كۆرۈش: 20247|ئىنكاس: 20

بادام ئۈزۈش بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر (BadBoy) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
555
تۆھپە
192
UID
2744

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 18:23:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بادام ئۈزۈش بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر  (BadBoy)


     8-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو شىنجاڭ يەكەن 2-نۆۋەتلىك بادام ئۈزۈش بايرىمى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىىسدا داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇيىلقى بادام ئۈزۈش بايرىمىنىڭ تېمىسى بولسا "دۇنيادىكى ئېسل مەھسۇلات     مېۋىلەرنىڭ سەردارى" .
     يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن  ئېسىل باداملار  بۇ بايرامغا قاتناشتۇرۇلدى، ھەمدە مۇتەخەسسلەرنىڭ باھالاپ چىقىشى ئارقىلق ، ئېسىل سورتلۇق بادام يېتىشتۈرگەن ، يېزا، شەخس،  شىركەتلەر مۇكاپاتلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، ئېىسىل سورتلۇق باداملارنى "كىم ئارتۇق" قىلىپ سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ ،ئەڭ قىممىتى بىر كىلوگىرامى 50 مىڭ يۈەن باھادا سېتىلدى.
    بادام ئۈزۈش بايرىمى يەكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بادام پىشقان چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دېھقانلار ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلق ئۆزلىرىنىڭ بادام  ھوسۇلىغا بولغان تەبرىكلەش ھېسىياتى ۋە ئەمگەككە بولغان قىزغىنلىقى ،  گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىشىدۇ.
    يەكەن ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر يىل 50 مىىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەخ ئاجرىتىپ ، بادام  كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، سورتىنى ياخشىلاش ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش،  ماركا  يارىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە سەرپ قىلماقتا. بادام بولسا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى  ئاساسلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    تۆۋەندە مەن  بۇ پائالىيەت جەريانىدا تارتىۋالغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارغا سۇندۇم:

A.jpg


بادام ئۈزۈش بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى


B.jpg


ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى


C.jpg


ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى


D.jpg


ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى


E.jpg


ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى


F.jpg


ئېچلىش مۇراسىمىغا قاتناشقا رەھبەرلەر بادام قاقماقتا


G.jpg


"كىم ئارتۇق" سودىسدا بۇ بادامنىڭ بىر كىلوگىرامى  50 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى


H.jpg


سەنئەت پائالىيتى "بادام ئۇسۇلى"


I.jpg


سەنئەت پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش


J.jpg


بايرام كۈلكىلىرى


K.jpg


بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان سەر خىل بادام


L.jpg


بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان بادام


M.jpg


مۇتەخەسسلەر بادام سورتلىرىنى باھالىماقتا


N.jpg


"يەكەن بادىمىنى تېتىپ كۆرۈڭ"


O.jpg


ھەجەپ يوغانغان كاۋىكەن (ئاقسۇدىمۇ بارمىدۇ؟)


P.jpg


يەكەن چاھارباغ قوغۇنى


Q.jpg


قوغۇنچى بوۋاي


R.jpg


قوغۇندىن مول ھوسۇل


S.jpg


سەبدە گۈل


T.jpg


يەكەن ئودانلىق دېھقانلىرى سەبدە گۈللەرنى تەرمەكتە


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
997
تۆھپە
639
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 19:43:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ بايرام بار دەڭ بىلۋالدىم ، باداملار بەك ئوخشىغان چېغى بۇ يىلمۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 19:50:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچچىكىنە  كاۋىنى داڭلاپ كېتىپتىغۇ ؟؟؟؟؟؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
895
تۆھپە
360
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 20:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن  خەلقى ئىشچان خەلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە سەنئەت خۇمار خەلىق،مەن يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن2-قىتىملىق بادام بايرىمىنى  سىز يوللىغان  بۇ سۈرەتلەردىن كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ، چۈنكى يەكەن خەلقى ئۆز ئەجىرىنىڭ شېرىن مىۋىلىرىنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق مەمىلىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلەندۈرشتە ئالدىدا ماڭماقتا بۇ باشقا رايونلاردىكىلەرنىڭمۇ ئۈگۈنىشىگە،ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، سۈرەتلەردە ئول-ھوسۇل شاتلىقىغا چۆمگەن يەكەن خەلقىنى كۆرۈپ،كۆكلە،كۆككە بېشىڭ تاقاشسۇن يەكەن خەلقى دەپ ۋاقىرغۇم كىلىۋىتىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
873
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 20:20:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا «بادام ئۈزۈش» بايرىمى ....................؟ دەپ ئاتىلىدۇ ؟


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1560
تۆھپە
358
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 21:11:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 19:50
كىچچىكىنە  كاۋىنى داڭلاپ كېتىپتىغۇ ؟؟؟؟؟؟

شۇڭا دەيمە ، ھېلقى 150 كىلوگىراملىق  كاۋىنى يوغان دەيمىز،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1074
تۆھپە
393
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 23:24:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ  بايرام مېنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللەمدە شۇنداق داغدۇغىلىق ئـۆتكۈزۈلدى.
    يەكەندە ئەتىياز پەسلىدە بادام چېچىكى بايرىمى، كۈزدە بادام ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
   مۇخبىر ئاۋۇ سۈرەتتە خاتا ئىزاھات بېرىپتۇ. ئاۋۇ دېھقان كۆتۈرۈۋالغىنى كاۋا ئەمەس، يۇرتىمىزدىن چىققان ئاپلېسىن ئىدى، تېخى پىشمىغان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 23:25  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1480
تۆھپە
1142
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 00:25:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايرام بەكلا ياخشى ئۇتكۇزۇلگەن ئوخشىمامدۇ رەسىلەردىن شۇنداق تۇيغۇ چىقىپ تۇڭردۇ رەسىملەرمۇ شۇنداق ياخشى تارتىلىپتۇ ئوچوق ھەم سۇزۇك  رەىمەت


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1692
تۆھپە
814
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:20:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن 12مۇقام،بادام،بادام دوپپادىن ئىبارەت چوڭ گوھەرلەر بار .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1692
تۆھپە
814
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:21:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك دېھقان تىلىدا بادام قىقىش دەپ ئاتىلىدۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-25 03:07, Processed in 0.095855 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991