ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان سۆزى
1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا: «مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇيمەن» دەپ قەسەملەرنى بېرىدۇ. بۇخىل ئەھۋال كۆپىنچە مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا بىر - ئىككى ھەپتە قالغاندا ياكى ئالدىنقى مەۋسۈمدە بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي تولۇقلاپ ئمتىھان بېرىش يېڭىلا ئاياغلاشقان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ.
لېكىن ياخشى ئۆگىنىش پەقەت ئۇلار بىلىپ - بىلمەي دەپ قويغان گېپى خالاس. ئۇلارنى كىتابنى كۆتۈرۈپ سنىپقا كىردى دېسەكمۇ ئۇلار كىتابنىڭ بىر نەچچە ۋارىقىنى ۋاراقلاپ قويۇپلا، قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ QQ نى ئاچىدۇ ياكى بىرەر دوستىغا ئۇچۇردىن بىرەرنى يېزىپلا ھېلىقى ۋەدسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەدىسى پەقەت بىر قانچە كۈنلۈكلا بولىدۇ.
2. ئەمدى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىمايمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ناتۇنۇش ئەمەس. دەرىس ئۆگىنىش، ئۇيۇشما پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ تورخانىلاردا ئويناشنى خېلى كۆپ قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلار «ئۆگىنىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، كاللسىنى ئارام ئالدۇرۇش» دەپ قارايدۇ . ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى شۇنچە زورمۇ؟؟
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئويناش كېرەك، لېكىن بىكار ۋاقتى چىققاندا مۇۋاپىق ئوينىسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ خۇمار بولۇپ قالماسلىق كېرەك. دەرستىن چۈشۈپلا، ھەتتا دەرستىن قېچىپ ئويۇن ئويناشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
3. ئەمدى ئالدىراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھەببەتلىشىش 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا چوقۇم لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدىغان دەرسلىك. توغرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياش، كونىلاردا «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر» دېگەن گەپ بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىدا مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھېس - تۇيغۇلىرى ۋە ئاچچىق ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشى ئەقىلگە مۇۋاپىق، نورمال ئەھۋال. لېكىن بىر تۈپ دەرەخ ئۈچۈن چوڭ بىر ئورمانلىقتىن ۋاز كىچىش نادانلىق.
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ، ئالىي مەكتەپلەردىكى «كېلىشكەن يىگىت» ۋە «گۈزەل قىزلار» نىڭ «قايمۇقتۇرۇشى» ياكى باشقا سەۋەبلەر تەرىپىدىن بەزىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق چاغلاردا زەربىگە ئۇچرىغان تەرەپ ئازاپلانغان ھالدا «ئەمدى ھەرگىز ئالدىراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن» دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىر سەبىي قىز ياكى كېلىشكەن يىگىت ئۇلارغا قايتىدىن «ھاياتلىق» ئاتا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەسەملىرى يەنە يوققا چىقىدۇ.
4. ئەمدى قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن.
ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «يۇۋاشلاپ» قالىدۇ. كۈندە يەيدىغىنى بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىر – ئىككى قاپ تەييار چۆپ. بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئېغىزدىن «كېلەر ئايدىن باشلاپ قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن، مۇۋاپىق خەجلەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايسىز. بۇنداق چاغدا ئۇلارنى راستىنلا تېجەشلىك بولامدىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇمۇ ئۇلارنىڭ دەپ قويغان گېپى، يېنىدا پۇل ئاز قالغاندا ئاتا – ئانسىغا پۇلدىن ئېغىز ئاچالمىغانلىرى سىرتتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەيدۇ. بىر كۈن ئىشلەپ ئازغىنە پۇل تېپىپ كەلگەندە ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي «پۇل تېپىشنىڭ نەقەدەر قيىنلىقىنى، ئاتا - ئانامنىڭ قانداق قىيىنچلىقلارنى تارتقىنىنى ئەمدى بىلدىم، ئەمدى چوقۇم تېجەشلىك بولىمەن» دېيىشىدۇ. لېكىن بۇنداق سۆزلىرىنى ئېسىدە تۇتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ھەر ئايدا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ.
5. چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
نۇرغۇن ئوغۇللار ئارىلاپ - ئارىلاپ توپ ئويناپ تۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ تورخانا ۋە باشقا جايدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.
ئوغۇللار دائىم كەچتە ياتاقتا قورساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولىدۇ. بىرىنچى كۈنى 15 نى، ئىككىنچى كۈنى 25 نى، ئۈچىنچى كۈنى 30 نى… لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارىسىڭىز ئۇلار بىر كېچىدە يەر بېغىرلاشتىن ئاران بىرنى ئىشلەيدۇ. يەنى كەچتە كارۋىتىدا يەر بېغىرلاشنىڭ «تۈۋەنگە چۈشۈش» ھەرىكىتىنى تاماملىسا، «ئۈستىگە قوپۇش» ھەرىكىتىنى ئەتىسى ئويغانغاندا تاماملايدۇ.
6. چوقۇم ۋاقتىدا پايپاق يۇيىمەن.
پايپاق ۋە ئىچ كيىملىرىنى يۇيماسلىق كېسىلى بەلكىم ئوغۇللارغا خاس ئورتاق كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال قىزلاردا ئانچە كۆرۈلمەيدۇ.
ئوغۇللار ئۆزى كيىپ سېستىۋەتكەن پايپاق، ئىچ كىيمىلىرىدىن ئۆزى سەسكىنىپ، يۇيۇش خوشياقماي كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا ياكى ياتاقنىڭ باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىمايدىغان بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپلا يۈرۈۋېرىدۇ.
پەقەت ياتاق تەكشۈرگۈچىلەر بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئوڭايسىزلىنىپ «ئەمدى چوقۇم ۋاقتىدا يۇيىمەن» دېيىشىدۇ. لېكىن ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ياتاقتا سېسىق پايپاقلار يەنە كۆپىيىپ قالىدۇ.
7. ئەمدى باشقىلارنىڭ چايدىنىدىكى چاينى ئوغرىلىقچە ئىچمەيمەن.
قىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ قايناق سۇ ئېلىش خوشياقمىغانلار باشقىلار بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ چايدىنىدىكى چاينى ئىچىۋېلىشى ياكى يۈز - كۆزىنى يۇيۇشقا ئىشلىتىۋېلىشتەك ئەھۋال ھەر قىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىگىسى بايقاپ قالغاندا بولسا «ئاداش خاپا بولما، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلمايمەن» دەيدۇكى، لېكىن سوغۇقتا سىرتقا چىقىش خوشياقمىغاندا يەنە قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ.
8.ئەتە سېنى ئۆزۈم مېھمان قىلىمەن.
ئاي ئاخىرىدا يېنىدا پۇل قالمىغان بەزى «ئاغىينىلەر» سىز ئاشخانىغا تاماققا كىرگەندە «ئاداش، بۈگۈن پورتمالىمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خاتىرجەم بول، ئەتە سېنى ئۆزۈم مېھمان قىلىمەن» دەيدۇ. قاراڭ ئۇنىڭ «نۇمۇس» قىلىپ «بۈگۈنكى تاماقنىڭ پۇلىنى سەن تۆلىۋەت» دېيەلمىگىنىنى. بۇنداق چاغدا ياق دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن ئەتىسى سىز ئاشخانسدىن ئۇ «دوستىڭىز» نى ھەرگىز تاپالمايسز ياكى «دوستىڭىز» سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرىدۇ. سىز يېنىغا بېرىپ ئېغىز ئاچالمايسىز.
(ئەسكەرتىش: بۇ خىل ئەھۋاللار ھەرقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىداچوقۇم بار دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن بۇ خىل ئەھۋاللار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا راستىنلا مەۋجۇت)
مەنبە: مىسرانىم تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 17:45