ئاقسۇ شەھىرىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا ئاقسۇ ئەزىز سودا شەھەرچىسىدىن ئوتلۇق سالام !
ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرى مەھكىمە ، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە باشقا ئالاقە ئىدارە -ئورگانلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى شۇنداقلا كېلىۋاتقان روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئاقسۇ شەھەرلىك ئەزىز سودا شەھەرچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ۋىلايىتىمىزگە قاراشلىق ناھىيە -شەھەرلەر ئۆز- ئارا تۇنجى قېتىملىق << ئەزىز پۇتبول لوڭقىسى >> نى تالىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
بۇ مۇسابىقە 8- ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا كەڭ كۆلەملىك ئېچىلىش مۇراسىمى قىلىش بىلەن بىرگە ، كۈندە چۈشتىن بۇرۇن 8:30 ئىككى مەيدان ، چۈشتىن كىيىن 1:30 ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئادرىس : ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى ( 1،5،17،37،29 يول كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا چىقىپ تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىدىكى بىكەتتە چۈشۈڭ )
كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆز - ئارا يەتكۈزۈپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
