سالام خەت
مۇزلىغان يۇرگۇمنىڭ سىغىنىش ئىچىدە سىرغىپ چۇشكەن تامچىلىرىدىن ئوتلۇق سالام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈزۈك سۇدىن خۇي ئالغان ئەتىر گۈلدىن بۇي ئالغان تولۇن ئايدىن نۇر ئالغان جامالى ئاي ھېسياتقا باي كۆڭلى قارىۋاي روھىيتىمدىكى غەم گۈزارىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ھاردۇقىڭىز چىقىپتىمۇ ؟يۇمران نازۇك قوللىرىڭىز بىلەن بۇ ۋاراقچىنى تۇتۇپ جان ئالغۇچى شەھلا كۆزىڭىز بىلەن ئۇشبۇ مەكتۈپنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ھەسرەتلىك تىنىقلىرىم يۈزىڭىزگە ئۇرۇلغاندەك بولدىمۇ بەزى ھەجىۋىي ئىبارىلەرنى ئوقۇۋىتىپ نازلىنىپ كۈلگىنىڭىزدە مېنىڭ بەدرەك تۈكلۈك يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان يۈرۈگۈمدىن سىزنى خۇش قىلغۇدەك سۆزلەرنىڭ ھېلىمۇ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈرىكىڭىز ئالاقزادە بولۇپ، ئۆپكىڭىز تىترەپ ،چىرايىڭىز چەيزىرەڭ بولۇپ كەتكەندۇ . چۈشلىرىمدە نامايەن بولغان مەۋھۇم تەسۋىرىڭىزنىڭ قىيناشلىرىدىن ئۇشبۇ مەكتۇپنى يېزىش قارارىغا كەلدىم ، ھېچقاچان ئۆزىڭىز بۇ پىنھان بوشلۇقتا بۇ شېرىن ئازاپ گىرەلىشىپ كەتكەن جىلۋىدار يۈرۈگۈمنىڭ چالۋاقاشلىرىنى ئوقۇپ كامادەك كۆزىڭىزنى پىستىدەك قىسىپ ئىنجىقلاپ كۈلىۋەتتىڭىزغۇ دەيمەن ،مەنمۇ مۆمىنجاننىڭ پىغان ناخشىلىرىغا قۇلاق سالغاچ سىزنىڭ پولاتتەك يۈرىكىڭىزگە كىسلاتا سىپىۋاتىمەن . مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىسىڭىز تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە دىگەن شۇئارىغا ئاۋاز قوشۇپ شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھەقىسما قىلىقلارنى قىلىۋاتىمەن، ھەتتا خاتىرەمنى يوقۇتۇپ باشقىچە ياشاش قارارىدا تاملارغا ئۈسۈپ بېشىمنى ئىشتىۋالدىم ئەمما قارىمامسىز شۇ ئىشتىن تارتىپ سۆزلەپ ئولتۇرغىنىمنى راستىمنى ئېيتسام بىۋاستە يۈرەككە تەسىر قىلىدىغان بۇ ئازاپقا مۇپتىلا بولۇپ جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى، مەن كۆرگەن كۈننى باشقا بىرى كۆرسە ئىدى جىگەر ئۆپكە بۆرەك يۈرەكلىرىنى قوشۇپ چېچىۋەتكەن بولاتتى .
بىغۇبار كۆزلۈرۈم بىلەن بەزىدە سىزنى ئۇچرۇتۇپ قالىمەن ئەمما چىرايىڭىزغا قادالغان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا ئەگىيدۇ، گېلىم ئاچچىق بولۇپ بەدىنىمگە زەردىلىك تىترەك ئولىشىدۇ مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن يۈرۈكۈم چاك ئاجراشقا باشلايدۇ ، نەپەس ئېلىشىم تەسلىشىدۇ روھىم جىسمىمدىن ئايرىلىپ يۈرىكىڭىزگە ئېسلىپ ھۆكىرەپ، يىغلاپ ،تارمىلاپ ،نالە قىلىشقا ئىنتىلىدۇ .پەقەت سىز يېنىمدىن ئەگىپ خېلى يىراققا كەتكەندىن كېيىنلا ئەس ھوشۇمغا كېلىپ تۈكۈرۈگۈمنى گېلىمدىن تەستە ئۆتكۈزۈپ بىر ئۇف تارتىپ يولۇمغا راۋان بولىمەن . بۇ دەقىقىلەر شۇنچە ئازاپلىق فانتازىيىلىك ھاياجانلىق قورقۇنۇشلۇق بولسىمۇ يەنىلا ئەسلەشكە ئىنتىزار بولۇشقا ئەرزىيدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمىي-ھايا گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىق روھىڭىز پاك جىسمىڭىز سادىق يۈرىكىڭىز بىرلىشىپ سىزنى رىۋايەتلەردىكى ھۆر پەرىلەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ ،رەھمەت ئەمما ئارجىڭىزدىن تۇيدۇرماي قارىسام بۇرۇنقى غەمكىن چىرايىڭىزغا ماسلاشتۇرۇپ يىنىك قەدەم ئېلىشىلىرىڭىز ئۆزگۈرۈپ يېڭى نالە قاققان تەخەيدەك سوكۇلداپ ماڭىدىغان بوپ قاپسىز .
جىڭ گەپنى قىلسام ئاتالمىش جوبو چاغلىرىمدىن تارتىپ مەن ئەسلا ۋىسالىڭىزدىن ئۈمىد كۈتۈپ باققان ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ ئاشۇ كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان جامالىڭىزنى سىزغاچ مەجنۇن كۆزىڭىزگە تويغۇدەك قارىۋالغۇملا بار ئىدى، ئەمما ھازىر تويغۇدەك ئەمەس يىراقتىن كۆرۈۋېلىشمۇ بەس مۈشكۈل بوپ قالدى .، قاراڭ ئەتىگەنلىك شەپەق ھىجران ئوتىغا كەچكى شەپەق ئىشقى ئوتىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە كەچكى شەپەقنى كۆرگەن كىشىلا ھەقىقىي زۇلمەت كېچىنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ .، ھە راست ھىدروگىندەك يەڭگىللىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىن نازۇك قەلبىڭىزدە ئىلەنگۈچ ئۇچۇپ ئۆزۈمگە دەرت كەلتۈرۈۋالغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ چۈشەنمەيدۇ ھەم دەپ يۈرۈش بىھاجەتتە. ئەمما مۇزلىغان يۈرۈگۈم سىزگە ھەر قاچان تەشنا، سىزنىڭ نازلىنىپ كۈلۈپ تىكىلىپ قاراپ مۇزلارنى سۇھالىتىگە ئەكىلشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ ،ھۆل يۈرەكنى كۆيدۈرىدىغان باشقا بىرى ئۈچۈن ئۇ مەڭگۇ ياشىشى كېرەك ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ مۇز يۈرەك يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاش يۈرەككە ئايلىنىشى مۇقەررەر.
سىزنىڭ ئاشۇ جادۇ كۆزىڭىزگە قاراپ كۆيۈپ يۈرگەن يۈرەكلەر نۇرغۇن دۇ ھە ئەمما مېنىڭ يۈرۈكۈم كېيىنچە باشقا بىرى ئۈچۈن سوقسىمۇ ئۆپكەمنىڭ ئىككى قانىتى ئارىسىدىن مەڭگۈ سىزنى يۇشۇرۇن مارىلايدۇ . مېنىڭ ئىككىنجى سۆيۈش نىشانىم بولغان ھەجۇرۇل ئەسۋەتنى يېنىش يېنىشلاپ سۆيگۈنۈمدە سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن چۈنكى سىزنى ھەرقانداق قىلىپ ئۇنتالمىدىم ئۇلۇغ پەيلاسوپ سوقرات <سەن بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايدىغان ئادەم سەن ياخشى كۆرۈپ سېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمدۇر> دەپتىكەن .،ئەتىگەندە ئويغۇنۇپ بىرىنچى بولۇپ قىلدىغىنىم كۆزۈمنى ئېچىش ئۇنىڭدىن قالسا سىزنى ئويلاش سىزنى سېغىنىپلا تۇرىمەن ئازاپلانساممۇ كۆرگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ ھەر بىر تىنىقىمدا سىزنى ياد ئېتىمەن ئازاپلانساممۇ كۆرگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ ۋاھاكازالا قانداق قىلاتتىم ئىنساننىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ . تەغدىردىن ئاغرىنىشمۇ بىر ئازاپ ھەم بۇ دانانىڭ ئىشى ئەمەس مۇشۇ تەغدىر ساڭا تەئەللۇق قوبۇل قىلماي ئىلاجىڭ يوق . شۇنداق ئەمەسمۇ سىزسىز ياشاشنى ئويلىسام تەغدىرنى تىللاپمۇ قويىمەن نېمە دەپ دېمەمسىز <ماڭا تەئەللۇق بولمىغان ئادەمنى نېمىشقا ماڭا ئۇچراتتىڭ مېنى كۆيدۈردۈڭ ئېھ زىنھار تەغدىر>..... تەغدىردىن ۋەھى كېلىدۇ .
ھەر كىشىنىڭ بېشىغا كېلىدۇ قىسمەت ،
شۇ قىسمەت يېزىلغان تەغدىر بىر ھېكمەت .
شۇ ھېكمەت بولغاچقا تۇرمۇشۇڭ گۈزەل ،
بولساڭمۇ پەرىشان ماكانىڭ خىلۋەت.
دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان نېمە بار دەيسىز مانا بۇ ئاھۇ زارىم پىغانىممۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئاخىرىدا ماڭا ئوخشاش ھايات يولىدىن سىزنى ئۇچرۇتۇپ يۈرىكىمدە پەيدا بولغان ھارارەت مېڭىسىدە شەكىللەنگەن ئارزۇ -ئارمان سەۋەپلىك ۋىسالىڭىزغا يېتەلمىسىمۇ بىر ئېتقاتقا ئىگە بولۇپ ھالال ياشاپ كەلگەن بىتەلەيلەرگە ۋاكالىتەن سىزگە مۇشۇ ھۆسىن جامالنى ئاتا قىلغان ئۇلۇغ ئاللاغا .سىزنى ئاپىرىدە قىلىپ ئەدەپ -ئەخلاق ئۆگەتكەن مېھنەتكەش ئاتا -ئانىڭىزغا ، رەھمەت ئېيتىمەن ھاياتىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن ، مەندەك سىتولبىغا قاراپ مىڭىپ قىزلارغا ئۈسىۋالىدىغان ھاماقەت دوستىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇراسىز مەندىن ئەنسىرىمەڭ ،مۇرادىغا يېتەلمەيدىغانلار تىزىملىكىدە مېنىڭ ئىسمىم يوق، ئەمىسە سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بۇلاقتەك كۆزىڭىزنى باسىن تەخسىدەك يۈزىڭىزنى ئاسراڭ ،ئەمدى مەن خوشلىشاي بۇ خەتلەرنى قايتا قايتىلاپ ئوقۇيسىزغۇ دەيمەن كېيىن ھاياتلا بولسام سەۋەپلا بولسا ۋاقىتلا تاپسام پۇرسەتلا تېپىلسا مۇشۇنداق ھىجران مارشىنى يېزىپ تۇرىمەن سىزمۇ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۇرمىگەيسىز خۇشاللىقىڭىزنى ئامانلىقىڭىزنى بەختىڭىزنى تىلەپ چىرۋىنازىڭىز رىشتەمدىن
ئايرىغاننى بىلگەن_يىلى ھىجراندا قالغان_ئاينىڭ ئازاپتا جۆلىگەن_كۈنى