«ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسىنىڭ داۋامى...
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن شائىر نۇرمۇھەممەد تۇردىئەخمەتنىڭ پىلانلىشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىلەن قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرىغا قاراشلىق «چىمەنزار ئارامگاھى» دا «ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ خاتىرە پىلاستىنكىسىنى ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي قىممىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا بۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلالمىغان ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تولۇق قاتنىشالمىغان بىر قىسىم ئەدىبلەر «چىمەنزار ئارامگاھى» غا قايتا جەم قىلىندى. پائالىيەت نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىندى. پائالىيەتكە قاراقاش ناھىيەسىدىن ئابدۇلھەمىد ياسىن، ئەخمەتجان ئابدۇللا، ئايگۈل رۇزى، رۇزى ياسىن، ئابدۇقادىر ئوتلۇق ۋە بىر قىسىم ھەۋەسكارلار قاتناشقاندىن سىرت، خوتەندىن جاسارەت جاپپار، ئايشەم ئىسمائىل تەبەسسۈم ھەمدە قاراقاشتا زىيارەتتە بولىۋاتقان يازغۇچى ۋەلى كېرەم كۆكئالىپ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەت داۋامىدا يازغۇچى جاسارەت جاپپار، شائىرە ئايگۈل رۇزى، شائىر نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت مەرھۇم شائىرە ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت ۋە بۈيۈك ئۇستاز يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق مۇئەللىمگە ئاتاپ مەرسىيە ئوقىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ۋەلى كېرەك كۆكئالىپ، جاسارەت جاپپار، ئابدۇلھەمىد ياسىن ۋە ئەخمەتجان ئابدۇللا پائالىيەت توغرىلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت رىياسەتچىلىك قىلدى.
نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتكە دائىر ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋاملىق ئىشلەنمەكتە.
تۆۋەندە پائالىيەتكە ئالاقىدار سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:
(خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇقارقى «ئەدىبلەر ئاۋازى» ناملىق خاتىرە پىلاستىنكىسىنى قىسقا مۇددەتتە ئىشلەپ تۈگىتىشكە پۇرسەت بولمىدى. لېكىن مەن داۋاملىق بۇ پىلاستىنكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.)
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
