كۆرۈش: 10710|ئىنكاس: 11

خەلقىمىزنىڭ گىجىم ياغلىق سەنئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
65
تۆھپە
19
UID
20495
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:34:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلقىمىزنىڭ گىجىم ياغلىق سەنئىتى


008.jpg


    گىجىم ياغلىق - خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلات مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن ھەر مىللەت خانىم- قىزلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى ۋە كېيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن نامايەنلىرىدىن بىرىدۇر.
    گىجىم ياغلىق ساپ يىپەكتىن توقۇلىدىغان، سىدام ئاق رەڭلىك بولۇپ، تۆت چاسا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 1مېتىر 10سانېتىمىر چۆرىسىگە 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چۇلچۇلا چىقىرىلىپ، توخۇ كۆزى، تەڭگە چۆچۈرە، غىچ يەنى خىش شەكىللىك گۈل چىقىرىلىدۇ. گىجىم ياغلىقنى توقۇشتا ئۇزۇنلۇقى 50- 60 سانتىمىتېر، دىيامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان قىزىل يۇلغۇننىڭ پىشقان چىۋىقىدىن ئىككى دانە زىخ ياساپ، زىخنىڭ ئىككى ئۇچىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، يىپنى ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن گۈل نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئوڭ ۋە تەتۈر توقۇلىدۇ. ئاندىن چۆرىسىگە تەكشى تەييارلانغان 20 سانتىمېتىر چۇلچا زىخ بىلەن ئېلىپ توقۇپ چېتىلىدۇ.
    گىجىم ياغلىق توقۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سىپتىلىقى، مىللىي خاسلىقى بىلەن ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ گىرەلىشىش، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن ھۈنەر سەنئەت مەدەنىيىتىمىزدە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى بىر قەدەر ئىنچىكىلىكلىكى، سىپتىلىقنى، ئەستايىدىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان نەپىس سەنئەت. زامانىۋى تاۋار بويۇملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ۋاقىت زىچلىقى، ۋارسلارنىڭ ياشىنىپ قېلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە بۇ كەسپكە قىزىقىدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەپلىك گىجىم ياغلىق توقۇش مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ھەم ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى قوغداش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرىشىمىز كىرەك


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ سەنئەت بۇ گۇزەللىكنى بىز ئۆزىمىز يوق قىلۋەتتۇق !!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
24466
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 14:01:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:42:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ   بۇ ياغلىقنى  كىشلەر  ھازىر چامدان   ياپىدىغان  ،،ئۇرۇن ياپىدىغان  قىلىپ  خالىمىسا تاشلاپ  قويىدىغان بوپ كېتىپتىغۇ..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 19:55:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرىشىمىز كىرەك.سىلەرنىڭ ئورۇندا بۇ تۇر مەخسۇس غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلدىمۇ؟ئاپتونۇم رايۇن ۋە دولەت دەرىجىلىك تۈر قىلىپ بېكىتىلدىمۇ؟مەن بۇ تۈرنى 2008-يىلى بىر قېتىم يوللىغان ئىدىم .ئاپتۇنۇم رايۇندىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ بىز ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتى ئىكەنلىكىگىنى بىلمەمدۇ ؟ياكى بىز ياخشى يوللىيالمىدۇقمۇ بىلمىدىم .ئەپسۇس ئاپتۇنوم رايۇن دەرىجىلىك تۈرگە كىرەلمىدى .كىيىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرىدن سورىسام <<بۇ ئويغۇرلارنىڭ ما؟>> دەيدۇ بەك ئەپسۇسلاندىم .مەدەنيەت سېستىمىسىدا سەنئەتنىلا چۇڭقۇر چۈشۈنىدىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى مەدەنيىتىنى  بىلمەيدىغان كىشىلەر بۇ سەپتە ئورۇن ئىگەلىۋالسا مىللى مەدەنيەت چۇقۇم چاتاق چىققۇدەك ،نىمىشقا خەلق ۋەكىللىرى ۋە ھاكىميەت ئورۇنلىرى مۇشۇ مەسىلىنى ئەتىراپلىق ئويلاشمايدىغاندۇ؟ئەگەر بۇ مەسىلە رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىسا مىللى مەدەنيەت يوقۇلۇپ كېتىدۇ.ۋەياكى ھازىرقى بىر قىسىم رايۇنلاردىكىدەك ئۈلۈك شەكىلدىكى ئەبجەش نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 20:05  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 21:01:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
    گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتسە ،  شۇنداقلا بۇ  ياغلىقنى  تېخىمۇ كۆركەم  ، تېخىمۇ نەپىس شەكىللەردە لايىھىلىسە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشى مۈمكىن ، شۇنداقمۇ ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1458
تۆھپە
1134
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 08:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ئارتىۋالسا شۇنداق يارشىدۇ بولمىسا  .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:02:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەڭلا بۇ ئەنئەنىمىز راسلا يۇقاپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 01:06:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتا بورۇن گىجىم رومال زاۋۇتى بار ئىدى ، بەك چوڭ زاۋۇت ئىدى .ھازىر زاۋۇتنىڭ ئورنىمۇ يوق ، لىكىن  ئۆيىدە گىجىم رومال توقۇيدىغانلا بارغۇ دەيمەن .بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ كۆڭۈلدىكى سۆز پىرگىراممىسىدا كۆرسەتكەن ئىدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:37, Processed in 0.098994 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991