كۆرۈش: 6120|ئىنكاس: 6

قارماينىڭ -قارماي بولۇشى...(دەرتمەن119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
154
تۆھپە
39
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 20:51:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراماينىڭ - قاراماي دەپ ئاتىلىشى


1_120810164012_1.jpg



      جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، 1950 - يىل 27 - مارت، جۇڭگو – سوۋېت ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى 1951 - يىلىدىن باشلاپ قاراماي تېغى ئەتراپىدا نېفىتنىڭ بار - يوقلۇقىنى گېئولوگىيەلىك تەكشۈردى. رۇسچە ماتېرىياللاردا قاراماي تېغى «kapaмай» دەپ ئاتالغان، شۇڭا، ئۇنىڭ ئاتىلىشى «قاراماي» دېيىلدى. 1955 - يىلى جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى مەملىكىتىمىزنىڭ شېرىكسىز باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەنزۇچە كىتابلار ۋە ئېغىز تىلىدا ئادەتتە «قاراماي تېغى — 黑油山» دەپ ئاتالدى، 1955 - يىلى يانۋاردا «قاراماي تېغى رايونىنى چوڭقۇرلاپ چارلاش ئومۇمىي لايىھەسى» تۈزۈلدى. مارتتا تۇنجى چارلاش قۇدۇقىنىڭ ئورنى ئۆلچىنىپ، قاراماي تېغى 1 - قۇدۇقى دەپ ئاتالدى.
      1955 - يىل 29 - ئۆكتەبىر 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقتىن نېفىت چىقتى، بۇ يېڭى بىر نېفىتلىكنىڭ بارلىققا كەلگەندىلىكىدىن دېرەك بەردى. 25 - نويابىر «شىنجاڭ گېزىتى» دە ۋە 16 - نويابىر شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىدا بۇ خەۋەر بېرىلدى، ھەممىسىدە بۇ يېڭى نېفىتلىك «قاراماي تېغى نېفىتلىكى» دېيىلدى.
      1956 - يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۇنجى شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ، رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى نېفىتلىكنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە قاراماي تېغى نېفىتلىكىنى قاراماي نېفىتلىكى دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا، ئالدى بىلەن نېفىتچىلىك تارماقلىرىنىڭ ھۆججەت ماتېرىياللىرىدا قاراماي نامى بىۋاسىتە ئىشلىتىلدى ياكى تىرناققا ئېلىپ ئەسكەرتىش بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلىتىلدى. 1956 - يىل 11 - ماي، شىنخۇا ئاگنېتلىقى بەرگەن خەۋەردە، نېفىت سانائىتىنى مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قاراماي رايونى «ئىستىقباللىق چوڭ نېفىتلىك» ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ، زور زىلزىلە پەيدا قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، قاراماي يەر نامى سۈپىتىدە مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقالدى.
      بۈگۈنكى قاراماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولۇپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°1′~84°44′، شىمالىي كەڭلىك °8′~44°7′ 46 نىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، قاراماي، مايتاغ، جەرەنبۇلاق، ئورقۇدىن ئىبارەت تۆت رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر مەيدانى 9500 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 300 مىڭ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن نوپۇسى تەخمىنەن 60 مىڭ بولغان بەش تۇەن - مەيدان بار. نېفىتلىكنىڭ نامى سۈپىتىدە، گېئولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا قىزىلتاغ — قاراماي — ئاقبۇلاق نېفىتلىك رايونىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى جايىر تېغىنىڭ ئالدى ئۈزۈلمە پەلەمپەيسىمان بەلبېغىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي جەنۇبىغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قىيسايغان يانتۇلۇقنى ئاساس قىلغان قاتلام قورشالمىسىلىق نېفىت ئۇۋىسى بولۇپ، يەر ئاستىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ i - ix رايونغا ۋە كونا قاراماي رايونىغا ئايرىلىدۇ؛ ئادەتتە ئېيتىلىدىغان قاراماي نېفىتلىكى تار مەنىدە قاراماي نېفىتلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىلتاغ، ئاقبۇلاق، ئورقۇ، شەيتانكەرش، چېپەيزە، شازغەت قاتارلىق نېفىتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى قاراماي مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىرىسىدە. جۇغراپىيەلىك ئورۇن سۈپىتىدىكى نامى قاراماي رايونىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۈتۈن شەھەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تۇرۇشلۇق جاي. قاراماينىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى نامى بولغان كونا قاراماي شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى نېفىت ئاسفالت دۆڭىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىنىلا كۆرسىتىدۇ.
      مەنبە: قارماي تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 10:45  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
392
تۆھپە
198
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 17:26:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى ئەينى چاغلاردىن تارتىپلار  ئۇ يەردىن قارا رەڭلىق ماي چىققانلىقى ئۇچۇن قاراماي دەپ ئاتالغانمىكىن دىسەم بىر مۇنچە تارىخى باردەكدە ئەسلىدە .


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1228
تۆھپە
518
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 20:51:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم، ئەجرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
874
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 00:34:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇزەل قارماي !


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارماي ھەقىقەتەن گۇزەلدە


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:07:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماي توغرىسىدا مەرھۇم يازغۇچى قېيۇم تۇردى .كۆپ ئىزدەنگەن  جۇڭغارىيە يۇلتۇزلىرى ۋە سېلىم باۋاي ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئاشۇ كىتاپلارنى كۆرسەك قارىماي توغرىسىدكى  چۈشەنچىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 00:35:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قار+ماي=قارماي  ئەمەس.
قارا+ماي=قارىماي ئەمەس.
قارا+ماي=قاراماي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 14:03, Processed in 0.081405 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991