دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
‹1›پاختا پىرىسلاش ماشىنىسى
1794-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن.ئېلىېي ۋىتنېي بۇخىل ماشىننى كەشىپ قىلىپ،چىگىتنى ئايرىپ چىقىپ پاختىنىڭ ئامرىكىنىڭ جەنۇبىدا تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنشىغا زور تۆھپە قوشقان.
‹2›كىيىم تىكىش ماشىنىسى
1846-يىلى 9-ئاينىڭ10-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. ئېرىئاس خوۋنىڭ بۇ كەشپىياتى كىيىم تىكىشتە تۇنجى قېتىم سانائەتلىششنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
‹3›تىكەنلىك سىم
1867-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. بۇنى جۇزىف گېردىن كەشىپ قىلغان. چارۋېچلىق مەيدانى خۇجايىنلىرىنىڭ ئوتلاقلارنى قاشالاش،ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
‹4›تېلېفۇن
1867-يىلى 3-ئاينىڭ7-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن.ئالىكسانىدىر گىل كەشىپ قىلغان بولۇپ ئىنسانلار ئالاقىلىشش تارىخىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئاچقان.
‹5›لامپوچكا
1880-يىلى 1-ئاينىڭ27-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. ئىدىسۇننىڭ تەتقىقات گورۇپپىسىى مۇكەممەل توك تەقسىملەش سىستىمىسىنى كەشىپ قىلغاندىن كىيىن ئاندىن لامپوچكىنىڭ پاتېنىت ھوقۇقى ھەقىقى قىممىتنى تاپقان.
‹6›ئايرۇپىلان
1906-يىلى 5-ئاينىڭ22-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. بۇنى ۋارېىت ئاكا-ئۇكىلار رەسمىي سىناق قىلغاندىن كىيىن ئىنسانىيەتنىڭ شانلىق ئۈچۈش مۇساپىسى باشلانغان.
‹7›ئېلىكتىر بىتاتىك نوسخا ئېلىش تېخنىكىسى
1942-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. چېلىي كارلىسۇن بىر ياردەمچىسى بىلەن ئىلىكتىرۇلىزلىق كۆپەيتىپ بېسىش ئاساسى تېخنىكىسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان. 1946-يىلى خىرۇئىد شىركىتى تۇنجى نۇسخا ئالغۇچنى بارلىققا كەلتۇرۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ شىركەتنىڭ ئىسمىنى شېل شىركىتى دەپ ئۆزگەرتكەن.
‹8›كىرستال لامپا
1950-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن.ئامىركىلىق جون باردىن بىرتتايىت ۋە ۋىلىيام شوكلىي بۇ خىل لامپىنى كەشىپ قىلغان. ئۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا كىلىپ چىققان توپ زەنجىر ،قاتتىق جىسىم،ئىلىكتىر زەنجىر تېخنىكىلىرنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئەكرەمجان مەترۇسۇل،بۇنىيازگۈل سەمەت.
مەنبە: بىلىم كۈچ [2009-7-سان]