كۆرۈش: 3672|ئىنكاس: 1

قانداق قىلغاندا نازارەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
14
UID
21462
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 20:08:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قانداق قىلغاندايېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟


1- نازارەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشتىن باشلاش كېرەك.
(1) يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى چوقۇم تەۋەلىكتىكى يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان تىراكتۇرلارنى ئېنىق بىلىشى يىللىق تەكشۈرۈش جەريانىدا يىللىق تەكشۈرۈشتىن قېپ قالغان تىراكتۇرلارنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللاردىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تىزىملىك تۇرغۇزۇش يىل بېشىدا بىر قېتىم يىل ئاخىرىدا بىر قېتىم تەۋەلىكتىكى تىراكتۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بىر يىل جەريانىدا سېتلىپ كەتكەن يۆتكىلىپ كەتكەن تىراكتۇرلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ يىل ئاخىرىدا يىلللىق ترەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان تىراكتۇرلارنىڭ سانىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ چىقىش كېرەك.شۇنداق بولغاندا يىللىق تەكشۈرۈش جەريانىدا تىراكتۇرلارنى تاپالماسلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
(2) يىللىق تەكشۈرۈشتە چوقۇم ساننى قوغلىشىپ سۈپەتنى قوغلاشمايدىغان يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، سوغۇقنى باھانە قىلىپ يېقىنلىقنى كۆزدە تۇتۇپ تىراكتۇرلارنى تەپسىلى تەكشۈرمەيدىغان ياكى تىراكتۇر پونكىتىغا كەلمىگەن تىراكتۇرلارنى تەكشۈرۈپ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۆۈزىۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش چۇقۇم تەۋەلىكتىكى تىراكتۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇلۇق پونكىتقا يىغىلىپ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۈتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(3) يىللىق تەكشۈرۈشتە توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك . كۈچنى ئاجىز ھەم قىيىن نۇقتىلارغا قارىتىش لازىم، بىر كەنىتتە بۇ يىل بىر تىراكتور تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يىللىق تەكشۈرۈشتىن قالسا كېلەر يىلى بۇ تىراكتور چوقۇم تۆت تەي بولۇپ يىللىق تەكشۈرۈشتىن قالىدۇ، شۇڭا چوقۇم تىراكتورلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشتىن قېلىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم يېزىچە يول تەكشۈرۈش جەريانىدا قايسى كەنىتتە تىراكتور كۆپرەك قالغان بولسا شۇ كەنىتكە بېرىپ ئائىلىلەرگىچە كىرىپ بۇ قېلىپ قالغان تىراكتورلارنى چوقۇم يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇش كېرەك. ھەرقانداق يامان تىراكتورچىلارمۇ ئۆيىگە ئولىشىپ بارسا ھېچنىمە دېيەلمەيدۇ ۋە ئامالسىز يىللىق تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ يول تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنداق تىراكتورچىلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبېيكتى قىلىپ جەرىمانىنى ئېغىرراق ئالساق كېلەر يىلى چوقۇم ھەممىدىن بۇرۇن بارىدۇ.
(4) يول تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆپرەك كەنىتلەرگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ يىللىق تەكشۈرۈش جەريانىدا كەلگىلى ئۇنىمىغان ياكى كېچىكىپ كەلگەن يىراق چەت ياقىدىكى گەپ ئاڭلىمايدىغان تىراكتورچىلارنى نۇقتا قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇلاردىن بىر – ئىككى قېتىم جەرىمانە ئېلىۋەتسە، بۇلارمۇ كېيىنكى يىلى بۇرۇن بېرىپ يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ .

2- يول تەكشۈرۈش قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈگۈتۈشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.  
(1) يول تەكشۈرۈش جەريانىدا چوقۇم خىزمەت كىيىمىنى رەتلىك كىيىپ،قائىدە بويىچە يول توسۇش، تەرتىپ ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش . ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شوپۇرلاردىن جەرىمانە ئالغاندا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ قويۇش ۋە جەرىمانە تالونىغا شوپۇرنىڭ قولىنى قويدۇرۇش،  ئۇنىڭدىن باشقا چوقۇم تەكشۈرگەن تىراكتورلارنى تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۇرغۇزۇش كېرەك. تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئۇلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى ئېنىق خاتىرىلەش،  تىزىملاش دەپتىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن نەچچە پۇل جەرىمانە ئالغانلىقىمىزنى خاتىرلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.
     يول تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى  شوپۇرلار ئادەم ئولاشتۇرۇپ بىزنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار مۇنداق چاغلاردا شوپۇرنى بۇلاردىن ئامال بار ئايرىۋېتىش كېرەك . ئۇنى ئادەملەر توپىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاندىن يالغۇز قالغاندا بىر تەرەپ قىلىش بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ  قايتا ئادەم يىغالمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
(2) ئىنتاين ئاز ساندىكى شوپۇرلار بىزگە قاتتىق قارشىلىق قىلىدۇ ۋە قەبىھ گەپ- سۆز ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئىنتايىن ئازاپلايدۇ. مۇنداق شوپۇرلارغا قارتا بۇلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئۇلارنى قانۇندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش كېرەك.
3- تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچايتىش كېرەك.
(1) بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش جەھەتە تەشۋىقاتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىش لازىم . مۇمكىن بولسا مۇھىم يول ئېغىزلىرىغا ۋە ئادەملەر كۆپ توپلىشىدىغان ئورۇنلارغا تەشۋىقات تاختىسى ياكى قارا دوسكا چىقىرىپ شۇئارلارنى يېزىش . قەبىھ ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەڭلىك سۈرەتلىرىنى چاپلاش .
(2) ئۇنىڭدىن باشقا شوپۇرلار زۆرۈر بىلىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇن تۈزۈملەرنى ئىخچام قىلىپ يېزىپ شوپۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزۈپ قوللىرىغا بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇش. ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى بولغان بىر تەشۋىقات تىزىسىنى تەييارلاپ بۇ  تەشۋىقات تىزىسىنى مەكتەپلەردە، بازارلاردا تارقىتىپ يالغۇز شوپۇرلارنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتنى بىر قېتىم بىخەتەرلىك ساۋادىدىن خەۋەردار قىلىش كېرەك .
(3) يېزا كەنىت رەھبەرلىرىنىڭمۇ مۇشۇ ئىشقا قارىتا ئىدىيەسىنى ھەل قىلىش ئۇلارنىڭ ھاشا، مەدىكا ۋە تۈرلۈك كوللىكتىپ ئەمگەكلەرگە تىراكتورغا ئادەم ئېلىپ مېڭىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى توسۇش كېرەك. شوپۇر مەشغۇلاتچىلار بىلەن بولغان ئالقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خۇمدان ئېغىزلىرىدا چوڭ يول ئېغىزلىرىدا تۇرۇپ كەنىتلەرگە چۆكۈپ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويۇش، بولۇپمۇ قالاق يامان ئادەملەر توپلاشقان يىراق يېزا قىشلاقلارغا نۇقتىلىق كەنىتلەرگە كۈچ توپلاپ بېرىپ ئۇلارنى تۈزەشنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
4- خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش تەرەپلەر ماسلىشىش كېرەك.
(1) تىراكتورلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قارانوپۇس تىراكتورلار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ .بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ بۇلارغا ۋاقتىدا نومۇر بېجىرىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش.
(2)  شوپۇرلارنىڭ يۈرۈش كىيىنىشكە ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىلىرىنى ۋاقتىداچىقىرىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش بەزى شوپۇرلارنىڭ يۈرۈش كىنىشكىسى  ھەتتا بىر يىلدىمۇ چىقمايدىكەن . بولۇپمۇ يۈرۈش كىنىشكىلەرنىڭ ئىچىدە تولۇقلىغان تەۋەلىك ئالماشقان يۆتكىلىپ كىرگەن يېڭىدىن نومۇر بېجىرگەن تىراكتورلار كۆپ بولغاچقا يول تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇلارنىڭ قايسىنىڭ كىنىشكىسى راست چىقمىدى قايسىنىڭ چىقتى ئايرىغىلى بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن شوپۇرلار بىلەن ئارىدا ئىخىتىلاپ كۆرىلىدىكەن . شۇڭا تۈرلۈك كىنىشكىلەرنى ۋاختىدا چىقىرىپ قولىغا تەگكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(3) ئېقىپ يۈرگەن كېلىش مەنبە ئىسپاتى ئېنىق بولمىغان  قارا نوپۇس تىراكتورلارغا قارىتا يوقۇرىنىڭ يوليورۇقىنى ئېلىش ئارقىلىق بىر قېتىم پەيجۇ بېجىرىپ تۈگىتىۋېتىش بۇنىڭدىن كېيىن سېتىۋېلىپ نومۇت بېجىرمىگەن ياكى بېجىرىش سالاھىيىتى بولمىغان (كونا) تىراكتورلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ قاتتىق باشقۇرۇپ جەرىمانە قوۇيۇش ياكى بىراك قىلىش شەكلى ئارقىلىق مۇنداق تىراكتورلارنى ئىشلىتىشتىن توختۇتۇش كېرەك. مۇنداق قارا نوپۇس  تىراكتورلار نورمال ساننىڭ ئىچىدىكى تىراكتورلارغا قارىتا يامان تەسىر بېرىپ قويىدىكەن .
(3) شوپۇرلارنى تەربىيەلەشنىڭ بىخەتەرلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار، شۇڭا تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك . تەربىيلەيدىغان كۈننى مۇقىم تۇرغۇزۇپ ھەر ئاينىڭ پالانى كۈنى تەربىيەلەش دېسە شوپۇرلار شۇكۈنى تەربىيلەش بارلىقىنى بىلىپ ئۆزى كەلسە خەۋەر قىلىپ يۈرمىسەك . ئۇنىڭدىن باشقا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلارنىمۇ تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ بەزى  جاھىل ئەسكى شوپۇرلارنى بىر قانچە كۈن تەربىيەلەپ چىقىش شۇ ئارقىلىق شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
  6- باشقىلار .
  (1)  نازارەتچى خادىملارنى مۇمكىن بولسا قېرىنداش ناھىيە شەھەرلەرگە ئاپىرىپ بۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى كۆرسىتىپ ئىلغار تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك.
(2) مۇقىم ۋاقىت چىقىرىپ تۈرلۈك قانۇن -نىزاملارنى ئۆگۈنۈش زۆرۈر يېڭى نازارەتچىلەرنىڭ قانۇن- ساۋاتلارغا بولغان بىلىشى چەكلىك، شۇڭا چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگۈنۈش قىلىش كېرەك.

پەيزىۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن:

ھېزىم ئېزىز

2012-7-24
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:33, Processed in 0.074247 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991