كۆرۈش: 47328|ئىنكاس: 47

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخسى ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6156
تۆھپە
2810
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 17:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخسى ئېلان قىلىندى


تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى تېلېفوندا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ


8c89a58fc8a911a81d1c36.jpg


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن بىلەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى


    تورىمىز خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ ئىلگىرىلەش، چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئېچىۋېتىش شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمول ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارنى خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ تېز، بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ھەمدە شىنجاڭنىڭ تور مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى زور تەرەققىيات، زور راۋاجلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ مەدەنىيەتلىكتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەلىپىنى قاندۇرۇش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يانفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 29-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
   ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تور تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تور باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لۇ چۈنپىڭ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.


8c89a58fc8a911a81d6738.jpg



  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىنى نەق مەيداندا سىناق قىلدى


   ھازىر بازاردىكى يانفونلار ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتەلمەيدىغان بولغاچقا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ يانفوندا نورمال كۆرۈنۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يانفون نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى جەمئىيىتىمىزدە مەزمۇنى ساغلام، كىشىلەر تۇرمۇشىغا قولايلىق ھەم پايدىلىق بولغان يانفون تور مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يانفۇن تورىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


_MG_5220.jpg


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىنى چۈشەندۈرمەكتە


   ئىگىلىنىشىچە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسى خەۋەر، مۇنبەر، مەخسۇس سەھىپە، سۈرەت، ئېكران، كۆڭۈل ئېچىش، ماقالە يوللاش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، يانفۇن ئابونتلىرى پەقەت يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ يانفونىغا قاچىلىسىلا خىلمۇ-خىل خەۋەر، ئۇچۇر، مۇنبەر يېڭىلىقلىرى ۋە سۈرەتلەردىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
   تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىدىكى مەزمۇنلار ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللانغان بولۇپ، ئابونتچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك، كېرەكلىك، قىممىتى بار ئاخبارات مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ بۈيۈك ئېچىۋېتىش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك تەرەققىيات، بۈيۈك گۈللىنىش قىياپىتىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن بەلكى تور سۈرئىتىنىڭ تېز، يانفۇن ئېقىم مىقدارى ئاز بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

8c89a58fc8a911a81c9532.jpg


   تورداشلار پەقەت يانفونىغا m.xjtsnews.com/down دېگەن ئادرىېسنى كىرگۈزسىلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يانفون نۇسخىسىنى چۈشۈرەلەيدۇ.


8c89a58fc8a911a81c9533.jpg



ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا


8c89a58fc8a911a81dd13a.jpg



مۇخبىرلار خىزمەت ئۈستىدە

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
356
تۆھپە
180
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:15:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  خوش بولۋاتمەن   ياخشى باشلىنىش  كوپ بولسۇن

Rank: 6Rank: 6

تىللا
861
تۆھپە
416
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:16:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ، ئانا تىلىنىڭ يىڭى زاماندىكى يەنە بىر نامايەندىسى . مەن بىر چۈشۈرۈپ مۇنبەر ئويناپ باقاي .
مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 6Rank: 6

تىللا
861
تۆھپە
416
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:19:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرىسى ماۋۇكەن ...

http://m.xjtsnews.com

مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1024
تۆھپە
710
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:33:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى. مەنمۇ چۈشىرەيچۇ.
ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1477
تۆھپە
331
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ،

Rank: 1

تىللا
58
تۆھپە
8
UID
25679
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 19:01:04يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  بۇپتۇ   مەن ﻫازىر  يانفۇن  نۇسقىسىدا  ئىنكاس   يېزىۋاتىمەن

Rank: 1

تىللا
43
تۆھپە
13
UID
70
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 20:09:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زورئىش بوپتۇ. تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق خادىملار، جاپا چەكتىڭلار. رەھمەت سىلەرگە. بۇ سۇپا ئارقىلىق تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارئاپتونوم رايونىمىز چەت يېزا - قىشلاقلىرىغىچە تارقالغاي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1218
تۆھپە
512
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 20:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى ئىش بوپتۇ، مەكتەپكە قايتقاندىن كىيىنمۇ ئۆزۈم بىردىنبىر ئەزا بولغان تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە چىقالايدىكەنمەن، ھاھا ئەمدى يانفۇندىن پايدىلىنىپ ئاقسا مۇنبەر ئوينايدىغان بوپتىمەن دە
  جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1218
تۆھپە
512
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 20:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى سۈرەتلەردە مۇنبىرىمىزنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئادمىن ئەپەندىنى تونۇيالىدىم، باشقا باشقۇرغۇچىلاردىن كىملەر باردۇ؟ بولسا باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ سۈرىتى بىلەن قىسقىچە تەرجىمھالىنى يوللاپ قويغان بولسا تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-18 11:01, Processed in 0.086739 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991