كۆرۈش: 7038|ئىنكاس: 4

بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
25471
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:59:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە


ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش


p121.jpg



    خەلقىمىز ئەزەلدىن پەرزەنتلەرگە ئىسىم تاللاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ قىزلارغا ئايگۈل، ئاينۇر دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشى ئۇلارنىڭ ئايدەك چىرايلىق ۋە ئەقىللىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈر، باتۇر، ئۆركەش دېگەن ئىسىملارنى قويۇشى ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئەزىمەتلەرگە خاس چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن، مەدىنە، قاھىرە دېگەندەك ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشى ئۇلۇغ، مەشھۇر جايلارنى ئەزىزلەش بىلەن بىللە، بالىلارنىڭمۇ ئەزىزلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن بولغان. مەيلى قەدىمكى زامان كىشى ئىسىملىرى ياكى ھازىرقى زامان كىشى ئىسىملىرى بولسۇن، بىزدە مەنىسىز ئىسىم يوق. بىز قەدىمكى ئىپۇس، قىسسە–داستانلاردىكى تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىش–پائالىيەتلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئىسمى–جىسمىغا تولىمۇ ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەجدادلار بالىلىرىنى ئىسمى–جىسمىغا لايىق تەربىيەلىگەچكە ئۇلاردا شۇنداق باتۇرلۇق، گۈزەللىك، ئاق كۆڭۈللۈك، مەردلىك يېتىلگەن.
     ئوغۇزخاندىن باتۇر تەڭرىقۇتقىچە، مەھمۇد كاشغەرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىچە ئىسمنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىدا نامايان قىلغان پائالىيەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھازىر قويۇلۇۋاتقان بەزى ئىسملارغا قارىساق بىر–بىرىدىن مەنىلىك بولۇپ، سۆيۈنۈپ كېتىمىز. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىسىمى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرى دەل ئەكسىچە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ. بەختلىك بولۇشنى كۆزلەپ ئىسىم قويغانلاردىن بەزىلىرى بەختسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. باتۇر، ئىرادىلىك ئەزىمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلار قورقۇنچاق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىنتىلىش، ئىجاد قىلىش مەنىسىگە ئىگە ئىسىمدىكىلەر تەييارغا ھەييار بولىدىغان، تار رامكىدىن چىقالمايدىغان، ئېرىشكەنلىرىگە شۈكرى–قانائەت قىلىپ ياشايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. غۇرۇرلۇق، ساداقەتمەنلىك، دىيانەتلىك مەنىسىگە ئىگە ئىسمى بارلار ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىزدە بىرەرسىنىڭ سادىر قىلغان ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئىسمى–جىسمىغا لايىق ئىش قىلسىچۇ دەيدىغان گەپ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئۇلۇغ، شۇنداق مەنىلىك ئىسم ساھىبلىرى ئۆز ئىسمىنىڭ قىممىتىنى تاشقا ئۇرىدىغان يولدا ماڭىدۇ؟
     بىزدە ‹‹نامى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق›› دەيدىغان گەپ بار. بالىلارغا ھەر قانچە مەنىلىك، ھەشەمەتلىك ئىسىم قويۇلغىنى بىلەن، شۇ ئىسىمغا يارىشا ئادەم بولمىسا، ئۇ ناملارنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. مەنىلىك ئىسىملارنى بالىلارغا قويغان بىلەن، بالا تەربىيەلەشتە شۇ نامنىڭ ئەكسىچە يۇل تۇتسا، شۇ ئىسىمگە قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ. بىزگە ھەقىقىي كېرىكى ئىسمى ئۇلۇغ، روھى قۇرغاق ئەۋلادلار بولماستىن، ئەجدادلار ياراتقان ئېسىل خىسلەتلەرنى روھىغا سىڭدۈرگەن، ئەل ۋەتەن پەخىرلەنگۈدەك، ئاتا – ئانا بالا باققانغا سۆيۈنگۈدەك ئىنسانىي خىسلەتلەرگە باي ئەۋلادلاردۇر. ئىسىم ئادەمنى مەشھۇر قىلمايدۇ. ئادەمدىكى باتۇرلۇق، ئېسىل پەزىلەت، سۆيۈملۈكلۈك، ساخاۋەتچلىكتەك خىسلەتلەر ئۇلۇغ ناملارغا ئىگە قىلىدۇ، ھەم مەڭگۈلۈك شەرەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
     ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلۇققا ئىگە قىلىشتا ئويلىغىنى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئىسىملارنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇلۇغ ئادەم بولۇشىنى نىيەت قىلغانلىقىدۇر. ئۇلار شۇنداق بالىلارنى تەربىيەلىيەلىدى. ھازىرقى بەزى ئاتا – ئانىلارچۇ؟ بالىلىرىغا ئىسىم تاللىغاندا ئەجدادلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئەمما، شۇ نامغا لايىق بالا تەربىيەلەشتە ئەجدادلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا مەلۇم مەقسەتنى كۆزلەپ ئىسىم قويغان ئىكەن، شۇ مۇبارەك ئىسىمنىڭ ماھىيىتىنى، روھىنى تەتقىق قىلىپ، بالىسىنىڭ روھى دۇنياسىنى، ئىش – ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، شۇ مۇبارەك ئىسىمنىڭ روھىنى بالىغا قانداق سىڭدۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن بالىسىغا مۇۋەپپەقىيەت يولى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئاساسىنى يارىتالايدۇ. ئاتا – ئانىلار تارىختىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ ئىسىملىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى بالىلىرىغا قويغىنى بىلەن، ئۇلارغا شۇ زاتقا ئائىت ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان، يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىدىغان ئادەت كەمچىل. شۇڭا، بالىدا ئۆزى بىلەن ئىسىمداش قانداق مەشھۇر شەخس ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تونۇيدىغان دۇنيا قاراش تۈزۈك شەكىللەنمەيدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزىگە روھىي مەدەتكار بولىدىغان ئامىلغا ئېرىشەلمىگەچكە، ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىگە خاس ئادىمىيلىك نىشان تۇرغۇزۇلمايدۇ.
     تارىختا شۆھرەت قازانغان، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ مەبۇدىسى بولغان كىشىلەرنىڭ نامى بىلەن قويۇلغان مەنىلىك ئىسىملار بىزنىڭ ئەۋلاد تەربىيەلىشىمىزدە كومپاسلىق رول ئوينايدىغان بايلىقتۇر. بۇ دېگەنلىك ئادەتتىكى ئىسملىك بالىلار ياخشى تەربىيەلەنمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئاتا–ئانىلاردا بالا تەربىيەلەشتە ئەجدادلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇنى بېيىتىپ زامانغا، دەۋرگە خاس، خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلىتىشتە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەۋلاد تەربىيەلەش نىشانى بولۇشى كېرەك.
     بالا تەربىيەلەشتە ھەر بىر كۈن، ھەربىر ياشتا بالىدىكى ئۆزگىرىش، ئالاھىدىلىككە سەل قارىماي، تاپا–تەنە، ئۇرۇش–تىللاشتىن يىراق تۇرۇپ، بالا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆزىگە روھىي يۈك قىلىۋالمايدىغان ئۇسۇلدا بالىلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئىسمىنىڭ ئۇلۇغلۇق، مەشھۇرلۇق خىسلىتىنى تونۇتۇپ، بالىدا ئىچكى قوزغىتىش پەيدا قىلىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئىلمىي ھېس قىلدۇرۇپ، بالىنىڭ تىرىشچانلىقىنى قولغا كەلتۈرەلىسىلا، بالىلار نامىغا لايىق ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ.
    ئەجدادلار ‹‹ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى›› دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. بالىلار ئەجدادلار يۈزىنى يورۇق قىلغۇدەك نام–شەرىپلەرگە، بۈيۈك خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ بالىلاردىكى تەمەخورلۇق ھېسابىغا روياپقا چىقمايدۇ. بەلكى ھەر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىجادكارلىقى ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغ، مەنىلىك قىلىشقىلا ئەھمىيەت بەرمەي، قەلبىنىڭ، كۆز قارىشىنىڭ، ئىش–ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغلۇققا ئىگە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرەيلى. بالىلارنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما روھى قۇرغاق چوڭ بولسا، بۇ ئاتا–ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالىدۇ. بىز ئىسىم قويۇشقىمۇ، بالىنىڭ روھىيىتىگىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۆلەلىسەك، ئېسىل خىسلەتلەرنى بالىلارغا مەڭگۈ ھەمراھ قىلدۇرالىساق، شۇندىلا بالىلارنى ئوبدان تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 13:20:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلۇققا ئىگە قىلىشتا ئويلىغىنى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئىسىملارنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇلۇغ ئادەم بولۇشىنى نىيەت قىلغانلىقىدۇر. تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن  ئىسىم توغرىسىدا  چۇڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
869
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 14:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-يىللاردا كۆرەش،يالقۇن..... غا ئوخشاش يېڭى مەدەنيەت ئۇقۇمىدىكى ئىسىملار مودا بولسا -90يىللاردا مۇھەممەد، ئىيسا،يۈسۈف ....دەك ئىسلامى ئىسىم -فامىلەر پەرزەنتلەرگە قويۇلۇپ كەلدى ...2000-يىللاردا  جەسۇر، ئارمان، جۇلا ،ئېفرانە......... دەك ئەبجەش مودا ئىسىملار ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .... ھەي بىچارە كىشلىرىم ..........
قايسى بىر مىللەتنى شۇنداق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم يەنى :بالىسى توغۇلسا ،داداىسى تۇنجى قېتىم نىمىنى كۆرسە شۇنى ئىسىم قىلىپ قويىدىكەن دەپ.  ئاسمان، يەر ،چېلەك ...دىگەندەك ، بىزگە يەنە شۇ بىر ئىش كەم قالدى. ......ئىسىم دەپ  ئۇنى قويدۇق بۇنى قويدۇق، ھىندىچە شاھرۇخان، ياكى ئېنگىلىزچە جېك ، كورىيانچە جوڭ كومجودەي دىسەك ئازىراق نۇمۇس قىلىۋاتىمىز بۇنىڭغىمۇ ئازقالدى ...ئىشىنىمەن !


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1494
تۆھپە
340
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 14:07:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەتلەرگە چۇقۇم  ئىسلامغا ئۇيغۇن كىلدىغان ياخشى ئىسىم قۇيۇش ،ئاتا-ئانلارنىڭ قەرزى،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
529
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 15:31:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 14:03
70-يىللاردا كۆرەش،يالقۇن..... غا ئوخشاش يېڭى مەدەنيەت ئۇق ...

    بىزنىڭ ھازىر قويۇۋاتقان ئىسىملىرىمىزمۇ بىر قىسمى ئەرەبچە، بىر قىسمى گرېكچە، بىر قىسمى ئېنگىلىزچە، بىر قىسمى ھېندىچە، بىر قىسمى تۈركچە، بىر قىسمى ئىراقچە، بىر قىسمى يەنە بىر يەرچە بولۇپ، ساپ ئۇيغۇرچە ئىسملار ئاز قالدى. قالمىدى، دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ...
    ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە سىز دېگەندەك تۇنجى قېتىم نېمىنى كۆرسە شۇنى قويىدىغان ئادەتلەر بۇرۇن ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ھازىر تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئازلاۋاتىدۇ، يوقاۋاتىدۇ...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 03:58, Processed in 0.079944 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991