ئاپىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن...
(نەسىر)
(1)
شۇنداق بولىدۇ. شۇ كۈنى، تىنىقسىز ياتقان ئاشۇ نۇرانە چىرايغا قايتا-قايتا تاشلىنىسىز.ئۆپكىڭىز ئۆرىلىدۇ.بىر بولۇڭدا يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئاتىڭىز ئۈنسىز بوزلايدۇ، يۈرىكىڭىزگە تۇز سېپىلىدۇ. ئاچا-سىڭىللىرىڭىز ياقا يىرتىپ،ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ .ئەر يېتىپ تىمىم ياش تۆكمىگەن ئاكا-ئىنىلىرىڭىز ئۆزىنى ھەر يان ئېتىپ ئاھ ئۇرىشىدۇ .ئۇرۇق-تۇققان،يېقىن-يۇرۇقلار سىز ئۈچۈن پەرۋانە بولىشىدۇ.پەتىچىلەرنىڭ:" سەۋر قىلىڭ ،جان دېگەن بىر ئامانەت.بەندىكەنمىز،ئىلاج قانچە..." دېگەندەك تەسەللىي سۆزلىرىمۇ قۇلىقىڭىزغا كىرمەيدۇ...
دەل شۇ كۈنى، سىز ئادەتتە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدىغان "جامائەت" دەپ ئاتىلىدىغان بىر توپ كىشىلەر كۆزىڭىزگە تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنۈپ كېتىدۇ.
(2)
شۇنداق بولىدۇ.خېلى كۈنلەرگىچە ئاپىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىلىرىنى تاشلاپ كەلمەسكە كېتىدىغىنىغا ئىشەنمەي يۈرۈيسىز. قارا بېسىۋاتقاندەك ،ئويغانسىڭىزلا ھەممە ئەسلىگە قايتىدىغاندەك ھىس قىلىسىز...
نەگىلا بېقىڭ شۇ سىيماھ كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ.بىراق ،تۇتالمايسىز،پۇرىيالمايسىز،سىلىيالمايسىز...شۇنداقتىمۇ تىنىمىسىز ئىزدەيسىز.ئاشخانا ئۆيدىن،باغدىن،كوچىدىن، قوشنىلاردىن....
ئاتىڭىزدىن ،قېرىنداشلىرىڭىزدىن سورايسىز.ئۇلار سىزنى قۇچاقلاپ ئېسەدەيدۇ. سىلەر بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ ئاپىڭىزنىڭ توپراق بېشىغا كېلىپ قالىسىلەر ...
(3)
شۇنداق بولىدۇ.كۈنلەر،ئايلار شۇ تەرىزدە ئۆتىدۇ...
بىر يەرلەردىن قايتىپ كېلىسىز.ھەر قېتىمقىدەك دەرۋازا ئالدىدا سىزنى ساقلاپ تۇرىدىغان شۇ ئىللىق چىراينىڭ يوقلىقىنى بايقايسىز.تېنىڭىز تىترەپ ،يۈرىكىڭىزگە يىغا ئولىشىدۇ.سەيناغا كىرىسىز.ئاتىڭىز يالغۇز.ھەممە ئۆيگە بىر-بىرلەپ باش تىقىپ چىقىسىز...
بىر كۈنلەردە ئاتىڭىزنىڭ قېشىدا يۇچۇن بىر ئايالنىڭ پەيدا بوپقالغانلىقىنى كۆرىسىز.دەماللىققا نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمەي قىينىلىسىز.ئۇ ئايال پەقەت كۆزىڭىزگە سىغمايدۇ. ئاپىڭىز تۇتقان نەرسىلەرنى تۇتسا،ئاپىڭىز ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلەتسە غۇژژىدە ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ.ئۇ ئايالغا دوق قىلىسىز.بەزىدە ئاتىڭىز بىلەن ئۇنى-بۇنى دىيىشىپمۇ قالىسىز.ئۇرۇق-تۇققان،قۇلۇم-قوشنىلار سىزگە نەسىھەت قىلىشىدۇ...
بارا-بارا سىز ئۇ ئايالنىڭمۇ بۇ ئۆيدە ئاچا-سىڭىللىرىڭىز،كېلىن-كۈيئوغۇللارنىڭ ئالدىدا چوغقا دەسسىگەندەك كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز...
(4)
شۇنداق بولىدۇ.كوچا-كويلاردا بوي-بەستى ئاپىڭىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر ئايالنى ئۇچرىتىپ قالىسىز.يۈرىكىڭىز "جىغ" قىلىپ قالىدۇ."ئاپا"دەپ ۋارقىرىۋېتىشكە تاسلا قالىسىز. ئارقىدىن خېلى بىر يەرلەرگىچە ئەگىشىسىز. بىرەر ئايالنىڭ ئاۋازى،يول مېڭىشلىرى،يۈزىدىكى بىرەر تال مېڭى،ھەتتا ياغلىق چىگىشلىرى ئاپىڭىزنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. ئۇزاق سەپسالىسىز...
قۇلۇم-قوشنىلىرىڭىز،ئاپىڭىزنىڭ دوستلىرى سىزنى كۆرگەندە بىر يېرىڭىزنى ئاپىڭىزغا ئوخشىتىپ كۆز يېشى قىلىشىدۇ.پىشانىڭىزگە سۆيىشىدۇ...
(5)
شۇنداق بولىدۇ.كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئاتېڭىز بىلەن دىيىشەلەيدىغان گېپىڭىزنىڭ نەچچە مىنۇتتىن ئاشمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.قېرىنداشلىرىڭىزمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئىلگىركىگە ئوخشىمايۋاتقاندەك،ئاراڭلاردا نىپىز بىر قەۋەت پەردە پەيدا بوپقالغاندەك بىلىنىدۇ.كۆڭلىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى،دەرتلىرىڭىزنى بىرەرسىگە دىيەلمەي ئېسىلىسىز.ئاپىڭىز بار كۈنلەرنى،دىيىشكەن گەپلەرنى، قىلىۋالغان شوخلۇقلىرىڭىزنى ئەسلەيسىز،سېغىنىسىز.دىلىڭىز نەمدىن قۇرىمايدۇ...
شۇنداق بولىدۇ.شۇ كۈندىن كېيىن دىلدىن چىقىرىپ بىر كۈلگەنلىكىڭىزنى ئەسلىيەلمەيسىز. شۇنچە كۆپ ئادەم، شۇنچە يالغۇزلۇق ھىس قىلىسىز...
شۇنداق بولىدۇ.شۇندىن كېيىن ئاتىلارنىڭ :"ئاپا كەتتى،ھەممە كەتتى" دېگەن سۆزىنى تولا زىكىر قىلىدىغان بوپقالغانلىقىڭىزنى سەزمەيلا قالىسىز ...