يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ئەلى كىروران ھەققىدە 
ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرىدىن ئىزغىرىن شامالنىڭ يىنىك سۆيۈپ ئۆتكىنىدەك شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەنمىدىڭىز ؟ ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرىدىن ۋۇجۇدىڭىزغا ئوت تاشلىغان ئاشىقىڭىزغا قەلبىڭىزدە پىنھان سىر بولغان سۆيگۈ نەزمىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولغانمىدىڭىز؟ يۇقارقىدەك سۈپەتلەر بىلەن ئەلى كروران ھەققىدە سۆز باشلاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇ «سۆيگۈ »، « نەرىم خاتا» ، « بەرىبىر» قاتارلىق بىر يۈرۈش كوزۇر ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەن ھەمدە ئۆزگىچە سەنئەتلىك ئوبرازى بىلەن ئاۋامغا تونۇلغان ئۈمىدلىك ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئەلىنىڭ سەنئەتكە بولغان ھەۋەس قىززىقىشىلىرى ئۇنىڭ يۇلغۇن توغراقلار قوينىدا قىيغىتىپ ئوينىغان ئاشۇ سەبىي بالىلىق دەۋرلىرىدىنلا باشلانغان. تەكلىمان باغرىدىكى ئەلۋەك يۇرتلارنىڭ بىرى سانىلىپ كېلۋاتقان چىرا ناھىيەسى ئۇنىڭ ئانا يۇرتى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ئەنە شۇ گۈزەل تۇپراق قويىندا كۆكلەپ، سەنئەتكە بولغان ھەۋىسى ئۇنى ئانا يۇرتىدىن يىراق بولغان ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە پەرۋاز قىلدۇرۇپ، سەنئەت كەسپىدە يۈكسىلىشىنىڭ نۇرلۇق مەنزىلاھىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر ئىنسان ھاياتلىق ئالىمىدە ئۆز تەقدىرى ئۈستىگە چۈشكەن تۈرلۈك قىسمەت كۆلەڭگىلىرىگە ساپ ۋىجدان، توغرا بولغان ئېتىقاد قارشى ھەمدە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد - ئىشەنچ بىلەن قاراپ ھەر بىر قەدىمىنى مەردانىلارچە باسقاندىلا ئۆمۈر باغلىرىنى گۈل - چېچەكلەر بىلەن بېزىيەلەيدۇ . ئەلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا يەنى قەلبىدە كۈۋەجىگەن سەنئەت ھېسلىرىنى ئاساسى ئۇقۇملار بىلەن مۇستەھكەملەش يولىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. ھەر قانداق بىر پەننىڭ ئۆزىگە خاس پىرىنسىپى قائىدىسى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتنى شۇ خىل پىرىنىسىپ قائىدە ئىچىدە تاۋلىغاندا ئاندىن قەلبىدىكى ئارزۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ. مانا مۇشۇ خىل ئىدىيىدە ئۆزىنى توختاۋىسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى غايە ۋە نىشان قىلغان ئەلى ھالا بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشىكەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خەلقىمىز ئۆزلىرىگە مەنىۋىي شادلىق بەخىش ئەتكەن سەنئەتچىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىغا، سەنئەت ھاياتىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ. ئەلۋەتتە ئەلىنىڭ كروران دېگەن بۇ نامنى نېمە سەۋەپتىن تەخەللۇس قىلغانلىقى نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمىزنىڭ قىززىقىشىنى قوزغىغان بولسا كېرەك. بۇ ھەقتە ئۇ دەيدۇ : بۇنىڭدا قانداقتۇر بىر ئالاھىدە مەقسەت -مۇددىئا يوق، ھەممىمىزگە مەلۇم كىروران نامى تارىخىي نام بولۇپ، بۇ نامنى ھەممىمىز ھۆرمەت ھەم ھاياجان بىلەن تىلغا ئالىمىز. مېنىڭ بۇ نامنى ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلىشىمدىكى سەۋەپ، ئادەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىكى يۇرتقا بولغان سېغىنىشىنى ھىچقانداق بىر سېغىنىشقا، تەلپۈنۈشكە تەڭ قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا يىراق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇزاق مەزگىل ياشاش جەريانىدا ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە «كىروران» نامىنى ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلىپ قوللاندىم . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قوللانغان "كىروران" تەخەللۇسى بىلەن ئۆز ئىسمى قوشۇلۇپ ئەلى كىروران بولدى. بۇ تىرىشچان ناخشىچىمىزنىڭ ئىسمى دىيارىمىزنىڭ يىراق-يىراق جايلىرىدىكى كۈيخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ تىللىرىغا ئورنىغان بولسا، ساپ مۇھەببەت ھېسلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان يېقىملىق كۈيلىرى دىللىرىغا ئورنىدى. سەنئەت بېغى ئۆزىنى پەرۋىش قىلغان گۈللەندۈرگەن كىشىلىرىگە ئۆز قوينىدىن مۇناسىپ ئورۇن بېرىدۇ. ھەر ئىنسان ھاياتلىقىدىكى ئۆز كەچمىشلىرىنىڭ ئەڭ ئادىل گۇۋاھچىسى. ئەلىنىڭ بۇ ئورۇنغا ئاز بولمىغان ئەجىر- مېھنەتلەر بىلەن ئېرىشىكەنلىكىگە بىر ئۆزى گۇۋاھ. ھازىرغىچە خەلق ئاممىسىغا سۇنۇلغان ھەر بىر يېقىملىق كۈيىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە سانسىزلىغان ئۇيقىسىز كېچىلەردىكى ھارغىنلىقىنىڭ كۆلەڭگىسى، تەكرار - تەكرار يىرتىلغان تېكىسىت قەغەزلىرىدىكى ئېغىر تېنىقلار بار. ئەلى ئۆزى سۆيگەن كەسپىنىڭ مەنزىلگاھىدا داۋاملىق توختاۋىسز ماڭماقتا. ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىدە پارلاق كەلگۈسىىنىڭ ئۈمىد نۇرى چاقنايدۇ.
مەنبە: ئەلى كىروران تور بېكىتى
(ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئەلى كىروران تور بېكتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇنبىرىمىزگە چىقىرىلدى.)
[audio][/audio] ئەلى كىروراننىڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ۋىدىئولىرى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا serjat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 01:00
|