كۆرۈش: 1683|ئىنكاس: 1

ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2095
تۆھپە
739
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 10:55:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى

     

    دوستلۇق __ ساداقەت بىلەن ئۇرۇق چېچىشقا ،قىزغىنلىق بىلەن سۇغۇرۇشقا ، پىرىنسىپاللىق بىلەن تەربىيەلەشكە ، ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق قوغداشقا مۇھتاج .
    ئادەمنىڭ دوستى ياخشى بولسا ، ئۆزىمۇ ياخشى بولىدۇ .
    دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان سۆز دوست سۆزى ، دۇنيادا تاپماق ئەڭ تەس نەرسىمۇ دوست .
    دوستى كۆپنىڭ دۇنياسى يايلاقتەك كەڭ ، دوستى ئازلارنىڭ دۇنياسى ئالقاندەك ئاز .
    ياخشى كىشى دوستلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزىلىدۇر ، ياخشى ئىش ئىشلارنىڭ ئەۋزىلىدۇر .
    گۈلنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ، دوستلۇقنى قەدىرلەش كېرەك ،ھەقىقىي دوستلۇق قىش كۈنلىرىدىكى ئاپتاپقا ئوخشايدۇ .
    ئىتتىپاقلىق ئىنسان مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەر قانداق شۇملۇقلارنى توسۇپ تۇرىدىغان پۇختا پولات قالقان .
    ئىتتىپاقلىق __ گۈزەل دەۋراننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئالتۇن ئاچقۇچ .
    چىرايلىق يۇمشاق سۆزلەر كىشىلەرنى ئاداۋەت پەللىسىدىن ئىتتىپاقلىق مەرتىۋىسىگە يەتكۈزىدۇ .
    دوستلار ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىق دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان كاۋىكىدۇر .
    كىتابنى ئوقۇۋېرىپ ، پىكىر يۈرگۈزمىسىڭىز بىلىدىغانلىرىڭىزنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى ھېس قىلىسىز ، كىتابنىمۇ ئوقۇپ ، تېخىمۇ كۆپ پىكىر يۈرگۈزگەن چېغىڭىزدا بىلىدىغانلىرىڭىزنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز .

                  ماقال  - تەمسىل

     قۇرۇق چېلەك تاراقشىيدۇ ، بىلىمسىز ئادەم ۋالاقشىيدۇ .
    سۆلەت گىرىم بىلەن ، گۈزەللىك بىلىم بىلەن .
    سۇ بىلەن زېمىن ياشنار ، بىلىم بىلەن ئەل ياشنار .
    كۆڭۈل قويساڭ بىلىمگە ، شاد كېلىدۇ ئېلىڭگە .
    كۈن يورىقى تاڭ بىلەن ، دىل يورىقى ئاڭ بىلەن .

       مەنبە : نادىرلار تورى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1515
تۆھپە
1152
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 08:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلاقتا ساقلاشقا تىگىشلىك ياخشى سۇز ئىبارىلەركەن  بولدۇ بىلۋالدىم رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:03, Processed in 0.069548 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991