پالۋانلار يۇرتى ـــــــ گۈزەل شوپۇل
شوپۇل ـــــــ قۇمۇلنىڭ 120 نەچچە كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ، ئەڭ چەت يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇرۇنقى زامانلاردا ‹‹ تالتېغى ›› دەپ ئاتىلاتتى . ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپى ئېگىز قارلىق تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، غەربىي شىمال تەرىپىدىمۇ قارلىق تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . ئاشۇ تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدا شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان بىر جىلغا بار بولۇپ ، بۇ جىلغىنىڭ شەرق تەرىپى ‹‹ قوراي ››، غەرب تەرىپى ‹‹ قاراڭغۇ كېچىك ›› دەپ ئاتىلىدۇ . ھەر ئىككى جىلغا بىپايان كەتكەن چىمەنزار يايلاقلارغا تۇتىشىدۇ . ئەڭ شەرقى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ باي يېزىسى بىلەن ، جەنۇبى تاشبېلىق يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . مەمۇرىي جەھەتتىن تاشبېلىق يېزىسىغا قارايدۇ . شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىسىڭىز ، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىگە چۈشىسىز.
شوپۇللۇقلار باراقسان تاغ تېرەكلىرى ، ئارچا ۋە قىرچىنتاللار بىلەن قاپلانغان ئاشۇ جىلغىلاردىكى ئەلۋەك تاغ سۇلىرىدىن پايدىلىنىپ ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلسا ، تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى بۇ بەركەتلىك زېمىندا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . بۇ يۇرت ئەلمىساقتىن قۇمۇل شەھىرىنى مول گۆش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن .
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن بىر بولغان 1931 – يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى مانا موشۇ يەردىن باشلانغان . شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىكى سەركەردىلەردىن سالى دورغا موشۇ يۇرتلۇق بولۇپ ، قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسىغىمۇ شۇ كىشى ئوت تۇتاشتۇرغان ئىدى .
