كۆرۈش: 5644|ئىنكاس: 2

مۇدىرنىڭ مۇناسىۋەت كۆچىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1703
تۆھپە
817
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 21:13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇدىرنىڭ مۇناسىۋەت كۆچىتى


(ھېكايە)


خەيرىگۈل بەختى



     ئەمەت بۈگۈن كۈندىكىدىن خېلىلا بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى-دەئىشەك ھارۋىسىنى ئېلىپ،ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش ئۈچۈن،ئالدىنقى كۈنى ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يېرىدىن قومۇرۇپ-كۆمۈپ قويغان ياڭاق كۆچىتىنى ھارۋىسىغا بېسىپ،كۆچەت تىكىشكە تەييارلاپ قويغان ئېتىزلىقىغا قاراپ ماڭدى.ئەمەتنىڭ ھارۋىسىغا كۆچەت بېسىپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ،خۇلۇم-قوشىنىلار بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قىغدا ئوغۇتلاپ،ئۆرەك ئېلىپ ياڭاق كۆچىتى سېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئېتىزلىرىغا قاراپ كۆچەت كەپتۇ دېگىنىچە كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ، كۆچەت تىكىشكە ماڭىشتى.ئەسلىدە ئۇلار كەنىت مۇدىرى قاسىم سىرتتىن كىرگۈزگەن كۆچەتنى ئەمەتنىڭ ھارۋىسدا ئەكىلىپ تارقىتىپ بېرىدۇ دېگەن ئويدا كۆچەت تىكىشكە ئالدىراپ ئېتىزلىرىغا كەلگەن ئىدى.دەرۋەقە ئەمەت كۆچەتنى ھارۋىسىدىن چۈشۈرۈپ،ئۆزى تەييارلىغان ئۆرەكلەرگە ئالتە مېتىردا بىرتۈپتىن كۆچەت تىكىشكە باشلىدى.
    -ھەي كۆچەت سېلىشنى توختات!دېگىنچە ئېتىزغا يۈگۈرەپ كىرىپ ئەمدىلا رەتلەپ سېلىنىپ بولغان يەتتە تۈپ كۆچەتنى يۇلىۋەتتى.بۇ تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان قاسىم مۇدىر بولۇپ،45ياشلار چامىسىدىكى قارامۇتۇق مىجەزى چۇس ئادەم ئىدى.ئۇ كەنىت مۇدىرى بولغاندىن بېرى ئورمان تىكىش،كۆچەت غەملەش،دەل-دەرەخلەردىكى كېسەللىك ھاشارەتلەرنى يوقۇتۇشقا دورا سېتىۋىلىش،ئۇلاغچىلىق ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش،خىمىيىۋىي ئوغۇت سېتىۋىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ھېچ قانداق كىشىگە يول قويماي ئۆزى بىر قوللۇق ئەكىلىپ كېلىۋاتاتتى.
    -ھەي ئەمەتئاخۇن، سىلىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۆلچەمسىز كۆچەتلىرىنى سېلىشقا كىم بۇيرىدى؟-دېدى قاسىم تەھرىنى تۇرۇپ.
    ئەمەت تەمكىنلىك بىلەن:
    -قاراپ باقسىلا مۇدىر كۆچەتنىڭ نەرى ئۆلچەمسىزكەن، ئۈچ يىللىق شۇنداق تېمەن ئۆسكەن كۆچەت، كەنىتنىڭ سىرتىدىن كىرگۈزۈپ بىزگە سېتىپ بېرىدىغان كۆچەت ئۆلچەملىككەن-دە! تېخى ئۇ كۆچەت كەلمىسە،كۆچەت سېلىش پەسلى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى.يەرنىڭ نېمىمۇ قۇرۇپ قالاي دېدى؛ شۇڭا ئۆزۈمنىڭ كۆچىتىم يېرىمدە تۇرسا قومۇرۇپ ئەكىلىپ سالدىم بۇ خاتامىكەن دېدى.....
قاسىم مۇدىر ئاچچىقىدىن يىرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ:
    -سەن! كەنىت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بوي سۇنامسسەن يوق؟!
    -كەنىت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماسلىققا ھەددىم ئەمەس بىراق.......
    -ئۆزۈمنىڭ كۆچىتىنى سىرتقا سېتىپ،سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن كۆچەتنى سېتىۋېلىپ سالسام كەنتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنغانلىقمۇ؟كۆچەتنىڭ نەرى ئۆلچەمسىز؟ نېمىشقا سالغىلى قويمايلا؟ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ-تېخى...مۇدىرنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان دېھقانلار تەرەپ-تەرەپتىن غۇل-غۇلا قىلىشىپ جاۋاپ بېرىشتى.
-سىلەر ئالدىرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئەتە-ئۆگۈن بىر كۈيباغ يېزىسدىن ئالاقىلاشقان كۆچەتنى ئەكىلىمىز.
-ئەمەتجاننىڭ قومۇرۇپ بولغان كۆچەتلىرىنى ئېتىزغا تىكمەي قۇرۇپ كېتەمدۇ ؟سىلىنىڭ ئەتە ئۆگۈن دېگەن كۆچەتلىرى قاچان كېلىدۇ؟....
-ئۇ كۆچەتكە قاراپ كۆچەت سېلىش پەسلىمۇ ئۆتۈپ،يەرنىڭ ئوسۇسى ئۆتۈپ  كېتىدۇ دېدى،-سەمەت ئاقساقال.
-ئورمان سېلىش پەسلى تېخى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ،سىلەرنىڭ يېرىڭلارنىڭ نېمى كەتكۈدەك ئەمەس،نېمى كەتسە كۆچەت سېلىپ بولاتتۇق ،ئەمەتنىڭ كۆچىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ.
-يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى تۆنۈگۈن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،ئەمەتنىڭ ياڭاق كۆچىتى ئۆلچەمگە يېتىدىكەن،قومۇرۇپ سېلىشقا بولىدۇ،تەييارلىغان ئورەكلەرمۇ تەلەپكە لايىق بوپتۇ،تاناپ تارتىپ رەتلەپ سالساڭلار بولىدۇ-دەپ ئىجازەت بەردىغۇ؟!-دېدى ئوبۇل تاش .
    -ئۇلار ئۇنداق دېگەن بىلەن، كەنتنى بىز باشقۇرىمىز،ئىشىنى بىز ئورۇنلاشتۇرىمىز،-دېدى قاسىم مۇدىر زەردە بىلەن.
قاسىم مۇدىرنىڭ قول تېلېفۇنى يېقىملىق ناخشا بىلەن سايراپ كەتتى.ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ-ھەئە، شۇنداق .....شۇنداق بولسۇن دېگىنىچە ئېتىزلىققا چىقىپ تېلېفوندا سۆزلەشتىن توختاپ:
    -سەمتاخۇن،- دېدى قاسىم مۇدىر كېكەچلەپ،مەن ئالاقىلاشقان كۆچەت كەلمىگۈچە، باشقا ھەر قانداق جايدىن كەلگەن كۆچەتنى سېلىشقا بولمايدۇ، بۇ بۇيرۇق .ماۋۇ ئۆلچەمسىز كۆچەتنى ھازىرلا بۇ يەردىن يوقات .مەن ھازىرلا كېلىمەن،- دېدى دە كەنىتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
    شەرق ئاسمىنى قىزغۇچ نۇرغا پۈركۈنۈپ،قۇياش كۈلۈپ باقتى. سۇۋادان تېرەكلىك ئاسفالىت يولدا يېزا باشلىقى غەيرەت بىلەن،ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن قاتارلىقلار ماشىنىدىن چۈشۈپ كەلدى.-ھە! سەمەتجان  ئەتىگەندە ھېرىپ كەتتىڭلارمۇ-نېمە!؟كۆچەتنى قومۇرۇپ ئېتىز بېشىغا ئەكىلىپ قويۇپ،سالماي تۇرۇپ قاپسىلەرغۇ؟-دېدى يېزا باشلىقى غەيرەت دېھقانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋېتىپ.
-بىز ھېرىپ قالمىدۇق، قاسىم مۇدىر بۇ كۆچەتنى تىكىشكە قويمىدى دېدى،-ئوبۇل تاش.
-قاسىم مۇدىرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدىغان پايدا ئازلاپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ....
-گەپنىڭ پوسكالىسى دەل مۇشۇ يەردە،-دىدى سەمەت ئاقساقال.
-كەنتىمىزدە ھازىر سالغۇدەك 2-3يىللىق بولغان ياڭاق كۆچەتلىرىدىن 6-7 ئائىلىدە 8000تۈپكە يېقىن كۆچەت بار،بۇ كۆچەتلەرنى سېلىشقا قويماۋاتىدۇ،سىرتقا ساتىمىز،بىز قاسىم مۇدىرنىڭ سىرتتىن ئەكەلگەن كۆچەتلىرىنى سېتىۋىلىپ سالىمىز،تۇتمىسا كېلەر يىلى تولۇقلاپ يەنە سالىمىز...
-نېمىشقا دېدى،غەيرەت ھەممەيلەنگە مەنىلىك قاراپ .
-كەنتىمىزگە چۈشكەن ھەر يىللىق ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىدىكى كۆچەت ،ئۇلاقچىلىق ماتېرىيالى ،كېسەللىك ھاشارەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان دورا قاتارلىقلارنى قاسىم مۇدىر ئۆزى ئالاقىلىشىپ يۆتكەپ ئەكىلىدۇ،نەچچە پۇل دېسە شۇنى بېرىپ ئىشلىتىمىز،بەزى كۆچەتلەر ئېتىزغا كىرەلمەيدۇ، ئۇلاقچىلىق ماتېرىياللىرىمۇ شۇنداق، ئەينا قاراڭ ئەمەتجاننىڭ قومۇرۇپ ئېتىزغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان كۆچەتلىرىنى قاسىم مۇدىر ئۆلچەمسىز كۆچەت دېسە شۇنىڭ بىلەن ئېتىزغا تىكىلمەي تۇرىدۇ.ئەنە بۇ جايدىكى يەرلەرگە كۆچەت تىككىلى 3يىل بولدى ....مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۆتكەپ ئەكەلگەن كۆچىتى ئۆلچەمسىز ئىكەن ، ھەر يىلى سالىمىز ،يىلتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن ئاتالمىش ئۆلچەملىك كۆچەت تۇتمايدۇ ،خېلى كۆپ زىيان تارتتۇق،- دېدى ئوبۇل تاش.
-ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن بىر تۇتاش كۆچەت باھاسىدىن 2-3يۈەنگىچە ئارتۇق ھېساپلاپ كۆچەت پۇلى يىغىۋالىدۇ تېخى ،–دەپ سۆز قىستۇردى يەنە بىر دېھقان .
-بۇ كەنىتتە قاسىمنىڭ قىلغىنى قىلغان، ئەتكىنى ئەتكەن ،بىزنىڭ زىيان تارتىشىمىز  بىلەن كارى يوق ،ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە پۇل كىرسىلا بولدى ،-دېدى سەمەت ئاقساقال.
-سىلەر بۇ ئەھۋالنى بۇرۇنراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلساڭلار بولمامدۇ؟! دېدى،- غەيرەت
-ئەگەر يېزىغا مەلۇم قىلساق قاسىم مۇدىر بىزدىن ئۆچ ئالىدۇ دېدى بىر دېھقان .
-سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار ،بىز ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئىشىنى تەكشۈرىمىز ،ئەمەتجان ئېلىپ كەلگەن كۆچىتىڭنى ئېتىزغا تىكىۋەرگىن دېدى،-يېزا باشلىقى غەيرەت ۋەزنىلىك قىلىپ.
-كۆچەتلەرنى كارانتىن قىلغانمۇ يوق ؟قارىسام كۆچەتنىڭ سۈپىتى ياخشى ،ئىگىزلىكى، توملىقى ئۆلچەملىك، يىلتىزلىرىمۇ تولۇق قومۇرۇلغانكەن ،كارانتىن قىلىدىغان بولسا تاناپ تارتىپ ،ئالتە مېتىردا بىردىن بويسىرى قىلىپ تۈز سېلىۋېرىڭلار، ھەر قانداق ئادەم توسقۇنلۇق قىلسا ماڭا مەلۇم قىلىڭلار،-دېدى، ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن  مەھمۇت.
-تۆنۈگۈن يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىن ۋاڭ ياڭ كېلىپ كارانتىن قىلىپ كەتكەن دېدى پونكىت باشلىقى مەھمۇت .
توپلاشقان دېھقانلار بۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئېتىزلىرىغا تاراشتى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ،ئورمان ئەھيا قىلىش پەسلىمۇ ئاخىرلاشتى. يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتى ،قاسىم مۇدىرنىڭ مۇناسىۋەت كۆچىتى ئارقىلىق دېھقانلارنى قاقتى- سوقتى قىلغانلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ،مال-باھا تارماقلىرى بېكىتكەن بىر تۇتاش باھادىن ئارتۇق يىغىۋالغان كۆچەت،دورا،ئۇلاقچىلىق مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىدىغان بارلىق دېھقانلارغا تولۇق ھېساپلاپ قايتۇرۇشقا قارار ماقۇللاپ،ئۇنى كەنىت كومىتېتى مۇدىرلىقىدىن توختىتىپ قويدى.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1515
تۆھپە
1152
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 15:23:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم قىلسا ئۇزگە قىلدۇ ئۇزى كولىغان ئورىغا ئۇزى چۇشۇپتۇ دىگەن شۇدە.مانا كوزا كۇندە سۇنمايدۇ .
كۇنىدە سۇنار.

Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
7
UID
21521
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:28:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 19:37, Processed in 0.073717 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991