قاراقاش ئەدىبلىرى زىيارەتتە...
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى (ھازىر بار بولغان) ئايمۇھەممەت ساھىبى، مەمتىمىن قۇربان، مەتتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، جاپپار رەخىم روھلانى، تۇردى ئەخمەت، ئەنۋەر ھىدايەت، مەمتىمىن نۇرى، نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت، قەييۇم ئىسمائىل، مەتتۇرسۇن سىدىق، ئەخمەتجان ئابدۇللا، يىمىت ياسىن، ياسىن ئابدۇقادىر، ئەركىن تۇرسۇننىياز، تۇردىمۇھەممەت سەئىدى، تۇرسۇنمەمەت نەمەت، ئابابەكرى ئابدۇقادىر، توختىمۇھەممەت تۇراجان قاتارلىق 40 قا يېقىن ئاپتور 7-ئاينىڭ 16-، 17-، 18-كۈنىگىچە (ئۈچ كۈن) قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يول قۇرۇلۇشى، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، دۇختۇرخانا قۇرۇلۇشى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش نۇقتىلىرى، يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مۇھىم نۇقتىلار كۆزدىن كەچۈرۈلدى. زىيارەت پائالىيىتىدە ئاپتورلار ئىنچىكە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ماتېرىيال توپلىدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىگە باشتىن ئاخىرى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئايمۇھەممەت ساھىبى يېتەكچىلىك قىلدى.
(پائالىيەتكە ئالاقىدار بىر قىسىم سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى)
مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
