كۆرۈش: 7735|ئىنكاس: 8

چەرچەنلىكلەرنىڭ ئىپتىدائي چالغۇسى─ ئاللىچە راۋاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
21760
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:12:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چەرچەنلىكلەرنىڭ ئىپتىدائي چالغۇسى─ ئاللىچە راۋاپ



    ئاللىچە راۋاپ چەرچەنلىكلەرنىڭ تارىخىي ئۇزۇن ئەڭ ئىپتىدائى چالغۇ ئەسۋابى. ئۇ ناھىيەمىزدە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائى چالغۇ. شۇنداقلا يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان قوغداپ قېلىشقا تگىشلىك غەيرى مەدىنىي مىراسىمىز. ئاللىچە راۋاپنىڭ كېلىپ چىقىشى يىراق قەدىمىي زامانلاردىكى شامان دىنىغا تۇتۇشىدۇ. شامان دىنىدا پېرىخونلۇق ئاساسى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يېڭى تاشقوراللار دەۋردىكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى «دۇنيانى ياراتقان  ئىلاھىي قۇدرەت مەۋجۇت» دېگەن ئىدىيە بىلەن باغلانغان. بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش، پەسىلنىڭ ياخشى كېلىشى، ئۆلۈم-يىتىمنىڭ ئاز بولىشى، كىسەللىكتىن ساقلىنىش،كىسەل بولسا تىزدىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بالايى-قازادىن ئامان بولۇش... قاتارلىق ئىشلاردا دۇئا-تالاۋەت قىلىش بارلىققا كەلگەن. بۇ دۇئا-تالاۋەتلەر رېتىملىق، قاپىيەلىك ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولغان شېئىر-قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. بۇ دۇئا-تىلاۋەتلەر كېيىنچە تېخىمۇ سىرلىق، تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىش ئىھتىياجى بىلەن چالغۇ ئەسۋاپلارغا تەڭكەش قىلىنىپ ئورۇنلانغان. قەدىمقى دەۋرلەردە بۇ  چالغۇنىڭ نېمە دەپ ئاتالغانلىقى بىزگە نامەلۇم. بۇخىل ئەھۋال ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردىكى، ھەر خىل ئېتىقادلاردىكى ئىلاھ چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھالدا داۋاملاشقان. كېيىنكى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ چالغۇ ئىسلام دىنىدىكى ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنى مەدھىيەلەش، ئۆلۇم-يىتىملەردە ھازا قۇشاقلىرىغا تەڭكەش قىلىشنى مەزمۇن قىلغان ھالدا بىر مەزگىل ئىشلىتىلگەن ھەمدە «ئاللىچە راۋاپ» دەپ ئاتالغان. ئۆز دەۋرلىرىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنى مەدھىيەلەش ئاساسىدا يارىتىلغان خەلق داستانلىرىنى  ئۇرۇنلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا كىيىنچە دىنى مەدھىيەلەر بىلەن بىللە ھەر خىل ئىشقى مۇھاببەت، غېرىپ مۇساپىرلىق، جۇدالىق......قاتارلىق خەلىقىمىزنىڭ ئىسستىك تۇيغۇ- سىزىملىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ھالدا تەرەققى قىلىپ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىدا مىراس چالغۇ بولۇپ كەلگەن.

    ئاللىچە راۋاپ شەكلى جەھەتتىن  ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابى راۋاپقا ئوخشايدۇ. ياسىلىش قەدەم باسقۇچلىرى ماتىرىياللىرىدىن قارىغاندا ئىپتىدائى چالغۇلوق خۇسۇسىيىتىنى ئۆز پېتى ساقلاپ كەلگەن. يەنى راۋاپنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىدىن قارىغاندا مۆڭگۈز شەكىللىك قۇلاق چىقىرىش، قارنى يۇزىگە ھايۋاننىڭ تىرىسىنى يېپىش (قوي،ئۆچكە تىرىسىنىڭ يېپىلىشى)، تارىلىرىنىڭ قوي ئۇچەيلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىشى قاتارلىقلاردىن بۇ چالغۇنى خەلقىمىز ئىپتىدائى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق شارائىتىدا بارلىققا كەلتۇرگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.    ئاللىچە راۋاپنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىنتايىن ئەپچىل ياسىلىپ كۆكرەك ئۆلچىمىدە(راۋاپ ياسىغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا) بولۇپ، ئادەتتە 75 سانتىمىېتردىن ئاشمايدۇ. راۋاپ ئادەتتە باش قىسىم(راۋاپ قارنى)، دەستە، قۇلاق قاتارلىق قىسملاردىن تۈزۈلىدۇ. باش قىسمى چۆڭراق ئۇجمە،جىگىدە،چىلان ياغاچلىرىدىن دەستە قۇلاقلرى بىلەن قۇشۇپ ئۇيۇپ ياسىلىدۇ. باش(قارنى) ئامۇت شەكلىگە كەلتۇرۇلۇپ ياسىلىپ ، ئىچىگە قارىتىپ ئۇيۇلۇپ ئويمان شەكلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كىين، ئۇستىگە ئۆچكە تىرىسىدىن قىلىنغان تۈپۈلۈك بىلەن يېپىلىدۇ(كىرىلىدۇ). تۈپۈلۈككە يېپىشقا تەييارلانغان تىرە مۇيلىرى قىرقىۋېتىلگەن(ئاشلانغان) ھۆل تىرە بولۇپ،ئالدى بىلەن تىرىدىن تۈپۈلۈككە يېپىلىدىغان دائىرە تاللىۋېلىنىپ، دائىرىنىڭ ئەتراپى تاسما قىلىپ تىلىنىدۇ. باشلىقنى ياپقاندا(كەرىگەندە) تاسمىلار ناغرا كەرگەندەك راۋاپنىڭ ئاستىغا تارتىلىدۇ. راۋاپنىڭ باش قىسمىغا يېپىلغان تۈپۈلۈك (تىرە) تەكشى چىڭ تارتىلغاندىن كىيىن (يېپىلغاندىن كىيىن)،بىر مەزگىل قۇرۇتۇلۇپ، تازا چىڭ ھالەتكە كەلگەندە، راۋاپنىڭ تۈپۈلۈكى (قارنى)پۈتكەن بولىدۇ. دەستىسىنىڭ دىئامىتېرى ئادەتتە 3-4سانتىمىېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. دەستىسىنىڭ ئۇستۇنكى قۇلاققا ئەگىلىدىغان ئەگىمە ئۇستىگە دەستىگە توغرا كەلتۇرۇپ تارى كۇتەرگۇچ (بۇلبۇلەك) ئورنىتىلىدۇ. بۇ خىل راۋاپنىڭ قۇلاق قىسىملىرى ئۇستۇنكى قۇلاق ۋە ئاسىتىنقى قۇلاقلارغا بۈلىنىدۇ. ئاسىتىنقى قۇلاق ئادەتتە جۇپ قۇلاق دىيىلىدۇ.راۋاپ باشلىقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يۇمىلاق شەكلىدە ئۇيۇلۇپ،شەكلى مۆڭگۈز شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. راۋاپ دەستىسىنىڭ ئۇستۇنكى ئۇچىدىكىسى ئۇستۇنكى قۇلاق بولۇپ، بۇ قۇلاق تۆۋەنگە ئەگمە ھالەتتە چىقىرىلىپ ئوتتۇرىسىدىن يېرىقچە ئۇيۇلىدۇ. ئۇيۇلغان يېرىقچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇدۇل كەلتۇرۇپ 3تۇشۇك ئېچىلىپ، راۋاپ تارىنىڭ  تارىنى يۆگەپ چىڭىتىدىغان ياغاچتىن ياسالغان تارى چىڭىتقۇچ بىكىتىلىدۇ. راۋاپ قارنىغا يېپىلغان تۈپۈلۈك قۇرۇپ تازا چىڭ ھالەتكە كەلگەندە ،ئاندىن ئۇستىگە خەررەك(ئىشەك) ئۇرنىتىلىپ، راۋاپ قارنى باشلىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن دەستىسىگە قارىتىپ 3تال تار تارتىلىدۇ.ھەر بىر تارىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 1سانتىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. راۋاپ دەستىسىگە پەدە باغلانمايدۇ. تارى ئادەتتە راۋاپنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقىدا تارتىلىپ، دەستىنىڭ ئۇستۇنكى ئۇچىدىكى تارى كۇتەگۇچ (بۇلبۇلەك)تىن ئۇتۇپ، ئۇستۇنكى قۇلاقتىكى ئۈچ تۇشۇككە تارى يۆگەش ئۈچۈن تەييارلانغان تارى چىڭىتقۇچقا يۆگىلىپ،چىڭىتىپ تەڭشىلىدۇ. راۋاپ تارى ئادەتتە ئۆچكە ئۇچىيىنى تۇز سۇيىگە چىلاپ سىرىپ يۆگەپ تارتىپ(ئۇچەينىڭ ئىككى ئۇچىنى تۇۋرۇككە باغلاپ ئارلىققا ئېغىر تاشلارنى ئېسىپ) قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.    ئاللىچە راۋاپنىڭ ئالدىنقى  بىرىنچى تارىسى -ئاساسى مىلۇدىيەنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ،قالغان ئىككى تارىسى ئاككۇرد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  راۋاپنىڭ بىرىنچى تارىسى(رەي)، ئىككىنچى تارىسى(لا)، ئۇچىنچى تارىسى(سو) شەكلىدە تەڭشىلىدۇ،يەنى 5__6__2.  ئاللىچە راۋاپ ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى ھەم ئۆزگىچىلىكى بىلەن بۇ قېتىم ئاپتونۇم رايونلۇق غەيرى مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكىدە قوغداش تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى.

مەنبە :چەرچەن مائارىپ تورى www.cherchen.com


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2124
تۆھپە
1020
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:06:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ‹ ئاللىچە راۋاپ ›دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم . بۇ قىممەتلىق مەدىنى مىراسنى قوغداپ قېلىش زۆرۈر .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1400
تۆھپە
506
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 19:00:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتلادىمۇ بۇ خىل راۋاپ بار،  تاغ يېزىللىرىدىكى چارۋىچىلار ئارىسىدا چىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 19:01  



ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1462
تۆھپە
1136
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 20:31:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى راۋاپ ئوخشىمامدۇ. مۇنداق راۋاپنىڭ بالىغىنى بۇرۇن كونا سازەندىلەردىن ئاڭلىغان.مانا ئەمدى تىمىنى ئوقوپ بەكلا سۇيۇندۇم. رەخمەت.


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 21:49:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ بىتىگە يىزىپ پۈتمىسە  باشقا خوشنىلانىڭ بولاپ كەتمىسۇن يانا


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 09:48:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ بىتىگە يىزىپ پۈتمىسە  باشقا خوشنىلانىڭ بولاپ كەتمىسۇن يانا

ئەنسىرىمەڭ بىز بۇ سازنى 2007-يىلى يۇقۇرغا يوللاپ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغداش تۈرىگە ئىتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغان ھازىر ئۇنىڭ چەرچەندە 3ۋارىسچىسى بار .ئىدارىمىزدىن شاگىرت تەربىيلەش ئارقىلىق ھازىرغا كەلگەندە چەرچەن مۇقام مەركىزىدىلا 30دىن ئارتۇق ئەل نەخمىچى بۇ راۋاپنى چېلىشنى ئۈگەندى دەسلەپتە بىز بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەندە بۇ راۋاپنى 50يۈەن ئالاتتى ،ھازىر بولسا 250يۈەندىن يۇقۇرى ئالىدۇ.چەرچەننىڭ قايسى تاغلىق رايۇنىغا بېرىڭ بۇنى چالىدىغان چارۋىچى بار


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايۇپجان بۇ ماقالا پىشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇن بەكىرى مۇئەللىمنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئىكەن.ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويماپسىز.يەنە ئاللىچى راۋاپ دىگەن ئاتالغۇغا ئېنىق چۈشەنچە بەرمەپسىز ئاللىچى راۋاپ دىگىنىمىز ئەركىن ،ئىختىيارى راۋاپ دىگەن مەنىدە يەنى بۇ راۋاپنىڭ پەردىسى يوق بولغاچقاقانداق مۇزىكىغا قانداق چالسا بۇلىۋېرىدۇ ئىختىيارى،ئەركىن چالىدىغان ساز شۇڭا كىشىلەر بۇنى ئاللىچى راۋاپ دەپ ئاتىغان . بۇ راۋاپنى بەزىلەر قويچى راۋىپى دەپمۇ ئاتايدۇ ،كۈپۈنچە چارۋىچىلىقتا چارۋىچىلار مال باققاچ چالغاچقا شۇنداق ئاتايدۇ.چارۋىچىلار بۇ راۋاپنى ھازىرمۇ چالىدۇ.


Rank: 1

تىللا
84
تۆھپە
4
UID
15258
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 15:31:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ چىرا ناھىىسىنىڭ تاغ يېىزىللىدىمۇ  كۆپ  بۇچالغۇ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1443
تۆھپە
915
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 13:22:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئاڭلىشىم، مۇمكىن بولسا سۈرىتىنى قوشۇپ ئەۋەتسىڭىز ياخشى بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 13:22  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 15:32, Processed in 0.082266 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991