىڭ ئەتىگەندە بۈگۈن مەكتەپكە بارمىساڭ يەنە ئۇخلاۋەر بالام دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە يۈزۈمنى يۇيۇپ جوزىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ئۇ چاغدا ئاكا- ئاچىلىرىمنىڭ ئالدى مەكتەپكە كەتكەن ، دادام ۋە ئىككىنچى ئاكاملار بىز بىلەن بىللە چاي ئىچتى، دادام "ھە ئەزىمەت (مېنى شۇنداق ئەركىلىتەتتى)" بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپ بالىسى بولىدىغان بولدۇڭ، ياخشى ئوقۇ" دېدى، مەن چاي ئىچكەچ" ماقۇل" دېدىم .
    مانا ئاپام قولۇمدىن يېتىلەپ ئۆزى تىكىپ بەرگەن سومكىنى بوينۇمغا ئېسىپ ئېلىپ ماڭدى، مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى بىر نەچچە مىنۇتلۇق يول بولسىمۇ ماڭا شۇنچە ئۇزۇن بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى ، كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشال ئىدىكى ، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق ، مەھەللىدىكى مەن بىلەن تەڭتۇش بالىلارمۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى، ئاپام ئۇدۇل مېنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى (ئاپاممۇ باشقا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئۇلار بىلەن تونۇشىدىكەن ). مۇئەللىم مەندىن ئىسىمىمنى ، نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىمنى ، ئۆيىمىزنىڭ نەدىلىكىنى ... ئىشلىقىپ مەن جاۋاپ بېرەلەيدىغان سوئاللاردىن  سورىدى.
     شۇنداق قىلىپ مەن بىرىنچى سىنىپنىڭ بالىسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم، باشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا ، تولۇق ئوتتۇرىغا ، ئالىي مەكتەپلەرگە چىقتىم ، بۇ جەرياندا يېڭى يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن  دوستلار بىلەن تونۇشتۇم ، جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلىدىم ، توي قىلىپ بالىلىق بولدۇم ، مانا ئەمدى مەنمۇ قىزىمنى باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئېلىپ كىردىم .
    قىزىممۇ بۈگۈن بەك خۇشال ئىدى، ئۇنى ئېلىپ مەكتەپ ئالدىدا خېلى ساقلىدۇق ، ئاخىرى سىنىپلاغا بۆلۈنگەن ئېلاننى چاپلىغاندىن كېيىن قىزىمغا ئۆزىنىڭ بىرىنچى يىللىق 3- سىنپقا تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، بالىلار باغچىسىدا ئۆزى بىلەن بىللە ئوقۇغان قوشكېزەك ئوغۇل بالىنىڭ ۋە يەنە بىر بالىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنگەنلىكىنى دېگىنىمدە ئۇ بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى، قىزىمنىڭ چىرايىدىكى شۇ كۈلكىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئەينى يىللىرىنى ئويلاپ قالدىم.
    ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە ،  ۋاقىت ئادەمگە ھەرگىزمۇ بويسۇنمايدىكەن، سىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ رىقابەتكە چۈشمىسىڭىز ئۇ سىزگە ھەرگىزمۇ رەھىمدىللىك قىلمايدىكەن .
     تۇرۇپلا ئېسىمگە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <يىللارغا جاۋاپ> تىكى مۇنۇ كۇپلېتلارنى ئوقۇغۇم كەلدى:


ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان،سۇلار،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

********************

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ،ئىزلار كۆمۈلىدۇ،

يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال...

يىللار سېخى،قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىدۇ بېرىدۇ،

قـىزلارغـا قـورۇق ، ئـەرلـەرگە سـاقـال.

********************

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،

تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.




     تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ قىزىمغا ، بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپ بالىسى بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن قانداق ئۆگىنىش ، قانداق ئادەم بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش توغرۇلۇق پاراڭلاشتىم ، قىزىمنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ، كۆڭلىدىكىلىرىنى دېگۈزدۈم  ، ئۇنىڭ بىزدىن كۈتىدىغانلىرىنى ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغانلىرىمىزنى ئايالىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.
     - قىزىم بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپ بالىسى بولدىڭىز ، ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز سىزنى ئالىم ، ئېنژىنىر بولۇش ئەمەس، ياخشى ئوقۇپ ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلىش، بىزدىن كېيىن قالسىڭىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشتىن ساقلاش، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئىنىڭىز ياكى سىڭلىڭىزغا ئۈلگە بولۇش ، ئۇنىڭغا ئاچامدەك ئادەم بولىمەن ، پەخىرلىنىمەن دەيدىغان بولۇش، بىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇ مېنىڭ قىزىم ، دېيەلەيدىغان بولۇش.
    قىزىم سىز ئۇنتۇپ قالماڭ ، ئەدەپ - ئەخلاقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەڭ، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ،  تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتتا ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلىڭ.
بۈگۈندىن باشلاپ بىز ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە ۋە شەنبە كۈنىلا كومپىيۇتېرنى ئاچىمىز ، باشقا ۋاقىتتا ئاچمايمىز، بىزمۇ ئامال بار ئاچمايمىز. تېلېۋىزورنى سىز تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندا ئاندىن ئاچىمىز، يېرىم سائەت كارتون فىلىم كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىمىز ، ۋاقتىدا ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇشنى تەرتىپكە چۈشۈرىمىز. شەنبە ،يەكشەنبە كۈنى قانغىچە ئۇخلىشىڭىزغا رۇخسەت.
ھەر شەنبە ياكى يەكشەنبە ئامال بار كىتاپخانىغا ياكى باشقا جايلارغا ئېىلىپ بارىمىز. بۇ دىگەن ۋەدە...
ئاپىڭىزغا ياردەملىشىپ ، ئۆي ئىشى ۋە تاماق قىلىشقا ياردەملىشىسىز ،كېيىن ئىنىڭىز ياكى سىڭلىڭىز تۇغۇلسا ئۇنىڭغا ياخشى قارايسىز...
     مەن تۆنۈگۈن قىزىم بىلەن مۇشۇ ئىشلار توغرۇلۇق بەك جىق پىكىرلەشتىم ، قىزىمنىڭمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى دېگۈزۈپ پىكىر ئورتاقلىقىغا كەلدۇق. بۈگۈن قىزىممۇ بەك خۇشال ، مەنمۇ ، ئايالىممۇ بەك خۇشال ... بۇ خۇشاللىقنىڭ ئائىلىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچۈپ قالماسلىقنى ئۇلۇغ اللادىن تىلەيمەن.
     دوستۇم سىزنىڭمۇ بىرىنچى سىنىپقا كىرگەن چاغلىرىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئاتا -ئانىڭىزنىڭ دېگەن سۆزلىرى ئېسىڭىزدىمۇ ؟ بالىڭىزنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن كۈنىڭىزچۇ ، ئۇنىڭغا دېگەن سۆزىڭىزچۇ ؟   بالىسىنى مەكتەپكە بېرىدىغان ئاتا -ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، ئامال بار بالىڭىزنى ئاتا - ئانا ئىككىڭلار قولىدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئاپىرىڭلار، شۇ كۈنى ئۆزۈڭلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىدىكەنسىلەر...
بارلىق بالىلارنىڭ ساغلام ئەقىللىق چوڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...

ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
152
تۆھپە
29
UID
17415
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 18:11:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنۈم پەقەتلا ئىسىمدە يوق...دىگىنىڭىزدەك كەلگۈسىدە بالام مەكتەپكە كىرسە ئۆيدە كومپىيۇتېرنى ئاز ئوينىسام بولغۇدەك...ھازىرقى كىچىك بالىلار كومپىيۇتېرنى كۆرسە ئادەم تونۇمايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
810
تۆھپە
239
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوغلۇمنى بۇيىل يەسلىگە بەردىم ھەم سىزگە ئوخشاشلا مەكتەپكە كىرگەن كۈنۈمنى (شۇكۈنى بىر ئوقۇتقۇچى ئىسمىمنى چاقىرغاندىن كېيىن ئۆزۈم تەقسىم قىلىنغان قاتارغا ئۆتۈپ بولۇپ، راستلا مېنى چاقىرغانمىدۇ دېگەن ئەنشىدە ئەتراپقا ئەنسىزقارىغىنىم)، بىرىنچى مەۋسۈم يېڭى يىلدا پىئونېر بولغانلىقىمنى، ساۋاتىم چىقىپ ئۆيدىكىلەرگە كىتابتىكى ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ئالتە يىللىق دەرسلىك››دېگەن بىر جۈملىنى ئوقۇپ بەرسەم، ئاتا-ئانامنىڭ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەنلىرى، بىرىنچى يىللىقنى پۈتتۈرگەندە يېقىن دوستۇم بىلەن: ئېلىپبەدە 100 ئالدىم، ھېسابتا 98دېيىشپ خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتقان كۆرۈنۈشلىرىمنى شۇنداق ئويلاپ كەتتىم. شۇ كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا، يىللار ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدىكەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvmvx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 19:30  



گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:51:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىمدە قىلىشچە،مەن يىغلاپ مەكتەپنى بىشىمغا كەيگەن، قارىسام ئەتراپىمدا بىر توپ ناتونوش كىشىلەر،يانا ئۆزۈمگە ئوخشاش ئۇششاق بالىلار تۇراتتى، زادى نەگە كەپ قلاغاندىمەن دەپ بەك قورقۇم كەتكىنىم


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1449
تۆھپە
919
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:52:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ. لېكىن مەكتەپكە دەسلەپتە ‹سامى› دېگەن نام بىلەن كىرگەنلىكىم ئېسىمدە.
مائارىپتا ئىشلىگەنلەر بىلىدۇ، ئىلگىرى تەييارلىق سىنىپ بولمىغاچقا باشلانغۇچ 1-يىللىقنىڭ ھەر بىر سىنىپىدا 8-10غىچە ‹سامى› ئوقۇغۇچى بولىدىغان. ‹سامى› دېگەن ئاتالغۇ نەدىن كىرگەن بىلمەيمەن، لېكىن مەنىسى ‹ساننىڭ سىرتىدا› دېگەن گەپ، يوقلامدا ئىسمىمىز بولمايدۇ.
2-يىللىققا كۆچكەن يىلىمىز ئاپام 1-يىللىقتا قايتا ئوقۇتماقچى بولغان ئىدى، سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنى ‹چوقۇم يېتىشىپ ئوقۇپ كېتەلەيدىكەن› دەپ، رەسمىيلەشتۈرۈپ قويغان.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 22:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىرنچى كۇنىى باسام  مىنى بەك كىچىك كەنسەن دەپ قايتۇر ۋەتكەن  ئۇدا بىر ھەپتە بېرۋاسام ئاندىن سان سىرتىدا قۇبۇل قىلىپ  ئىككنچى يىلى «رەسمىي»لەشكەن


Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
16
UID
23707
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 22:43:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستە تۇتۇش قابىلىتىڭىزگە ئاپىرىن. 6-7 ياش ۋاقىتتىكى ئىشلارنى تۇلۇق ئەسكە ئالالاپىسز . مىنىڭ باشلانغۇچقا تۇنجى قېتىم قانداق كىرگەنلىكىم زادىلا ئىسمدە قالماپتۇ.


Rank: 2

تىللا
57
تۆھپە
26
UID
25326
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 13:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىنىق ئىسىمدە بار ، 1982-يىلى 8-ئاينىڭ20-كۇنى مەكتەپ يۇزىنى كۇرگەن بىرىنجى كۇنۇم.
مەندىن مۇئەللىم غازنىڭ ، قۇينىڭ ، كالىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتپ ئىمتىھان ئالغان .مەن شۇ چاغدا قۇيدىن باشقا ھايۋاننى تۇنىمايتىم. شۇنداق بۇلسىمۇ مىنى قۇبۇل قىلغان.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
25879
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 13:56:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ تۇنجى مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتلىرىم بەك ئېسىمدە، مەكتەپ بىزنى بىرنەچچە كۈن ئوقۇتۇپ،ئاندىن رەسمى ھالدا سىنىپلارغا بۆلۈپ ئۇرۇنلاشتۇرغاندا مەن باشقا بىر سىنىپقا كىرىپ قېلىپ، ناتونۇش بالىلار ئارىسىدا تۇرغۇم كەلمەي، سومكامنى ئېسىۋېلىپ،سىنىپقىمۇ كىرگىلى ئۇنىماي ئىككى كۈنگىچە يىغلاپ مەكتەپنى بېشىمغا كەيگەن.....ھازىر مۇشۇ خەتلەرنى يېزىۋېتىپمۇ، كۆزۈمگە ياش كىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
536
تۆھپە
154
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:58:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئېسىمدە. ئۇ ۋاقىتتا بويۇم بەكلا پاكار ئىدى، قوبۇل قىلىدىغان مۇئەللىم ماڭا قاراپ دادامغا: «قىزىڭىز بەك كىچىكتەك قىلىدۇ، ئوقۇيالارمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، دادام: «بىز قىزىمىزغا كىتاب ئوقۇش، ئاددىي ھېسابلاشلارنى ئۆگىتىپ بولغان، ئوقىغاندىمۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇيالايدۇ» دېگەن ئىدى، دېگەندەك مەندىن گېزىت ئوقۇتۇپ، ھېساب ئىشلىتىپ، ئاندىن مەكتەپكە قوبۇل قىلغان ئىدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 17:07, Processed in 0.082978 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991