كۆرۈش: 5066|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
24585
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:26:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى



007.jpg


    ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، چارۋىچىلىق، دېھقانچلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ياغاچ، تاش، سۆڭەك ۋە ھەرخىل مېتاللاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك قورال-ياراغ، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا خېلى بۇرۇنلا ھايۋانلارنىڭ يۇڭى، كەندىر، زىغىر پاخىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك تورمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەت توقۇش ھۈنىرى سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان، ئۇلار يۇلغۇن، تال-توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇلار توقۇپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېۋەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   1. توغرا سېۋەت


   بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى توغرىسىغا ئۇزۇنچاق، قاپ ئوتتۇرىسىغا سۆگەت بادىرسىدىن قىلىنغان يايى شەكىللىك باغ بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئۇ، چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، ئوت-چۆپ ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئەپلىك كېلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆرۈك سېۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

   2. ئاياغلىق سېۋەت



   بۇ خىل سىۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە توقۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ ئاساسلىقى ھايۋانلارغا ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك (ھەلەپ) بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىشقا بەكمۇ باپ كېلىدۇ .


   3. قاپقاقلىق سېۋەت



   بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاساسلىقى تال-توغراق چىۋىقىدا ، يۇمىلاق شەكىلدە ، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار كىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن توقۇلۇپ، قاپ ئوتتۇرىسىغا ھىم كەلگۈدەك تۇۋاق قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن تۇتىدىغان باغ چىقىرىلىدۇ.بۇنى ئەجدادلىرىمىز نان ، گۆش-ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا پايدىلانغان.

   4. قوشۇقلۇق سېۋەت



   بۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ھەم ئۇششاق تال-توغراق چىۋىقىدا توقۇلىدىغان سۈپىتى ئۆزگىچە سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، ھەجىمى كىچىكرەك، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن باغ چىقىرىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تاماق يېيىشتە پايدىلىنىدىغان قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ساقلاشتا پايدىلانغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ ‹‹قوشۇقلۇق›› سېۋەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن .


   5. تەۋەڭ



   بۇ خىلدىكى سېۋەت يۇلغۇن، تال-توغراق، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەنىڭ چىۋىقلىرىدا توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى تۈز ھەم چوڭ لېگەنگە ئوخشاش توقۇلىدۇ.ئۇنى ئاساسلىقى ناۋايلار تونۇر بېشىدا نان قويۇپ ساقلاش، بازارلاردا قولى ياكى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نان سېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىپ كەلگەن .

   6. سۈكەن



   بۇ خىلدىكى سېۋەت بىر نەچچە تال، ئۇزۇنلىقى 70-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۆگەت بادرىسىنى ئۆرۈش قىلىپ، يۇلغۇن ياكى سۆگەت چىۋىقىدا ئاستى تارراق، ئۈستى كەڭرەك تىراپىتسىيە شەكلىدە توقۇلىدىغان يەنە بىرخىل سېۋەت بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بۇنى ئاساسلىقى ئېشەكلەرگە بىر جۈپتىن قىلىپ ئارتىپ، مېۋە-چېۋە قاچىلاپ يۆتكەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مېۋە-چېۋە قاچىلايدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل سېۋەت ئۆز رولىنى يوقاتتى.


   7. باداڭ سېۋەت



   بۇ خىل سېۋەتمۇ ئوخشاشلا يۇلغۇن چىۋىقىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە ، ئاستى ، ئۈستى چەمبەر شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئەجدادلىرىمىز ئاشلىقلارنى بىخەتەر ساقلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا كونىلارنىڭ ‹‹ئاشنى باداڭدىن سوراڭ، ئىشنى كاداڭدىن (سوراڭ) ›› دېگەن ماقالىمۇ شۇنىڭدىن قالغانمىش .

   8. خامان سېۋىتى



   بۇ دەرەخنىڭ ئۇششاق چىۋىقلىرىدا ئاياغلىق سىۋەتنىڭ شەكلىدە ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقى پاتقۇدەك قىلىپ توقۇلۇپ، خامان ئېلىش ۋاقتىدا خامانغا قوشۇلغان ھايۋانلارنىڭ بۇغدايلارنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇمشۇقىغا كەيدۈرۈپ قويۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ھازىر خامان ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېۋەتمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز رولىنى يوقاتتى.

   9. باسماق سېۋەت



   بۇ خىل سېۋەتنىڭ ئاستى تار، ئاغزى تەرىپى كەڭ قىلىپ، تىراپىتسىيە شەكلىدە ئېھتىياجىغا قاراپ، تومراق چىۋىقلاردا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ئېغىز ئايلانمىسىنىڭ ئەتراپىغا توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېشى پاتقۇدەك تۆشۈكچىلەر قويۇلىدۇ. بۇ سېۋەتنى دۈم كۆمتۈرۈپ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن.

   10. كۈۋۈك سېۋەت



   بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاياغلىق سېۋەتكە ئوخشاش، كىچىك ھەم پاكار، پەتنۇس شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كەپتەرخانىلاردا كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەجدادلىرىمىز دەرەخنىڭ ئۇششاق غوللىرىدىن پايدىلىنىپ، زەمبىل، چويلا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىز ئاستا-ئاستا مودىدىن قالماقتا.

004.jpg


005.jpg


006.jpg



ئەسكەرتىش: سۈرەتلەر بىلەن مەزمۇن ماس ئەمەس ، سۈرەتلەر پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى
ئاپتور: يۇپۇرغا ناھىيەلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدا


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:48:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ قىممەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىكىمدە خىلى سىۋەتلەرنى سۆگەت ۋە يۇلغۇن چىۋىقلىرىدىن توقۇپ كەپتەرلىرىمنىڭ بالا چىقىرشى ئۇچۇن ئۇۋا ‹  يەرلىك تىلىدا كاۋاك  › ياساپ بىرەتتىم ، توقىغان سىۋەتلىرىم مانا مۇشۇنداق چىقاتتى !!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 15:51:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداقمۇ  سېۋەت  توقۇش  بارما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئەمدى  بىلىۋالدىم..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 19:43:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېۋەت دىگەنى ئاجايىپ چىرايلىق،نەپىس ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ تۇقۇپ چىقىپتۇ بۇلار،قوللىرىغا دەت كەلمىسۇن بۇ چىۋەر ،قۇلى گۈل ئۇستاملارنىڭ !!!!!!دوستۇم ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەت تۇقۇش ھۈنۈرى ھازىر كوپ جايلاردا  يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى.سڭز - بىزدەك كىشىلەر بۇنى قوغداش ۋە ياشلارغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئىزلەنمىسەك كەلگۈسى ئەۋلاتلار بىلەيدۇ .رەھمەت  ئەجىرىڭىزگە!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 20:17  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 21:03:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېۋەتنىڭ بۇنداق كۆپ تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى بۈگۈن ئاڭلىشىم .
رەھمەت سىزگە .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 23:50:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدا دىيىلگەن تۈرلەردىكى سېۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم سۈرىتى، توقۇش جەريانىنىڭ سىنغا ئېلىنغان ماتىرىيالى بولسا ئاجايىپ قىممەتلىك ماتىرىيالغا ئايلىناتتىكەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:06:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تىما يۇللاپسىز رەھمەت سىزگە


Rank: 3Rank: 3

تىللا
209
تۆھپە
52
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:11:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بىرسى بار،ئانامدىن قالغان،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:56:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن بىر نەچچىسىنىلا بىلدىكەنمە ئەمەسمۇ ، باشقىلىرىنىمۇ بىلۋالدىم ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:40, Processed in 0.087173 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991