كۆرۈش: 17357|ئىنكاس: 16

قىزلار سىزدىكى مۇنۇ ئادەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزلار سىزدىكى مۇنۇ ئادەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ

1.ئولتۇرغاندا ئىككى پۇتىنى بىر بىرىگە ئالماشتۇرىۋېلىپ، ھەدەپ لىككاڭلىتىپ ئولتۇرۇش.

2.ئولتۇرغاندا شىمىنىڭ پۇشقىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىش.

3.ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرۈش.

4. ئەينەككە تولا قاراش،ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇقلىق قىلىش.

5. كۈلگەندە ئىككى قولى بىلەن ئاغزىنى تۇسۇۋېلىش.

6.يول ماڭغاندا بەل ۋە ساغرىسىنى ئوينىتىپ مېڭىش.

7.چاي ئىچكەندە ،ۋە تاماق يېگەندە ،نەرسە كېرەك تۇتقاندا چىمەلتىكىنى دىڭگايتىۋېلىش.

8.يول يۈرگەندە سومكىسىنى ئالدىغا ساڭگىلىتىپ ئېسىۋېلىش.

9.ئولتۇرغاندا ئىككى تىزى ھەم پۇتىنى چىڭ جۈپلەپ ئولتۇرۇش.

10. سومكىسىنى بېلىگە ئېسىۋېلىش.

11. ھەمىشە بۇرنىنى كوچىلاش.

12. كۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ چىمىلدىتىش.

13. خۇشال بولغاندا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناپ نايناقلاش.

14. تولا كېرىلىش.

15. قولىنى تۈكۈرۈكتە ھۆللەپ پۇل ساناش.

16. يېنىدىن قىز ياكى چوكانلار ئۆتسە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە كۆز ئۈزمەي قاراش.

17. تاماقتىن كېيىن بىر ھازاغىچە چىش كولاش.

18. تاماكىنىڭ ئىسىنى بۇرنىدىن چىقىرىش.

19. پويىز ، ئاپتوبۇس ،كىنوخانا ،يىغىن زاللىرىدا پۇتلىرىنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇققا ئارتىۋېلىش.

20. ساقال -بۇرۇتلىرىنى يۇلۇش.

21. بېشىنى تاتىلاپ چېچىنىڭ كېپىكىنى چۈشۈرۈش.

22. ئاممىۋى سورۇنلاردا نائۇشتىكنى قۇلىقىغا بېكىتۋېلىپ ،ناخشا -مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ ،پۇتلىرى بىلەن دىكۇڭلاپ پاۋۇز بېرىش.

23. ئايىغىنى يېشىپ پۇتىنى پۇراش.

24. خەت يازغاندا ئاغزىنى يوغان ئېچىۋېلىش.

25. قوللىرىدىن قاس چىقىرىش.

26. ئورۇن تاللىماستىنلا ،كەلسە كەلمەس يەردىلا ئۇخلاش.

27. كوچىلاردا بىر بىرىنىڭ مۈرىسىگە قوللىرىنى ئارتىۋېلىپ ،ئاغزىغا كەلگەن پاراڭلارنى قىلىشىپ ،كەلسە – كەلمەس ھىجىيىپ كۈلۈش.

28. ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك،ئۆزىدىن كىچىكلەرنى بوزەك قىلىش.

29. ئۆرۈپ ئادەت ،ئەقىدە ئېتىقادقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك.

30. كېيىم – كېچەك ،يۈرۈش تۇرۇشنىڭ نورمال ھالەتتىن غەلىتىلىككە قاراپ ھالقىشى.

31. غايە ، ئېتىقاد ،ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر .

مەنبە:«ئەي يىگىت ئاگاھ بولۇڭ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1276
تۆھپە
534
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 14:57:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھىچقايىسسى يوقكەن ... ھى ھى...


يوللىغۇچىغا رەھمەت، يىگىت بولغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
563
تۆھپە
260
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 16:25:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خۇداغا شۈكرى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى مەندە يوقكەن.


Rank: 4

تىللا
310
تۆھپە
164
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:07:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ھەممىسى ئاگاھ بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن دېمىسىمۇ ئاددى ئىشلارغاسەل قاراپ بىپەرۋالىق قىلىپ قۇيۇپ ئۆمۈرلۈك ئازاپتا قالغاندىن يامان ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزەتكەن ئەۋزەل.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
599
تۆھپە
324
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:11:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قىز دوستۇم دائىم ماڭا ئانچە مۇنچە ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى ياساشقا دىققەت قىلىڭ دەپ تولا تاپىلايدىغان ئىدى.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 23:15:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 17:11
مېنىڭ قىز دوستۇم دائىم ماڭا ئانچە مۇنچە ئەينەككە قاراپ ...

مىنىڭچىمۇ  ئانچە  زىيىنى  يوققۇ  دەيمەن قارىغاننىڭ (ھېچ بولمىسا  ساقال بۇرۇتنى ئالغاندىمۇ بولسا قارايمىز)


Rank: 4

تىللا
569
تۆھپە
78
UID
21879
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 23:51:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارئىكەن، بۇ ئىشلارنى قىزلار ئەمەس بەلكىم ھەرقانداق ئادەم ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.    ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ  ئاپتۇرغا  رەھمەت ...ھەم شۇنداقلا  سىزگىمۇ  رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1512
تۆھپە
1152
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 07:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىقەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن. بۇندىن كىيىن بۇ نۇقتىلارغا سەل قارمايلى.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1458
تۆھپە
922
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:05:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18. تاماكىنىڭ ئىسىنى بۇرنىدىن چىقىرىش.

ئۆگەنگەن خۇي دەڭلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر كۈندە 30-35تال ئەتىراپىدا تاماكا چېكىمەن. تاماكا چەككەنلەر بىلىدۇغۇ، نەپەسلىنىش رېتىمىغا ئەگىشىپ ئىس بەزىدە بۇرۇندىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ. ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ باقاي.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:07:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 14:05
18. تاماكىنىڭ ئىسىنى بۇرنىدىن چىقىرىش.

ئۆگەنگەن خۇي دەڭ ...

يائاللا  بىر كۈندە 30-35  نىمانداق  كۆپ..دىققەت قىلىڭ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 03:17, Processed in 0.082423 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991