‹ پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش› فىلىمىنى رېژىسسور بىلەن بىللە كۆردۇق
بۈگۈن 8-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى خانساراي كىنوخانىسىدا، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ‹پىيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش› ناملىق كىنونى ئۇشبۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ ئەپەندى، فىلىمنىڭ ئىجرائىيە رىژىسسورى جۈرئەت ئۆمەر ئەپەندى ۋە باشقا تاماشىبىنلار بىلەن بىللە كۆردۈق. بۇ فىلىمدە چاۋشيەن 10 مىڭ كىشىلىك ‹ئارىراڭ› ناملىق ئۇسسۇلىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، جۇڭگو- چاۋشيەن دوستلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلغان بولۇپ، بىز بۇرۇن ئاڭلىغان چاۋشيەن توغرىسىدىكى تازا توغرا بولمىغان چۈشەنچىلەرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىزدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ فىلىم ھەقىقىي بىر چاۋشيەن دۆلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، شۇنداقلا بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان فىلىمدۇر.
بۇ فىلىمگە ئوباما، روسىيە ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ چاۋشيەن رەئىسى ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن.
http://www.m1905.com/video/play/549837.shtml بۇ ئادرېستىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز.
