كۆرۈش: 31416|ئىنكاس: 29

مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6173
تۆھپە
2817
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:05:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى



    2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرى ئەرلەر 69 كىلوگىراملىقلار بويىچە 16 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىش مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىسى، شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ رۇسىيە ماھىرى ئاندىرىي زاماكاۋوي بىلەن مۇسابىقىلەشتى، نەتىجىدە مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 16 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى.

5423d94cgw1dveg0u59nkj.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3541
تۆھپە
1092
UID
489

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:07:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەپسۇس.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
392
تۆھپە
198
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:14:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل بۇرادەر ، كېينكى نۆۋەتلىكتە تېخىمۇ تىرىشقىن ، بىز سېنى يەنىلا قوللايمىز ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:14:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم يېرىملا بولۇپ قالدى ، ئەپسۇس ! ئۇتۇۋالغان بولسا قانداق خۇشاللىنارلىق ئىش بولاتتى - ھە ؟!
مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭنىڭ كېيىنكى  مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشمەن .


Rank: 4

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
275
تۆھپە
101
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:23:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييييي نەتىجە ئالالىغان بولسا  بەك كاتتا ئىش بولاتتى.    بىراق ھىچقىسى يوق ، دۇنياۋى چوڭ سەھنىلەردە مۇسابىقىلىشىپ بىزلەرنىڭمۇ  باشقىلاردىن قىلىشمايدىغانلىقىمىزنى  كۆرسىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلبە! .  
بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەر ئۇچۇن تىرىشساق غەلبە چوقۇم بىزنىڭ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقمۇ بوش ئەمەس! ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا، دەيدىغان ئاتا سۆزىنى ئېسىدە چىڭڭىدە تۇتسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 12:26  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
799
تۆھپە
237
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:26:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەقىبى خېلى يوغانمۇ نېمە ھە؟


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:49:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلىۋىدىلا كۈچلۈك رەقىبكە ئۇچراپ قاپتۇدە ، ئەپسۇس !


Rank: 2

تىللا
139
تۆھپە
18
UID
4262
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 13:01:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭنىڭ نىشانى ئولىمپىك چېمپىيونى :
مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 1988-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلاجۇڭگو گۇمپا كىنولىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بوكس تەنھەرىكىتىگە ھېرىسمەن بولىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى قۇم خالتا ياساپ بوكىس مەشىق قىلىشقا باشلىغان. 2002-يىلى ئۇ شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا تاللانغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كەسپىي مەشىقلەندۈرلگەن.

مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ2004-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان،2007-يىلى 18 ياشقا كىرگەنمۇھەممەتتۇرسۇن چوڭدۇنيا لوڭقىسى بوكىس مۇسابىقىسىدە بەشىنچى بولغان.

2008-يىلىمۇھەممەتتۇرسۇن چوڭتېخى 20 ياشقا توشمىغان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، گەرچە تەييارلىق مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ۋە بوشاشماس روھى رەقىبىنى ھەيران قالدۇرغان، مۇسابىقىدىن كېيىن رەقىبى ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ: بۇ جۇڭگولۇق يىگىت ئىنتايىن قەيسەر ئىكەن، ئۇنى ئۇتۇش ئاسانغا توختىمىدى،-دېگەن.

2009-يىلى 26-ئۆكتەبىر، مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە،مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ64 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان. ئۇنىڭ بەدەن جەھەتتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن 2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، دەرىجىسى 69 كىلوگراملار دەرىجىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

2010-يىلى 24-نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 69 كىلوگراملار دەرىجىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ10 دا 14 نومۇر نەتىجە بىلەن ئۆزبېكىستان ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن، ئاخرىدا 3- بولۇپ قالغان.

لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 2012-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭمۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن فېلىپپىن، قىرغىزىستان ۋە ئىران ماھىرلىرىنىڭ ئۇتۇپ 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ،لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن.


Rank: 4

تىللا
384
تۆھپە
189
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 13:21:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنىڭ ئۆزىلا بىر غەلبە ..!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:38, Processed in 0.082493 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991