قۇشخانا مەسلىسى توغرۇلۇق رەھبەرلەرگە ئىلتىماس
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرىتارى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى جىڭ ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارى، جىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ھاكىمى، داخىيەنزى بازارلىق پارتكوم سېكرىتارى، داخىيەنزى بازارلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى، شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسى تارماقلىرىغا: بىزكى مۇراجىئەت قىلغۇچى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ،شۇ توغرۇلۇق ئىلتىماس قىلىمىزكى بازىرىمىز 40نەچچە مىڭ نوپۇسقا ئىگە،مەملىكەتتىكى 500چوڭ بازارنىڭ بىرى .بۇ بازاردا 6مىللەتتىن تەركىپ تاپقان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە خەنزۇلار بار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىياسەت شەھەردىن كۆرە، يېزىدا كۆپرەك ئەمەلىيلىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ،يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلىشى ،تاۋار ئۆي قۇرۇلىشى ،يول قۇرۇلىشى ،سۇ ئىنشائات ۋە باشقا ساھەدىكى ئونۋېرسال قۇرۇلۇشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشلىنىپ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى بارلىققا كەلتۇردى ،جۈملىدىن بۇخىل ئىللىقلىق قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ مەيىن شامىلى پۇقرالارغا دۆلەت سىياسىتى ۋە قانۇنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇردى .داخېيەنزى بازىرىمىزغا 1980-يىللاردىن بۇيان ،پۈتۈن مەملىكەتكە ،ئاپتونوم رايونغا ،ئاپتونوم ئوبلاستقا،ۋە ناھىيەگە تونۇلغان پىشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياش خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،موڭغۇل ،قازاق ،خۇيزۇ قاتارلىق ئىقىتىساسلىق رەھبەرلەر باش بولغان ۋە بولىۋاتىدۇ. لېكىن خەنزۇ يولداشلارنىڭ چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە سويىدىغان بىر يۈرۈش دۇكان،زامانىۋىي <<قۇشخانا>>قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرغىچە سېلىنماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىغا كەلتۈرۈپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پىكرىنىڭ ھەل بولماسلىقى! چۈنكى بىرقىسىم چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە سويىدىغان ئەر -ئايال خەنزۇ قاسساپلار (بۇنىڭ ئىچىدە ئىت ،ئىشەك سويىدىغان پىشقەدەم قاسساپلارمۇ بار) جاندارلىرىنى خالىغان يەردە،خالىغان ۋاقىتتا سويىۋەرگەچكە بازار ئىچىدە لالمىلىق قىلىپ يۈرگەن پىستە كۈچۈكلار ،ياۋا مۈشۈكلەر ئۇنىڭ تاشلىۋېتىلگەن ئىچ باغرىنى، بەزىلىرىنى خەلق مەيدانى ،چىملىق ۋە يول بويلىرى ،دوختۇرخانا ئەتراپىدا سۆرەپ يۈرۈپ ،يىگىنىنى يەپ ،يىمىگىنىنى چىۋىنلەرگە تاشلاپ بېرىپ ،چىۋىنلەردىن ئاشقان گۆش -ياغلار ئاپتاپتا تۇرۇپ چىرىپ ،سېسىق پۇراق بۇ <<مەدەنىيەتلىك بازار>>نىڭ ھاۋاسىنى ،مۇھىتىنى، پۇقرالارنىڭ نورمال كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە . بىز بۇ ئىشلارنى دەسلەپ 1985-يىللاردا <<بورتالا گېزىتى>>ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر مۇخبىرىغا ئىنكاس قىلغان ، مۇخبىر ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىشقا جىددى قاراپ <<ئاممىنىڭ ئىنكاسى>> سۈپىتىدە گېزىتكە چىقارغان .ئارىدىن چارەك ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ خەنزۇ يولداشلارغا يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئازادە ،يورۇق،قولايلىق بىر يۈرۈش چوشقا گۆشى سېتىش ۋە چوشقا سويۇش دۇكىنى(قۇشخانا) سېلىپ بېرىلمىدى ،ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يوللۇق تەلەپلىرىمۇ ئېتىبارسىز قارالدى.يولدىن ئۆتكەن قاتناش ۋاستىلىرى،پىيادىلەر،يولۇچىلار بەزىدە بۇ تاشلاندۇق مەرەزلەرگە دەسسەپ قېلىشتىن خالى بولالماي كەلدۇق. گەرچە شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر ،قازاق،خۇيزۇ تازىلىقچىلار قوشۇنى بۇ مەينەتچىلىكلەرنى تازىلاپ ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا جىمىقتۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولۇپمۇ ئۆزخان ،ئۆز بەگ قاسساپلىق قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنىڭ مۇنتىزىم بىر يەردە تۇرۇپ قاسساپلىق قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ بولالمىدى. ئۇلار مۇھىم بولغان قاتناش ئېغىزلىرىنى ،يول بويلىرىنى ئىگەللەپ ھەر تۈرلۈك ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. 1985 -يىللاردا ئۇيغۇر قاسساپلارغا مۇنتىزىم بىر يۈرۈش قوي ،كالا سويۇش دۇكانلىرى سېلىپ بېرىلدى ۋە ئاقچى مەيدان بىلەن داخىيەنزى بازار پاسىلىغا300نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق قۇشخانا سېلىپ بېرىلىپ تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى قاسساپلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلدى .نەتىجىدە بىر پۈتۈن بازارنىڭ مۇھىم بولغان يىمەكلىك بازىسى تەرتىپكە چۈشتى .بىراق خەنزۇ قاسساپلار مۇشۇنداق ئەۋزەل مۇھىتتىن بەھرىمەن بولالمىغاچقا ئۇلار سەييارە ۋە كۆچمەن ھالەتتە قاسساپلىق قىلىپ بازار مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزدى.بىز بۇخىل قۇرۇلۇشنى قىلىشقا توسالغۇ بولىۋاتقان ئوبىكتىپ- سوبىكتىپ سەۋەپلەرنى مۇنداق يەكۈنلەپ باقتۇق: <1>.بۇ خىل قۇرۇلۇشنى سېلىشتا پۇقرالارنىڭ شۇنچە كۆپ تۇرالغۇ زېمىنلىرىنى مۇۋاپىق باھالاپ سېىتىۋىلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ بىزنىڭچە << يەر >>قىيىنچىلىقى يوق ! <2>.شۇنچە كۆپ قۇرۇلۇشلارنى بولۇپمۇ بىر قىسىم ئىشلىتىش مۇددىتى توشمىغان يېڭى قۇرۇلۇشلارنىمۇ چېقىپ قايتا سېلىۋاتقان ئىدارە جەمئىيەت، ئورگانلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى ، ۋاقىت قىيىنچىلىقىمۇ يوق! نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىقتىسادى تەرەققىيات ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ، ئاممىغا ھەرتەرەپلىمە قولايلىق شەرت-شارائىتنى تۈزەش، ئوڭشاش ، تەرتىپكە سېلىش ،مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ئىشلارغا ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىغا خەلق قۇرۇلتىيى ،سىياسى قانۇن ساھەسى،دىنىي، بىرلىكسەپ تارماقلىرى بىپەرۋالىق بىلەن قارىماي، ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە قاراپ، ۋاقتىدا ،ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، خەنزۇ قاسساپلىرىمىزنىڭ مەدەنىي ،پاكىزە مۇھىتتا قاسساپلىق قىلىش شارائىتىنى ياخشىلاپ بازىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تۈر قۇرۇلىشى قاتارىدا بۇ ئىشنى چوقۇم بالدۇرراق ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى كۆپچىلىك بىردەك مۇراجىئەت قىلدۇق. باھانە- سەۋەپلەر كۆرسىتىلمەي يېڭى دەۋردىكى بىر زامانىۋىي چوشقا گۆشى سېتىش ۋە سويۇش دۇكىنى ياكى قۇشخانىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،مۇۋاپىق ئورۇنغا سېلىپ بېرىلىشىنى بىردەك تەكلىپ ۋە تەلەپ قىلىمىز.
جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدىن ...
2012يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى |