- تىللا
- 264
- تۆھپە
- 101
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
- جۇغلانما
- 567
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
- تىزىملاتقان
- 2012-4-30
- UID
- 14563

- تىللا
- 264
- تۆھپە
- 101
- UID
- 14563
|  |  |  |  | جۇڭگو تۇرپان يىپەك يولى 21-قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمى پىچان قۇمباغ سەيلىگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى 
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو تۇرپان يىپەك يولى 21-قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمى پىچان قۇمباغ سەيلىگاھىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئاتاقلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا، ۋە باشقا سەنئەتچىلەر كېلىپ، بۇ قېتىملىق جۇڭگو تۇرپان يىپەك يولى 21-قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئارقىدىنلا 3-نۆۋەتلىك جوڭگو ئاسىيا -ياۋروپا يەرمەنكىسى ۋە 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ پىچان رەڭلىك قاشتېشى غەلىتە تاشلار كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى جۇڭگو تۇرپان يىپەك يولى 21-قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمىنىڭ پىچاندا ئېچىلىشى، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بولغان بىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلغۇسى.ئۇنىڭدىن باشقا پىچان ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش، ۋە ئۇنى سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق سودا يوللىرىنى ئېچىش ئارقىلىق پىچان ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم ئىناق، باياشات تۇرمۇش كەچۈرشى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ناھايتى ياخشى بولغان شارائىت ھازىرلاپ، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش شۇنىڭدەك ساياھەت يوللىرىنى سىرتقا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، بۇ قېتىملىق جۇڭگو تۇرپان 21-قېتىملىق يىپەك يولى ئۈزۈم بايرىمىغا، جۇڭگو ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ مەبلىغى ئارقىلىق، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سېلىش،شۇنداقلا شىنجاڭ تۇرپان يىپەك يولى 21-قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمىنى پىچاندا تەسىس قىلىش ئارقىلىق، پىچان ناھىيەسىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، جۈملىدىن پىچان ناھىيەسىنىڭ شىكەر ماددىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۇنياغا داڭلىق ھەر خىل ئۈزۈمى،يەنە دۇنياغا داڭلىق ھەر خىل قوغۇنى، پىچاننىڭ ئالاھىدە تاش ماتىرىياللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەت نۇقتىلىرى بولغان، قۇمباغ ساياھەت باغچىسى، تۇيۇق مازار غوجام مەقبەرىسى، يەنە پىچاننىڭ تاش ماتېرىياللىرى بازىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت.
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر :
![P20~6G]KF[TUI`DHWP5`[WC.jpg P20~6G]KF[TUI`DHWP5`[WC.jpg](data/attachment/forum/201208/27/190318bds9ivtw0z4t3wli.jpg)
![1ZB%]OHIC2B9A2{%@ZUW3JN.jpg 1ZB%]OHIC2B9A2{%@ZUW3JN.jpg](data/attachment/forum/201208/27/190310kepi4pxp3pyiz73e.jpg)


![UR){DQNZ[D$I%QE4V(~{D]U.jpg UR){DQNZ[D$I%QE4V(~{D]U.jpg](data/attachment/forum/201208/27/1903206v2xslco2l52d5l3.jpg)




![Z38G`MVJT2]U`)10QKE{[I4.jpg Z38G`MVJT2]U`)10QKE{[I4.jpg](data/attachment/forum/201208/27/190324979tp97mapztmav5.jpg)
بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئۈزۈم بايرىمىنى سۈرەت ئارقىلىق كۆرۈپ بولسىمۇ ھوزۇرلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى
|  |  |  |  |
|
|